قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇش

2018-12-16 18:19:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى 1936- يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى قۇرۇلغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى تارىخنى تايانچ قىلىپ،«ئەخلاق ۋە پەزىلەت ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش» ئىدىيەسى ئارقىلىق مەكتەپ باشقۇرۇپ، تارىخى ئۇزۇن بۇ مەكتەپكە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى.
كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6- يىللىق 3- سىنىپىدا ئەدەبىيات دەرسى ئۆتۈلۈۋاتاتتى. دەرس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچى كۆپ ۋاسىتىلىك سۇيۇق كرىستاللىق كۆرسىتىش دوسكىسىنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ئىدى. تېكىست، قوشۇمچە ماتېرىيال، سۈرەت، كۆرۈنمە چاستوتا قاتارلىقلارنى خالىغان ۋاقىتتا ئالماشتۇرۇش ناھايىتى قولايلىق ئىدى. بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى شياڭ جيالې مۇنداق دېدى: تېكىستتىكى    چۈشەنمىگەن نۇقتىلارنى سۈرەت ۋە كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق چۈشىنەلەيمىز. بۇنىڭدا، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن.
بۇ خىل شارائىتنى ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن پېنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى ياڭ چۈنمىي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى قازان كۈلىنى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، دوسكىنى چوتكىلايتتۇق. بىر قېتىم ئىشلەتسەكلا تۈگەيتتى. كېيىنكى قېتىمدا يەنە چوتكىلىمىساق بولمايتتى. بورنىڭ توزۇندىلىرى ھەممە يەرنى بىر ئالاتتى. ھازىر، ئۆزگىرىش ناھايىتى زور بولۇپ كەتتى.
دوسكىنىڭ ئۆزگىرىشى-- مەكتەپنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنىڭ قىسقارتىلغان كارتىنىسى خالاس. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ مەكتىپىنىڭ مەيلى مەكتەپ مۇھىتى بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچى بولسۇن، زور ھالقىش بولدى. ئازادە ئوقۇتۇش بىناسى، ئىلغار ئوقۇتۇش سايمانلىرى تەدرىجىي تولۇقلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى پائال كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ۋە شارائىتىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، كۆپ يىللاردىن بۇيان، لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى، ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى، ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەش يىغىنى ۋە مۇھىم بايرام، خاتىرە كۈنى، مۇھىم پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىش، ۋەتەننى ۋە مەكتەپنى سۆيۈش، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.
كۇچا ناھىيەلىك لىن جىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۈن جيەنجۈن مۇنداق دېدى: قەھرىمان لىن جىلۇدىن ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىدىن، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىش روھىدىن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش روھىدىن، يەنە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىدىن ئۆگىنىپ، بۇ خىل ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈش كېرەك. 

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى