قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

60 يىللىق يۇرت سۆيگۈسى

2018-12-12 19:06:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا، ئەمدىلا «ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش» ئوبېكتى قاتارىغا كىرگەن جاڭ بىياۋ ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «كىم يۇرتىمىزنى ياخشى دېمەيدۇ؟ شىنجاڭ بەك گۈزەل، مەن شىنجاڭنى سۆيىمەن». جاڭ بىياۋ شىنجاڭ شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە تەپتىشلىكى بۆلۈمىنىڭ سابىق بۆلۈم دەرىجىلىك تەپتىشى. ئۇنىڭ جاڭ گاۋپىڭ، جاڭ خۇي تاغا- جيەن ئىككىسىنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ-- ئاتا- ئانىسى جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن، تىرىشىپ قۇرغان يۇرت، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلغان ماكان، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ بالىسى بەختلىك ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئارزۇسىنى پەرۋاز قىلدۇرىدىغان تۇپراق.
1949- يىلى جاڭ بىياۋنىڭ دادىسى شىنجاڭنى ئازاد قىلغان قىسىمغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە كېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇشۇ يەردە يىلتىز تارتتى. ئۇ ئالتە ياش ۋاقتىدا، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىن شىخەنزە شەھىرىگە كۆچۈپ كېلىپ، 60 يىل تۇردى. ئۇ ناھايىتى يېنىك تەلەپپۇزدا: «1960- يىلى شىخەنزە شەھەر دىيىلمەيتتى، بىز شىخەنزىگە يېڭى كەلگەندە ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى كېسەك ئۆيلەر ئىدى، بىردىنبىر بىنا ھازىرقى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، ماي يول يوق، ھەممە يەر شېغىل يول ئىدى» دېدى. ئەينى چاغدا شىخەنزە قۇرۇلىۋاتقان شەھەر بولۇپ، خۇددى ئەمدىلا سىزىلغان چېرتيوژغا ئوخشاش قۇرۇلۇشچىلارنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى بۇ شەھەردىكى نۇرغۇن قۇرۇلۇشچىلارنىڭ بىر ئەزاسى ئىدى.
جاڭ بىياۋ چوڭ بولغاندىن كىيىن قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش قوشۇنىغا قوشۇلۇپ، ياشلىق باھارى ۋە قان- تەرى ئارقىلىق كىشىلىك ھاياتىنىڭ گۈزەل سەھىپىسىنى ياراتتى. ئۇ شىخەنزىدىكى مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى پىششىق بىلەتتى، جاڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «ئەسىر مەيدانى، ئويۇن مەيدانى شىخەنزىلىكلەر سەيلە قىلىدىغان ياخشى جاي؛ ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، جۇ ئېنلەي خاتىرە سارىيى، گېنېرال تېغى كۆپچىلىككە بىڭتۈەننىڭ تارىخى ۋە ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىدۇ». يۇرت تىلغا ئېلىنسا، جاڭ بىياۋ تەبىئىيلا ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتەتتى: «شىخەنزە شەھىرىنىڭ كوچىلىرى پاكىز، رەتلىك، ھەممە ئادەم پائال ئىلگىرلەيدىغان ئاكتىپ كۈچكە تولغان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئالدىنقىلارنىڭ كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شەھەرنى بارغانسېرى ياخشى قۇرۇپ چىقتى».
دەسلەپكى كېسەك تامدىن كېيىنكى گەمە ۋە ھازىرقى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئېگىز بىنالارغىچە، شىخەنزىنىڭ 60 يىلى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات ئۆزگىرىشى جاڭ بياۋنى ھەيران قالدۇردى ھەمدە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قۇرغۇچىلاردىن بولغانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلەندى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، شىخەنزە يەنە چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلەپ، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. گوۋۇيۈەن 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىغا قوشۇلۇپ، شىخەنزىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى. «بۇنىڭدىن كېيىن شىخەنزە بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ» دېدى جاڭ بىياۋ. 
شىنجاڭ توغرىسىدا توختالغاندا جاڭ بىياۋ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر خىل تۇيغۇ». ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭ-- ئۇ 60 يىل ياشىغان شىخەنزە شەھىرى ۋە ئەسكەر بولغان بىر نەچچە يىلدا تۇرغان بۆرتالا شەھىرى، شۇنداقلا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئايرىلىپ باقمىغان يۇرتى ئىدى. ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلدى، شىخەنزە شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلدى. سىياسىي- قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 32 يىلدا، شىخەنزە شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرۇلۇش ۋە مۇكەممەللىشىشىدىن ئىبارەت پۈتكۈل جەريانىغا قاتنىشىپ، شىخەنزە شەھىرىنىڭ ھەتتا شىنجاڭنىڭ قانۇن- تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، تەپتىش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ جاڭ گاۋپىڭ، جاڭ خۇي تاغا- جيەن ئىككىسىنىڭ دېلوسىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كۆپ شەرەپكە ئېرىشتى. يېقىندا ئۇنىڭ ئىسمى «ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى مۇكاپاتلاش» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. شان- شەرەپتىن جاڭ بىياۋ ئىنتايىن ھەيران قالدى. «پېنسىيەگە چىققىنىمغا شۇنچە يىللار بولغان بولسىمۇ، بۇنداق شەرەپكە ئېرىشىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. مېنىڭچە، بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنننىڭ ئادىل، ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە چىقارغان سىگنالى». زىيارەت داۋامىدا، جاڭ بىياۋ دادىسىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن شەنشىگە قايتىپ كۈتۈنۈشكە كەتكەنلىكى، لېكىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا قالغانلىقى، بۇنىڭ خىزمەت سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى «شىنجاڭنى يۇرتۇم» دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىنجاڭ جاڭبىياۋنىڭ شۇنداقلا ئۇنىڭ بالىسىنىڭ يۇرتى. ئۇ ئەينى يىلى ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگە بارغان، ئۇنىڭ قىزى بولسا شىخەنزىدىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن، ئاتا- بالا ئىككىسىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما شىنجاڭغا بولغان مۇھەببىتى ئوخشاش. «شىنجاڭدا قېلىشىمدىكى سەۋەب، شىنجاڭ بەك گۈزەل» دېدى جاڭ بىياۋ. تاغ ـ دەريا، كۆللەر... شىنجاڭدا سان- ساناقسىز گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. جاڭ بىياۋ شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغا بارغان يەنى: سايرام كۆلى، ئۆزگىچە خوتەن، گۈزەل مەنزىرىلىك ئاقسۇغىچە بېرىپ ساياھەت قىلغان. ئۇ مۇنداق دېدى:«شىنجاڭنىڭ گۈزەللىكى كىشىنى تەلپۈندۈرىدۇ. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى