قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئۇلۇغ ھالقىش» ناملىق چاتما خەۋىرىنىڭ «كەنتلەر گۈزەللىشىپ، ئامما بېيىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا چۈمدى» دېگەن 5- قىسمى

2018-12-15 19:09:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «ئۇلۇغ ھالقىش» ناملىق چاتما خەۋىرىنىڭ «كەنتلەر گۈزەللىشىپ، ئامما بېيىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا چۈمدى» دېگەن 5- قىسمى
 قىش پەسلىنىڭ ئارىسال كۈنلىرىدە، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچېرىق بازىرى قىزىلنۇر كەنتى ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزىدە ئاھالىلەر ئۇياق- بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بەزى كەنت ئاھالىلىرى كىتاب ئوقۇش ئۆيىدە كىتاب- ژۇرنال ئوقۇسا، بەزىلەر پائالىيەت ئۆيىدە چېنىقىش سايمانلىرى بىلەن بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتاتتى. كەنت ئاھالىسى نۇرنىسا روزى مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە يېڭىدىن قۇرۇلغان پائالىيەت ئۆيى ناھايىتى ياخشى، ئەسلىھەلىرى تولۇق. قىشتا بىكار بولۇپ قالغاندا بۇ يەردە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز.
 نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى. قىزىلنۇر كەنتىگە ئوخشاش مەمۇرىي كەنتلەردە ئاممىۋىي مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى بار بولدى. زور تۈركۈم يېزا- بازار مەدەنىيەت پونكىتلىرى، كەنت دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركەزلىرى، دېھقانلار كىتاب ئوقۇش ئۆيلىرى يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇك نوتىلىرىدەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى يېزا- كەنتلەردە پەيدا بولدى. ئاساسىي قاتلامغا خۇشاللىق يەتكۈزۈش، يېزا- كەنتلەردىكى يۈز كۈنلۈك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە مۇسابىقىسى پائالىيىتى، ئەدەبىيات- سەنئەت پىدائىيلىرى مۇلازىمىتى، ئومۇمىي خەلق پەن- تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى نادىر مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئۆيلىرىگىچە يەتكۈزدى. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقىنىڭ جانلىق نامايەندىسى.
يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى-- پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئومۇمىيلىققا ئىگە، تارىخىي ۋەزىپە، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ باش تۇتقۇسى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا- كەنتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 9- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە بولغان مەزگىلدىكى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتىگىيەلىك يىرىك پىلانى» نى بېسىپ تارقاتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى شۈ تاۋ مۇنداق دېدى: بۇ «يىرىك پىلان» دا شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى مەۋقە قىلىنىپ، كەسىپلەر گۈللىنىش، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش، يېزا ئىستىلى مەدەنىي بولۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك بولۇش، تۇرمۇش باياشات بولۇش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باسقۇچلۇق پىلانلىشى- ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلارنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ئاساس بولدى. يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت باش فاڭجېندا چىڭ تۇرۇپ، 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان ماكانغا ئايلاندۇردى.
يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش مۇھىم نۇقتا. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا رايونى رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ماددى ئەشيا تورىدا سىناق قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش ۋە يىراقتىن سېزىش تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يان تېلېفون ئەپ دېتالىدا ئېتىز- ئېرىقلارنى باشقۇرۇپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا سۇغىرىش، ئوغۇتلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. چاقىلىق ناھىيەسى چىلانچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئېسىل مەھسۇلاتلارنى يارىتىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى «چاقىلىق چىلىنىنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى» نى بېكىتىپ، زىيانسىز ئۆستۈرۈشتىن ئېتىز- ئېرىق پەرۋىشىگىچە، ئوغۇتلاشتىن يىغىشقىچە بولغان جەرياننى قاتتىق كونترول قىلدى. قاغىلىق ناھىيەسى 1-، 2-، 3- كەسىپلەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياڭاقنىڭ كۆك پوستىدىن مېغزىغىچە تولۇق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى ئىقتىسادشۇناسلىق كافېدراسىدىن دوتسېنت تەن يوڭشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى، ئىلگىرىكى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدىن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يۆنىلىشىگە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك تەمىنات سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە بۇ جەرياندا، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، تەمىنات زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتى.
يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش ئاساس. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «يېزا ئىختىساسلىقلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بايلىقىنى ئېچىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايون «يېزىلاردىكى ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلار باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى» نى يولغا قويۇپ، 2020- يىلىغىچە، زور تۈركۈم ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش، تېخنىكا كېڭەيتىش، پەن- تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى نىشانلىدى. ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى كەنت كادىرلىرىنىڭ يېشى چوڭىيىپ كېتىش، ئىز باسارلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئۈچۈن 10 مىڭ نەپەر كەنت دەرىجىلىك زاپاس ياش كادىرنى مەركەزلىك تەربىيەلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ياش كادىرلار ئىچىدە، مىڭدىن ئارتۇق كادىر كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىگە تاللاپ سەپلەندى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يەنە مەخسۇس ياردەم بېرىش، تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، يېزا- بازارلارنىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى، كەنتلەرنىڭ 1- شۇجىلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى بەنزىگە كىرگۈزۈلگەن كەنت دەرىجىلىك زاپاس ياش كادىرلار بىلەن بىرمۇ- بىر قوشماقلىشىپ، ئۇلارنى قولمۇ- قول يېتەكلەپ تەربىيەلىدى. خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، پارتىيە- ھۆكۈمەت پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ يۇڭتاۋ مۇنداق دېدى: كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلارنى كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن تەڭ ئۆگىنىش قىلدۇرۇپ، بىرگە- بىر ياردەم بېرىش، بىرگە- كۆپ ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيەلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۆگىنىش، تەربىيەلەش ئارقىلىق كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت زاپاس كادىرلىرىنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، يېزا ئىگىلىكىگە مۇلازىمەت قىلىش، پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش قاتارلىق ئالاقىدار ئۇنىۋېرسال ئىقتىدار ۋە ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق.
يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش مۇھىم ھالقا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى مەزگىلىدە شەندۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «يېزا- كەنتلەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، پاسكىنا سۇلارنى تېزگىنلەش، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش ۋە كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ناچار ئۆرپ- ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل، تۆۋەن كاربونلۇق، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش، پىلانلاپ باشقۇرۇش- كونترول قىلىش، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزەش، ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۇزاقق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.
شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى تۈرلۈك كونكرېت ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك روناق تاپقۇزۇشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كەنت ئاھالىلىرى: پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى. ئەسلىدە ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھاجەتخانىسى تاختاي بىلەن توسۇپ قويۇلغان، ئاددىي ھاجەتخانا ئىدى. ھازىر يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەردىكى ھاجەتخانىلار سۇ بىلەن تازىلىنىدىغان، قولايلىق ھەم پاكىز بولدى. بۇ يىل يېڭىمەھەللە كەنتىمىز كونا يولنى ئۆزگەرتىپ يېڭى يول ياساپ، يول چىراقلىرىنى ئورناتتى، ھازىر مۇھىتىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. كەنت ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەنت رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، بىزگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل ئىچكىرىدىكى بىر نەچچە خوجايىن يېزىمىزغا كېلىپ، زاۋۇت قۇردى، يۇرتداشلار بىلەن بىرگە ئۆيىمىزگە يېقىن جايدىلا ئىش قىلىپ، پۇل تاپالايدىغان بولدۇق، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت، دېيىشتى.   

 تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى