قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شەھەر- يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلاش تەرەققىيات بوشلۇقى

2018-12-14 17:12:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىنى كۈچەيتىشتە، ھەر قايسى مەخسۇسلاشقان يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، چەكلەش رولىنى كۈچەيتىش؛ تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش، پايدىلىنىش، قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى بىر تۇتاش پىلانلاش؛ ئوخشاش بولمىغان ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئورنى بويىچە، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىشنىڭ مۇۋاپىق بولۇشىغا باھا بېرىشنى قانات يايدۇرۇش؛ ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر- بازار قاتارلىق بوشلۇق ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلار، شەھەر- بازارلارنىڭ تەرەققىيات چېگرىسى قاتارلىق ئاساسلىق كونترول قىلىش لىنىيەسىنى ئىلمىي بېكىتىش لازىم. ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ناھىيە، شەھەر قاتلىمىدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ شەھەر- بازار، يېزا- كەنتلىرى، چارۋىچىلىق رايونلىرى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايونلىرىنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆللەرنى بىر پۈتۈن قوغداش سىستېمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى