قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل يېزا- كەنت، بەختلىك ماكان

2018-12-15 19:12:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقىلىق ناھىيە ئۇتام يېزىسىنىڭ يۇلغۇن ئېرىق كەنتىگە بارغىنىڭىزدا، تۈز ئاسفالىت يولنىڭ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشقانلىقى، چىرايلىق، رەتلىك كىچىك ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنىڭ چىلانلىقتا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرغانلىقى، يورۇق قۇياش ئېنىرگىيەلىك چىراقلارنىڭ كەنتنى يورۇتۇپ تۇرغانلىقى، تۇرۇبا سۈيى، تەبىئىي گازلارنىڭ ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكى، ھەممىلا يەردە «بەختكە تولغان يېزا- كەنت» پۇرىقىنىڭ چىقىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.
  يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە، چىرايلىق ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەر ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ھويلىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقان سۇڭ لى مۇخبىرغا ئىلگىرى بۇنداق بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇراتتۇق. 2008- يىلى ئىككى قەۋەتلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق. بۇ ئۆيلەرنىڭ تازىلىق ئۆيى، تەبىئىي گاز، تۇرۇبا سۈيى، ئەۋرەز يولى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل، دېھقانلارنىڭ بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم.
  1970- يىلى 23 ياشلىق سۇڭ لى ئۆزى يالغۇز نىڭشيادىن يۇلغۇنئېرىق كەنتىگە كېلىپ، بۇغداي ۋە كۆممىقوناق تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈردى. ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى ئاران 100 نەچچە يۈەن ئىدى. مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سۇڭ لىنىڭ كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل بولدى. 21- ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن چاقىلىق ناھىيەسى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چىلان ئۆستۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش كەسپىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىپ، چىلانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. سوڭ لى ئۆزىنىڭ 18 مو يېرىنىڭ ھەممىسىگە چىلان كۆچىتى تېكتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۈچ يىلدىن كېيىن 30 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدىم. ئۆمرۈمدە 30 مىڭ يۈەن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن، 30 مىڭ يۈەننى يانچۇقۇمغا سېلىپ توپتوغرا بىر ئاي ساقلىدىم. ئېتىزدا ئىشلەۋاتقاندا يانچۇقۇمدىن چىقىرىپ قاراپ قۇياتتىم، شۇنچىلىك خوش بولغان ئىدىم.
  سۇڭ لى ئائىلىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يۇلغۇنئېرىق كەنتىدىكى 40 يىلدىن بۇيانقى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر سىڭگەن. «ساغلام، يېشىل، ئورگانىك» بۇ نىشاننى چۆرىدەپ ئۆستۈرۈلگەن ئورگانىك چىلان شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى» ۋە «يېشىل بانكا» سىغا ئايلاندى. يۇلغۇنئېرىق كەنتىمۇ شۇ جايدىكى يىراق- يېقىنغا تونۇلغان ئىلغار كەنت، باي كەنت، بەخت كەنتىگە ئايلاندى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەكرى ياسىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن كەنتنىڭ چىلانلىق كۆلىمى 2 مىڭ 608 مو كېلىدۇ. بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 34 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. نۆۋەتتە، كەنتىمىزدە تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېزىلاردىكى ئاساسىي، غول يول ۋە ئاممىۋى پائالىيەت رايونلىرىغا قۇياش ئېنىرگىيەلىك يول چىرىغى ۋە چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلدى. كۆپچىلىكنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.
  بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت، ئېيىتىشتى. كەنت ئاھالىسى ئايۇپ راخمان مۇنداق دېدى: بۇ ياخشى تۇرمۇش پارتىيەنىڭ ئەۋزەل سىياسىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. كېيىنكى كۈنلىرىمنى تېخىمۇ بەختلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشىمەن.
   بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇشى بېيىغان كەنت ئاھالىلىرى مەنىۋى دۇنياسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ ئۇرۇقىنى قەلبىگە سىڭدۈرمەكتە.
 ئىككى كۈندىن بۇيان، كەنت مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيىدە كەنت ئاھالىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. كەنت ئاھالىسى گۈلباھار تۇنىياز مۇنداق دېدى: ھازىر ۋاقتىم بولسىلا كەنتتىكى پائالىيەت ئۆيىگە بېرىشنى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى، بۇ يەردە نۇرغۇن كىتاب بار، ھازىر يانچۇقىمىز تومپايدى، ئەقلىمىزمۇ ئېچىلدى.
  بۈگۈنكى كۈندە، يۇلغۇنئېرىق كەنتىدە، ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. بۇلتۇر يۇلغۇنئېرىق كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە بىردىنبىر مەملىكەتلىك گۈزەل يېزا- كەنت بويىچە ئۈلگىلىك كەنت تىزىملىكىگە كىرگەن كەنت بولۇپ قالدى.
  تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى