قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تېكەس ناھىيەسىنىڭ «يىپەك يولىدىكى يىدۇ. قار- مۇز مۇھەببىتى» ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە

2018-12-15 19:46:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  نۆۋەتتە تېكەس ناھىيەسىنىڭ «يىپەك يولىدىكى يىدۇ. قار- مۇز مۇھەببىتى» ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە. «مەدەنىيەت بىلەن تەنتەربىيە» قىشلىق ساياھەتچىلىككە كۈچ قوشماقتا.
  تېكەس ناھىيەسى ئات فېرمىسى بازىسىدا، چەۋەندازلىق ماھارىتى، قىز قۇۋار قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقە مەيدانى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. ئۈرۈمچىدىن بارغان فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى سۈن شياڭ مۇنداق دېدى: چەۋەندازلىق ماھارىتى مېنى ئەڭ جەلپ قىلدى. بولۇپمۇ چەۋەندازلىق ماھارىتىدە كۆرسىتىلگەن نومۇرلارنى مېنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ماھارەت بولدى.  
  تېكەس ناھىيەسى «يىپەك يولىدىكى يىدۇ. قار- مۇز مۇھەببىتى» ساياھەت بايرىمى كېلەر يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئېسىل مىللىي ئۆرپ- ئادەت ئويۇنلىرى قويۇلۇپلا قالماي، يەنە چاڭغا تېيىلىش، ئۈستى ئوچۇق خوگو، قىش پەسلىدە سۈرەتكە ئېلىش مۇسابىقىسى قاتارلىقلارمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
  تېكەس ناھىيە قاراجۈن خەلقئارا ئېكولوگىيە ساياھەت رايونىدا چاڭغا تېيىلىش، قار ئۈستىدىكى قىزىقارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىمۇ قەرەلسىز ئۆتكۈزۈلۈپ، قار ئۈستىدىكى ئارغامچا تارتىشىش، قار- مۇز ئۈستىدە پۇتبول ئويناش، چاڭغا تېيىلىش چەمبىرىكى قاتارلىقلار جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەردىن پۇخادىن چىقاردى. ساياھەتچى پۇ جىڭ مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ قارلىق تاغدا ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم. بۇنىڭدا قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما كۆپچىلىك ئىتتىپاقلىشىپ بىر نىيەتتە كۈچ مۇجەسەمملىدى.
 بۇ ئىككى يىلدا تېكەس ناھىيەسى قىشلىق قار- مۇز ساياھەت بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاچتى. بۇ يىل قىشتا، پەقەت 11- ئايدىلا ساياھەتچىلەر 42 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن %68 ئاشتى. تېكەس ناھىيە شىنباگۇا شەھىرى مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇ جياڭجيې مۇنداق دېدى: «ساياھەت بىلەن مەدەنىيەت»، «ساياھەت بىلەن تەنھەرىكەت» ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن كەسىپ ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «دۇنيادىكى قاراجۈن، جۇڭگودىكى شىنباگۇا» ساياھەت ئىسىم كارتىسىنى ھەقىقىي تونۇتىمىز.    تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى