قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ توڭنىڭ كۆرەش قىلىش ھېكايىسى

2018-12-15 19:35:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان جاڭ توڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەشنى تاللاپ، كىچىكىدىن تەربىيەلەش ۋە ۋاكالىتەن بېقىش كەسپى بىلەن شۇغۇللاندى. قىسقىغىنا ئىككى يىلدا ئۇ سانجى شەھىرى، ۋۇجياچۈ شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسىدە كىچىكىدىن تەربىيەلەش، ۋاكالىتەن بېقىش مەركىزىدىن ئۇچنى ئېچىپ، تېخىمۇ كۆپ بالىلارنى كىچىكىدىن تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
  جاڭ توڭ2016-يىلى سانجى شۆيۈەنىنىڭ خىمىيە كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىچىكىدىن تەربىيەلەش كەسپىدە ئىگىلىك تىكلەشكە باشلىدى. ئادەتتە كىچىكىدىن تەربىيەلەش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئوغۇللار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىن ئانچە ئۈمىد كۈتۈپ كەتمىدى. جاڭ توڭ مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانامغا دەسلەپتە بۇ قارارىمنى ئېيتقىنىمدا، ئاتا-ئانام كىچىكىدىن تەربىيەلەشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى. ئەمما، مەن مەيدانىمدا چىڭ تۇرغاچقا، ئاخىرىدا ئۇلارمۇ ئىگىلىك تىكلىشىمگە قوشۇلدى. 
  جاڭ تۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇلتۇر سانجى شەھىرىدە تۇنجى كىچىكىدىن تەربىيەلەش، ۋاكالىتەن بېقىش مەركىزىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق ئاتا- ئانا بالىلىرىنى بۇ يەرگە ئەكىلىشنى خالىمىدى. مۇنداق دېدى:ئاتا-ئانىلار دەسلەپتە بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەمدە يېمەك- ئىچمەك ۋە تۈرلۈك مەسىلىلىردىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىنى بىزگە خاتىرجەم تاپشۇرالمىدى. بىز مۇلازىمەتنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىپلا قالماي، بالىلارغىمۇ ياخشى قارىدۇق.
  كىچىكىدىن تەربىيەلەش، ۋاكالىتەن بېقىش مەركىزى بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاتا- ئانىلارنىڭ دېققىتىنى تارتتى. كېيىن جاڭ توڭ يەنە ۋۇجياچۈ شەھىرى ۋە قۇتۇبى ناھىيەسىدە كىچىكىدىن تەربىيەلەش مەركىزى قۇردى. جاڭ توڭ بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر جاڭ توڭنى كىشىلىك ھاياتىدا چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن جاڭ توڭ بۇنىڭدىن قانائەت ھىس قىلمىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدۇم. مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى مائارىپ ئىدىيەسىنى شىنجاڭدا كېڭەيتىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەشنى ئويلايمەن. ھازىر قىلىۋاتقان بۇ ئىشىمدىن زور بەخت ھىس قىلىمەن، بۇ ھاياتىمدىكى زور ئەھمىيەتلىك ئىش. 

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى