قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مول بەدىئى تەسەۋۋۇر كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش

2018-12-14 16:16:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاساسىي قاتلامدا نەچچە ئون يىل سىنارىيە يازغاندىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىم شۇ بولدىكى، پەقەت ئۆزىنى تەسىرلەندۈرگەن تېمىلارنى يازغاندىلا، ئاندىن تاماشىبىنلارنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ، پەقەت ئىدىيە مەنزىلىنى يېزىپ، دەۋرنىڭ يېڭى ساداسىنى ياڭراتقاندىلا، ئاندىن تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مېنىڭ دىراما ۋە ئەلنەغمە سېنارىست خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىمغا 40 يىل بولاي دېدى. تۇنجى تىياتىردىن ھازىرغىچە، تارىخىي تىياتىر ئىجادىيىتى ئىزچىل مېنىڭ قىزىقىشىم بولۇپ كەلدى. نېمە ئۈچۈن تارىخىي تېمىلارنى قىزغىن سۆيىمەن؟ ھازىر ئويلاپ باقسام، مېنىڭ داڭلىق ئەسىرىمنىڭ تارىخ فىلىمى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى كىچىكىمدىن تارتىپلا تارىخنى ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئىكەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ60- يىللىرى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا، «تارىخ تەتقىقاتى» مەن ئوقۇشقا تېگىشلىك ژۇرنال ئىدى.  مېنىڭ يۇرتۇم فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيەنيوۋ ناھىيەسى. ئۇ يەردە قەدىمىي تىياتىر تۈرى پۇشيەن تىياتىرى تارقالغان، مەن كىچىكىمدىنلا بۇ خىل تىياتىرنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. شۇنداقلا، ئەنئەنىۋى دىراما ۋە ئەلنەغمەلەردىن كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ نۇرغۇن قائىدىلىرىنى بىلەتتىم. ئالىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ، ناھىيەلىك سېنارىستلار گۇرۇپپىسىغا تەقسىم قىلىنغان ۋاقتىمدا، بىر پېشقەدەمنىڭ شەرقىي جىن سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ۋاڭدۈن توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ ھېكايە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۇنى ئاساس قىلىپ، «شىنتىڭنىڭ كۆز يېشى» نى يېزىپ چىقىتىم. ئۇنىڭ مەملىكەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر سەھنە ئەسىرى مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، تارىخىي تىياتىر ئىجاد قىلىش مېنىڭ ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىمغا ئايلاندى، ھازىرغا قەدەر 22 تارىخىي تىياتىر يازدىم. مەن باشتىن- ئاخىر: «مەيلى ئۆزۈم تاللىغان تېما ياكى تەكلىپكە بىنائەن بولسۇن، مەن ھەرگىز زورلاپ يازمايمەن. ھېكايە مېنىڭ قىزىقىشىمنى قوزغاپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىمنى قوزغىغاندىلا، ئاندىن خۇشاللىق بىلەن يازالايمەن» دىگەن مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدىم. بۇ مېنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئويۇن قويغان نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى چوڭقۇر تەسىراتىم. چوقۇم ئۆزىڭىزنى تەسىرلەندۈرىدىغان تېمىلارنى يېزىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ئۆزىڭىزمۇ تەسىرلەنمىسىڭىز، تاماشىبىنلارنى قانداقمۇ تەسىرلەندۈرەلەيسىز؟
تارىخىي تىياتىرلارنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، يەنە بىر چوڭ تەسىرات شۇكى، ئەسەردە ئىدىيە مەنزىلى تەسۋىرلەنگەن، دەۋر يېڭى ساداسى ياڭرىغاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مېنىڭ «فۇشەننىڭ بېيجىڭغا كىرىشى» ناملىق ئەسىرىمنى يېزىشىم، ئۇنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پەزىلىتىگە بولغان مۇراجىئەتىنى ئىپادىلەپ بېرىش ئۈچۈن.مەن «يۈ چېڭلۇڭ» نى يازدىم، بۇ ئاددىيلا بىر پاك ئەمەلدارنى مەدھىيلەش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ، يەنىلا زىممىسىگە ئېلىش روھى بارلىقى ئۈچۈن يازدىم. ئەقىل بىلەن قارىغاندا، يۈ چېڭلۇڭنىڭ ئەل بولۇشقا دەۋەت قىلىشى پۇقرالارغا ئەڭ پايدىلىق ھەرىكەت. شۇنداق قىلىپ، مەن يازغان جىنجۈي تىياتىرى «يۈ چېڭلۇڭ» يېڭىلىققا ئىگە بولۇپ، روشەن خاسلىققا ئىگە بولدى.
تارىخىي تىياتىر يېزىشتا يەنە بەدىئى تۇقۇلمىغا ماھىر بولۇش كېرەك. ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، چىن چياڭ ئەلنەغمىسىنىڭ داڭلىق ئارتىسى چى ئەييۈن مېنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدىكى جىڭياڭەن ۋۇباۋدىكى ئايال سودىگەر جۇ يىڭنى ئەسلى تىپ قىلىپ ئەسەر يېزىشقا تەكلىپ قىلغانىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، جۇ يىڭ سىشىتەيخۇغا 500 مىڭ سەر كۈمۈش تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، ئىككىسى تاڭ ئاتقۇچە ئۇزۇن پاراڭلاشقان، مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم، جۇ يىڭ زادى نېمە ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ تەقدىم قىلىدۇ؟ كېچىچە نېمىلەرنى دېيىشتى؟ بۇ ئاساستا دادىللىق بىلەن بەدىئى توقۇلما ياراتقىلى بولامدۇ؟ مەن تارىخىي ماتېرىياللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئىزدەپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتىكى يەنە بىر تارىخىي شەخسنى بايقىدىم. ئۇ شەنشى يېڭىلىق تەرەپدارلىرىنىڭ باشلامچىسى بولغان گۇەنشۆ ئىلمى ئۆلىماسى ليۇ گۇاڭبېن ئىدى. ئەينى چاغدا كاڭ يۇۋېي بىلەن قوشۇلۇپ «جەنۇبتا كاڭ، شىمالدا ليۇ» دەپ ئاتالغان. «ۋۇشۈي يىللىرىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش» مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ليۇ گۇاڭبېن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغان، سىشى تەيخۇ غەربكە قاچقاندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ليۇ گۇاڭبېننى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنمۇ؟ جۇ يىڭ ليۇ گۇاڭبېننى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئامال قىلىپ سىشىتەيخۇ بىلەن كۆرۈشكەنمىدۇ؟ كېچىلىك سۆھبەت بۇ ۋەقەنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇ قۇرۇق پەرەز ئەمەس، بەلكى تارىخىي پاكىت ئاساسى بار ئىدى. جۇ يىڭ ئىلگىرى ليۇ گۇاڭبېنغا ياردەملىشىپ كىتاب بېسىپ بەرگەن، ئۇنىڭ ئىلغار سودا قىلىش ئىدىيەسى گۇەن شۆ ئىدىيەسى ليۇ گۇاڭبېننىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ئىدىيەسىگە روشەن تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ نۇقتا، مېنى خۇشال قىلىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن چىنچىياڭ تەلەپپۇزىدىكى «گۈئەنجۇڭدىكى ئاي» ناملىق تىياتىرنى يېزىپ، جۇ يىڭنى ئەسلى تىپ قىلغان شىچۈي تىياتىرى ئوبرازى شاڭ يىڭنى ياراتتىم.
تارىخىي تىياتىر ئىجاد قىلىش بىلەن تارىخ دەرسلىكى يېزىش ئوخشىمايدۇ، تىياتىر يېزىش تارىخشۇناسلار تەمىنلىگەن تارىخىي پاكىتتىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا مول بەدىئىي تەسەۋۋۇرنى جارى قىلدۇرۇش تېخىمۇ زۆرۈر. تارىخشۇناسلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ۋەقە» لىك بولسا، سېنارىستنىڭ مۇھىم نۇقتىسى«ئادەم» بولىدۇ؛ تارىخشۇناس «تارىخ» نى مۇھىم ئورۇندا قويسا، سېنارىست «ۋەقەلىك» كە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ تارىخشۇناس «رىياللىق» نى ئاساس قىلسا، سېنارىستنىڭ مۇھىم نۇقتىسى«قەلب» بولىدۇ؛ تارىخشۇناسنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «قائىدە» بولسا، سېنارىستنىڭ «مۇھەببەت» بولىدۇ؛ تارىخشۇناسلارنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «تۈز» لىك بولسا، سېنارىستنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «ئەگىر» لىكتە بولىدۇ. فۇشەننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، سېنارىست: ۋەقەلىكنى ئەگىر- توقاي قىلىشى كېرەك. قانچە ئەگىر- توقاي بولسا، شۇنچە تەسىرلىك بولىدۇ. ۋەقەلىك شەيئىلەرنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ۋەقەلىك قانچە ھەقىقىي بولسا، ۋەقەلىكى شۇنچە ئەگرى- توقاي بولىدۇ، پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازى قانچە روشەن بولسا، ئويۇن شۇنچە ياخشى بولىدۇ. «يەنى يېرىم توقۇلما، يېرىم ھەقىقىي ۋەقەلىك بولسا، ھەممىگە باب كېلىدىغان ئىش بولىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى