قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاچچىق مەدەنىيىتى

2018-12-14 18:42:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  لازا لەغمەن:
  دورا- دەرمەننى باش پېرسوناژ قىلىشنى شىنجاڭدىن باشقا جايلاردا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇ شۇنچىلىك ئاددىي ھەم شۇنچىلىك قىزغىن. لازا لەغمەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر گۈرۈچ ئۇنى قورۇمىسى بىلەن تىركىشەلەيدىغان تائام. ئۇ كۆرۈش سېزىمى ۋە تەم سېزىمى جەھەتتە سىزنى بويسۇندۇرالايدۇ، ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق، بۇ مەززىلىك تائامنى يېگەن چېغىڭىزدا، كۆزىڭىز بىلەن كۆرگەن ۋە ئېغىزىڭىزدا تېتىغان لازا سىزگە ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
  سايۋوپا لازا توخو قوردىقى:
  ئەلا سۈپەتلىك يەنسىخەي قۇرۇق لازىسى، توققۇز تۈرلۈك ئىش تەرتىپى ئارقىلىق پىششىقلاپ ياسىلىدۇ. ئاشپەز چۈمۈچىنى پۇلاڭلىتىپ ئۇسسۇل ئوينىتىپ، ياغ ۋە تۇزلارنى توختىماي قاينىتىدۇ، قۇرۇق لازا بىلەن توخۇ گۆشى ئۆز ئارا سىڭىشىپ، قىزىللىق بىلەن ئاچچىقلىق ئۆز ئارا بويسۇندۇرۇلۇپ، خۇشپۇراق بىلەن ئاچچىقلىقنىڭ ئۆز ئارا بىرىكىش جەريانىدا تىل ئۇچىدىكى سېزىمنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. باشقىلارنىڭ لازا توخو قوردىقى يىگەندە نېمىگە خۇمار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن، لېكىن مەن مومىغا چوقۇم لازىسىنى قىستۇرۇپ يەيمەن.
  لازا سوغۇق ئېشى:
  لازا سوغۇق ئېشى خۇشپۇراقلىق ئاچچىققا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇنىڭ چۆپى سوغۇق، تىرىك ھەم ئاچچىق، بۇنىڭغا يەنە جۈسەي بىلەن چىڭسەي، خۇشپۇراق موگۇ، ھەرخىل دورا دەرمەنلەر قوشۇلىدىغان بولۇپ، كۆپ خىل تەم ئۆز ئارا بىرىكىپ ئاجايىپ مەززىلىك لازا سوغۇق ئېشى تەييار بولىدۇ.
  شىنجاڭنىڭ كاۋاۋىچىن توخۇ گۆشى:
  بۇ تىلنى قورۇيدىغان شىنجاڭغا خاس تەم. سۇدا پۇشۇرۇپ تەييار قىلىنغان يەرلىك توخونى ئۇششاق پارچىلاپ، مەخپىي رىتسىپ بىلەن تەييارلانغان كاۋاۋىچىن سۈيى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇنىڭ تەمى تىلنى قورۇيدىغان ئاچچىق، خۇشپۇراق ۋە يېڭى بولۇپ، ئاچچىقلىقىدىن خۇددى ئېغىزىڭىزدىن بوراق چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، پىشانىڭىزدىن توختىماي تەر ئاقىدۇ.
  شىنجاڭنىڭ مىفىن قورۇمىسى:
  ئاچچىقلىقىدىن كىشىنىڭ كۆزىدىن ياش، پىشانىسىدىن تەر ئاققۇزۇۋېتىدىغىنى يەنىلا شىنجاڭنىڭ مىفىن قورۇمىسى. گۇيجۇنىڭ مىفىن قورۇمىسى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ يەرلىك يېمەك- ئىچمەك ئادىتى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۆزگىچە يېمەكلىك بولۇپ قالغان. بۇ دەل شىنجاڭلىق قىزلار ئايرىلالمايدىغان تەم.
     لازا قىيامى:
  شىنجاڭلىقلار تاماق يىگەندە لازا قىيامى سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، مەيلى لەغمەن ياكى نان يىسۇن ئازراق لازا قىيامى قوشۇۋەتسە تېخىمۇ يىيىشلىك بولىدۇ. لازا قىيامى بىلەن ناننى ئارلاشتۇرۇپ يىسە، تەمى تېخىمۇ ئۆزگىچە، تولىمۇ يىيىشلىك بولىدىغان بولۇپ، خۇشپۇرىقى ئېغىزىڭىزدىن خېلى ۋاقىتقىچە كەتمەيدۇ. شېردەننىڭ «قار لەيلىسى» لازا قەلەمچىسى، يەنسىخەينىڭ «ئەن تاغا» لازا قىيامى، يەنە ئىلگىرىكى باغراش لازا قىيامى قاتارلىقلارنى ھەر قانداق شىنجاڭلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىن تاپالايسىز. پەقەت تاماق ئۈستىلىدىلا ئەمەس يەنە بەزىلەرنىڭ خىزمەت ئۈستىلىدىمۇ لازا قىيامىنى ئۇچرىتالايسىز، ئىشلەپ قورساق ئېچىپ كەتكەندە بىر بۇردا نانغا ئازراق لازا قىيام سۈركەپ يەۋەلسا ئاچقان يەرگە بارىدۇ. بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ يىگۈسى كېلىدىغان بولۇپ، قورسىقى ئاچمىغان كىشىنىڭمۇ ئىشتىھاسىنى قوزغىۋېتىدۇ. مانا بۇ نان بىلەن لازا قىيامىنىڭ سېھرىي كۈچى. ئىلگىرى مىكرو بلوگدا «جۇڭگونىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاچچىق يىيىش ئىقتىدارى تىزىملىكى» تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭدا سىچۈەن، گۇيجۇ، خۇنەن ۋە خۇبېي قاتارلىق تۆت ئۆلكە كىشىلەر تەرىپىدىن جۇڭگودىكى لازىنى ئەڭ كۆپ يىيەلەيدىغان ئۆلكە بولۇپ باھالانغان. شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بۇ تۆت ئۆلكىنىڭ كىشىلىرى ئاچچىق يىيەلەيدۇ، دەپ قارالغان. ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش بولۇپ، لازىنى يىيىش يىيەلمەسلىك شەخسنىڭ ئۆزىگە باغلىق، ئەلۋەتتە بۇ تۆت ئۆلكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاچچىق يىيەلىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر: «سىچۈەنلىكلەر ئاچچىقتىن قورقمايدۇ، گۇيجۇلۇقلار ئاچچىق بولۇشتىن قورقمايدۇ، خۇنەنلىكلەر ئاچچىق يىيىشتىن قورقمايدۇ» دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر شىنجاڭلىقلارنىڭ ئاچچىق يىيىش دەرىجىسى بۇلاردىن بېسىپ چۈشەيلا دېدى. ھازىر، كۆپلىگەن شىىنجاڭلىقلار ئاچچىق يىمىسە تۇرالمايدۇ. نۇرغۇنلىغان شىنجاڭ قورۇمىلىرىنىڭ ئاچچىقلىقى ئىچكىردىكى ئاچچىق يىيەلەيمەن، دەپ مەيدىسىگە ئۇرغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزىدىن ياش ئاققۇزۇۋېتەلەيدۇ. ئىلگىرى چوڭچىڭدىكى يېمەك- ئىچمەك بلوگ ئىگىسى مىكرو بلوگدا شىنجاڭلىقلارغا ئاچچىق يىيىشتە جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسىنى تارقاتقان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئاچچىق يىيەلەيدىغان چۇڭچىڭ يېمەك- ئىچمەك بلوگ ئىگىسى ئاچچىققا چىدىماي كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتكەن.
 
  قورساققا ئامراق ھەم تاماق يىيىشنى بىلىدىغان شىنجاڭلىقلار، كۆڭۈل قويۇپ تېرىپ ئۆستۈرگەن شىنجاڭ لازىسنى ھەر خىل شەكىل چىقىرىپ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە شىنجاڭ قورۇمىسىغا ئايلاندۇرغان.   لازا قېرىن قورۇمىسى، مەززىلىك لازا، لازا نان، ئاچچىق قوي پاچىقى قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تائاملىرىنىڭ ھەممىسىگە لازا ئارلاشتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئاچچىق مەدەنىيىتى شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەقىل- پاراسىتىنى دەل ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى