قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەن جيەنجۈن قۇملۇق ساھىلىدا يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى

2018-12-14 11:52:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
شىخەنزە «جۈنيەن» ساياھەت چەكلىك مەسۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خەن جيەنجۈن قۇملۇق ساھىلىدا كەڭ كۆلەمدە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىپ، چۆل- جەزىرىدە يېشىللىق بەرپا قىلىپ، ئەتراپنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى.
بۇ يىل ئۈچ شىمالىي رايون ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقى. يېقىندا دۆلەت «ئۈچ شىمالىي رايون» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى داغدۇغىلىق تەقدىرلىدى، خەن جيەنجۈن تەقدىرلەنگەن 20 نەپەر «يېشىل سەددىچىن سېپىلى مېدالى» غا ئېرىشكەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
خەن جيەنجۈن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8- شى 121- تۈەنىدە تۇغۇلغان. ئۇ 20 نەچچە يىل ئىلگىرى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ، كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، يىللىق كىرىمىنى مىليون يۈەندىن ئاشۇردى. بېيىغان خەن جيەنجۈن شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېرىمىز قۇملۇققا يېقىن بولغاچقا، توختىماي قۇم- بوراقلىق ھاۋا رايى كۆرۈلەتتى. ئەگەردە كۆچەت تىكمىسەم، يەرلىرىم 3 يىلدىن 5 يىلغىچە يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. پۇل خەجلىشىمگە يەتسىلا بولدى، ئارتۇق قىسمىنى جەمئىيەتكە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىشلىتىمەن. شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆچەت تىكىشىم كېرەك.   
121- تۈەن گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلىشىپلا قالماي، شامال ئېغىزىغا جايلاشقاچقا زىرائەتلەر دائىم قۇم- بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇراتتى. 1998- يىلى خەن جيەنجۈن 121- تۈەن 7- لىيەندىكى مىڭ مودىن ئارتۇق قاقاسلىقتا بوز يەر ئېچىپ، كۆچەت تىكىپ، سەھرا ئارامگاھى  قۇردى. خەن جيەنجۈن 2008- يىلىدىن باشلاپ گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە كەڭ كۆلەمدە ئورمان بەرپا قىلىشقا باشلىدى. ئۇ كۆچەتلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، 8 يىلدا 30 مىڭ مو قۇملۇق ساھىلىدىكى 8 مىڭ مو يەردە ئورمان بەرپا قىلدى ھەمدە 800 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق تېرەك كۆچىتى تىكتى. نۆۋەتتە بۇ 8 مىڭ مو يەردىكى دەل- دەرەخنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %98 تىن ئېشىپ، قۇملۇقتىكى يېشىل سېپىلغا ئايلاندى. خەن جيەنجۈن مۇشۇ ئاساستا تۇەن- مەيدانلارنى چىڭ تۇتۇپ، گۇربانتۇڭگۇت قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كىم ئاچسا، كىم مەبلەغ سالسا، شۇ مەنپەئەتلىنىش» تەك سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 6 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، قۇملۇقنىڭ چېتىدە 3 مىڭ مو ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلدى ھەمدە ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، قۇملۇقتا يېشىل ئېكولوگىيە قاۋاقخانىسى قۇردى.
10 يىلدىن بۇيان، خەن جيەنجۈن گۇربانتۈڭگۈت قۇملۇقىدىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ شىمالىي رايون ئىھاتە ئورمىنى» تۈر رايونىدا 10 كىلومېتىردىن ئارتۇق يېشىللىق بەرپا قىلىپ، 500 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق سۆكسۆك تىكىپ، مىڭ مو يەرگە توشقان زەدىكى تېرىپ، شۇ جاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپلا قالماي، چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قوغداش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش جەھەتتە يېڭى ئەندىزە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، تۈەن- مەيداندىكى كۆپلىگەن ئىشچى- خىزمەتچى قۇملۇقنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشىغا ئاتلاندى. خەن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم كۆكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز، بۇ ئورمانلىققا كېلەر يىلى ئەتىيازدا يەنە داۋاملىق كۆچەت تىكىپ، بۇ قاقاسلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆكەرتىمىز.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى