قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەيشۇۋاك ۋە ئۇنىڭ دادىسى جېڭ چۈن

2018-12-15 19:43:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سودىگەر جېڭ چۈن قۇمۇل شەھىرىنىڭ ئاراتۈۋرۈك ناھىيە نارانگېر قازاق مىللىي يېزىسىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسى ئاچتى. ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنىڭ خىزمەتچىسى كۈرەش مىرزاقاننىڭ 14 ياشلىق قىزى ئەيشۇۋاك دائىم بۇ يەرگە كېلىپ ئوينىغاچقا، جېڭ چۈن ئۇنىڭغا كىتاب ئېلىپ بەردى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت چوڭقۇرلىشىپ، بىر جۈپ مېھرىبان ئاتا- بالىلارغا ئايلاندى.
  ھەپتە ئاخىرىدا، ئەيشۇۋاك مەكتەپتىن قايتىپ، مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا ئوينىغىلى كەلگەندە، جېڭ چۈننى كۆرۈپ دەرھال بېرىپ ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. جېڭ چۈن بولسا بۇ «قىزى» غا مەززىلىك بىر تەخسە نارىن چۆپ تەييارلاپ قويغانىدى. جېڭ چۈن مۇنداق دېدى: ئۇ مەكتەپنىڭ تامىقىغا بەكمۇ كۆنۈپ كېتەلمەپتۇ، شۇڭا مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىسسىق نارىن چۆپنى تەييارلاپ قويدۇم.
  ئۆزئارا قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان بۇ بىر جۈپ ئاتا- بالا بۇ يىل 7- ئايدا يۈز بەرگەن بىر ئىش سەۋەبلىك تونۇشقانىدى. ئەينى چاغدا ئۆرپ-ئادەت باغچىسى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇسسۇل ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغاندا، جېڭ چۈن ئەيشۇۋاكنىڭ ئۇسسۇل ئويناشقا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، ئۇنىڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىشىغا قوشۇلدى. جېڭ چۈن مۇنداق دېدى: ئەيشۇۋاك ئۇسسۇل ئويناشقا ھېرىسمەن بولغاچقا، ئۇسسۇل ئويناشنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى. بۇ بالىنىڭ ئۇسسۇل ئويناش جەھەتتە تالانتى بار ئىكەن. ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ مۇشۇ جەريانىدا تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.   
  شۇنىڭدىن كېيىن جېڭ چۈن ئەيشۇۋاكقا خۇددى ئۆز قىزىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلدى. جېڭ چۈن ئەيشۇۋاكنىڭ دەرستىن سىرتقى مەشىق ماتېرىياللىرىنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئاپتوموبىل بىلەن قومۇل شىنخۇا كىتابخانىسىغا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى سېتىۋالدى. ئەيشۇۋاك مۇنداق دېدى: ئۆيگە قايتقاندا، جېڭ چۈن دادام كىرلىرىمنى يۇيۇشۇمغا ياردەملەشتى. ئۇ ماڭا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا تاپشۇرۇق ئىشلەش خۇشياقماي ھورۇنلۇق قىلغان ۋاقىتلىرىمدا جېڭ چۈن دادام ماڭا چوقۇم ياخشى ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. 
 جېڭ چۈننىڭ غەمخورلۇقىدا، بۇ مەۋسۈمدە ئەيشۇۋاكنىڭ ئۆگىنىش تەتىجىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى. ئەيشۇۋاك مۇنداق دېدى: مەن ئۇنى ئىزچىل جېڭ چۈن دادا دەپ چاقىرىپ كەلدىم. ئۇ ماڭا نۇرغۇن جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە مەن ئۆگىنىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان بولدۇم. مۇشۇنداق بىر ياخشى دادىغا ئۇچرىغىنىمدىن ئۆزۈمنى شۇنداق تەلەيلىك ھىس قىلىمەن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنى خۇددى ئۆز دادامنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن.
  كۈرەش مىرزاقان قىزىنىڭ بارغانسېرى مۇنەۋۋەر بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، جېڭ چۈنگە چەكسىز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىم جېڭ چۈن دادىسى بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆگىنىشىدە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن دوستلۇقىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  يېقىندا جېڭ چۈننىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت باغچىسىنى كېڭەيتىپ قۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئەيشۇۋاك پارچە پۇللىرىنى چىقىرىپ، بىر جۈپ پەلەي سېتىۋېلىپ «جېڭ دادا» سىغا سوۋغا قىلدى. جېڭ چۈن قىزىنىڭ بۇ غەمخورلىقىدىن ناھايىتى تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىڭ ئۆگىنىشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ياخشى بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كېيىن ئاتا- ئانىسىغا ۋاپادارلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەيشۇۋاك قىزىم بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.  

 تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى