قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خوگو يېيىشنىڭ ساغلاملىققا يوشۇرۇن خەۋپى

2018-12-13 17:16:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئەگەر سىز بېيجىڭ خوگوسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا كاربون چالا ئوكسىدىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىڭ. چۈنكى، بېيجىڭ خوگوسىدا ئادەتتە مىس قازان كۆمۈر ئارقىلىق قاينىتىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ۋاقىتتا ئوتنىڭ چالا كۆيۈپ كاربون چالا ئوكسىدى ھاسىل قىلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم. چۈنكى، ئادەم كاربون چالا ئوكسىدىنى سۈمۈرگەندىن كېيىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، مۇنتىزىم، ھاۋا ئۆتىشىدىغان خوگوخانىنى تاللاش، يەنە خوگونى يەپ بولغاندىن كېيىن، خۇگۇ قازىنىنىڭ ئىس چىقىرىش ئېغىزىنى تېزلا ئېتىۋەتمەسلىك كېرەك. بولمىسا كۆمۈر تولۇق كۆيمەيدۇ. ئەگەر خوگونى ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇپ يېگەندە بېشى قايغاندەك ھېس قىلسىڭىز، بۇ كاربون چالا ئوكسىدىنى سۈمۈرۈۋالغانلىقنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.
  ئەگەر سىز سىچۈەن خوگوسىنى يېيىشنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا تېتىتقۇ مېيىنى ئەڭ ياخشىسى بۆلۈشۈپ يەڭ. چۈنكى، سىچۈەن خوگوسىغا ئادەتتە تېتىتقۇ مېيى ماسلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، بىر ئادەمگە بىر كىچىك قۇتا ماي بېرىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ تېتىتقۇ مېيىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر كۆپ. چۈنكى، خوگو تېتىتقۇ مېيىنىڭ تەركىبى ئاساسەن ياغ بولۇپ، بىر قۇتا يېگەندە ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، تېتىتقۇ مېيىنى تەڭشىگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئۈچ- تۆت ئادەم بۆلۈشۈپ، ئاندىن تەخسىگە يەنە يۇمغاقسۈت، پىيازلارنى قوشۇپ يېسە، قارىماققا ناھايىتى مول كۆرۈنىدۇ ۋە تېخىمۇ يېيىشلىك بولىدۇ.
  ئەگەر سىزنىڭ يېگىنىڭىز چاۋشەن خوگوسى بولسا، ئۇنداقتا ئاسانلا گۆشنى كۆپ يەۋالىسىز. چۈنكى، چاۋشەن خوگوسى كالا گۆشىنى ئاساس قىلىدۇ، يەنى كالىنىڭ ھەر قايسى ئەزالىرىدىكى گۆشلەر خوگو ئۈستىلىگە تىزىلىدۇ. مەسىلەن، تەكشى توغرالغان ئومۇرتقا گۆشى، قار ئۇچقۇنلىرىدەك يۇمشاق ھەم شىرنىلىك بولغان مايلىق بويۇن گۆشى، يۇمشاق ۋە سوزۇلۇشچان سان گۆشى ۋە پىيى، مايلىق تۆش گۆشى قاتارلىقلار. بۇ خىل خوگونى يېيىشتىن بۇرۇن چوقۇم بۇ گۆشلەرنىڭ تەمىنى بىلىۋېلىش لازىم. ئەگەر، بىللە يەيدىغان ئادەم ئاز بولسا، ئامال بار گۆشنى ئازراق بۇيرۇتۇپ، يەنە ئازراق كۆكتات قوشۇش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل خوگو كالا گۆشى شورپىسىدا تەييارلىنىدۇ، شۇڭا ياغ تەركىبىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.
  ئەگەر سىزنىڭ يېگىنىڭىز قوي قوۋۇرغا خوگوسى بولسا، ئۇنداقتا بۇ خىل شورپىنىڭ تەمى كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، قوي قۇۋۇرغا خوگوسى يېگەندە، ئاۋۋال قازاندىكى قوي قوۋۇرغىسىنى يەپ بولۇپ، ئاندىن باشقا گۆش ياكى كۆكتاتلارنى سالىمىز. بۇ خىل شورپىنىڭ تەمى قويۇق ۋە ئاچچىق- چۈچۈك بولۇپ، تەمىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا، يېمەكلىكلەرنى سېلىشقا باشلىغاندا، شورپا تۇزلۇق بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا يېڭى شورپا ياكى سۇنى كۆپرەك قۇيۇپ سۈيۈلدۇرۇپ، ئاندىن باشقا يېمەكلىكلەرنى سېلىپ يېسە بولىدۇ.
  مەيلى سىز قايسى خىل خوگونى تاللاڭ، گۆش بىلەن كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە دىققەت قىلسىڭىزلا  خوگو ئېلىپ كېلىدىغان ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىدىن ساقلىنالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى