قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزا ئويلۇق كەنتىدىكى قېپقالغان نامراتلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

2018-12-16 18:39:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دىققەتنى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگە قارىتا تەدبىر قوللىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق يېزا ئويلۇق كەنتىدىكى قېپقالغان نامراتلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.
  ئويلۇق كەنتى ئاھالىسى ياقۇپ ئەمەت ئىلگىرى كەنتتىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى نوقتىلىق نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇنىڭ يېرى يوق، ئۇ ئايالى بىلەن پارچە- پۇرات ئىشلەمچىلىك قىلىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بىر يىل ئىشلىسىمۇ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى. خىزمەت ئەترىتى ياقۇپ ئەمەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئائىلىسىدىكىلەرنى ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، موگۇ ئۆستۈرۈش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى ھەمدە ئۇنىڭغا 5 مىڭ يۈەن يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ياقۇپ ئەمەت ئۆزىنىڭ 30، 40 كۋادرات مېتىرلىق بىكار ئۆيىدىن پايدىلىنىپ، جازا ياساپ، زەمبۇرۇغ تاياقچىسى سېتىۋېلىپ، موگۇ تېرىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بەش توننا زەمبۇرۇغ تاياقچىسىنى ئون مىڭ يۈەنگە سېتىۋالدىم. بىر زەمبۇرۇغ تاياقچىسىدىن بىر، ئىككى كىلوگرام موگۇ چىقىدۇ، موگۇ پىشقاندىن كېيىن بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، 50، 60 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدۇق.
  ياقۇپ ئەمەت بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن غەيرىتى تولۇپ تاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى ۋە خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئازادە، يورۇق ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، سافا، چاي ئۈستىلى، مۇنچا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار بولدى. ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ھازىرقى تۇرمۇشىمىزنى خۇددى چۈش كۆرىۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز.
  ياقۇپ ئەمەت كېيىنكى قەدەمدە تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە تۈرىنى داۋاملىق كېڭەيتمەكچى بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە قارا مور تېرىشنى ئۆگەنمەكچى بۇلىۋاتىمەن. خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ سانجىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى خوشال بولدۇم، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، پارنىكنىڭ كۆلىمىنى يەنە 300 كۋادىرات مېتىر كېڭەيتمەكچى بولىۋاتىمەن.
  ئويلۇق كەنتىدە 403 ئائىلە، بىر مىڭ 475 نوپۇس بار. ئويلۇق كەنتى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كاپالىتى، يەر تەقسىماتى قاتارلىق «بەش بىر تۈركۈم» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويۇپ، 2013- يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 194 نامرات ئائىلىدىكى 676 ئادەمنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى. ئويلۇق كەنتىنىڭ 1- شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لېي يەنكۇن مۇنداق دېدى: بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەريانىدا ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۇلارغا مۇناسىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقتۇق.

  تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى