قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۇڭ لىجۈن كەنت ئاھالىلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆپ تەرەپتىن كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىدى

2018-12-14 11:33:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى شىركىتىنىڭ كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزا ئۇزۇنبوز كەنتىدە تۇرۇشقا ئەۋەتكەن 1- شۇجى سۇڭ لىجۈن بۇ يىل ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، پۈتۈن كەنتتە كىرىمى يۇقىرى ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆپ تەرەپتىن كىرىمىنى ئاشۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىدى.
  ئۇزۇنبوز كەنتىدە ھازىر 270 ئائىلە، 974 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىن 149 ئى يەنى 519 نوپۇس بار. سۇڭ لىجۈن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئائىلە ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، كۆپچىلىكنى كۆپ يول، كۆپ خىللاشقان نامراتلارنى دەل يۆلەش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يېتەكلىدى. سۇڭ لىجۈن مۇنداق دېدى: 2017-، 2018- يىلى نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇش، ئۆيمۇ- ئۆي ھېسابلاش ئارقىلىق توغرا پەرقلەندۈرۈپ، ئادەم ۋە ئائىلىنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئائىلىلەرنى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قوغۇن- تاۋۇز تېرىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق؛ سىرتقا چىقىپ ئىشلەش شارائىتى ھازىرلانمىغان نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا، يېقىن ئەتراپتا، شۇ جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرنى قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.
كەنت ئاھالىسى ھۆرىگۈل ئابلىز مۇنداق دېدى: بالام بەك كىچىك بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىم يوق ئىدى. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ماڭا كەنتتىكى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدىن خىزمەت تېپىپ بەردى، ئايدا 2 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن، قانداقلا قىيىنچىلىقىمىز بولسا ئۇلار ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇلار بولسىلا بىز خاتىرجەم بولىمىز، خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشايمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇزۇنبوز كەنتى يەنە پۈتۈن كەنتتە ئۆلچەملەشكەن كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىسى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ «ئائىلە ئەھۋالى» نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاشكارىلاپ، يېزا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. ئۇزۇنبوز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى مەتقاسىم باۋۇدۇن مۇنداق دېدى: كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاشتا ئاساسلىقى كەنت ئىشلىرى، مالىيە، تۈر، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش فاڭجېن- سىياسەتلىرى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئاشكارلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرى كەنت كوللېكتىپ مۈلكى ۋە مالىيە كىرىم- چىقىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىدۇ.
كەنت ئاھالىسى گۈلخۇمار مەمتىمىن مۇنداق دېدى: بىز كەنت كوللېكتىپىنىڭ تۈرلۈك كىرىم- چىقىملىرىنى ئېنىق بىلىمىز، يەنە ھەر خىل تولۇقلىما قاچان تارقىتىلىدۇ، قانچە پۇل تارقىتىلغانلىقىنىمۇ بىلىمىز، بۇ تەدبىر ناھايىتى ياخشى بولدى.
  تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى