قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شيې شىن كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قىزغىن مۇلازىمىتى بىلەن، كېسەللەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى

2018-12-16 20:32:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
ماناس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى تاشقى كېسەللىكلەر 1- بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شيې شىن خىزمەتنىڭ 1- سېپىدە جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، 17 يىلدىن بۇيان، ئۇ جەمئىي 3 مىڭدىن ئارتۇق ئوپېراتسىيەگە قاتنىشىپ، كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسى ۋە قىزغىن مۇلازىمىتى بىلەن، كېسەللەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
   شيې شىن1996- يىلى، شىخەنزە تېببىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ كېلىنىكىلىق داۋالاش كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ، بەش يىلدىن كېيىن ماناس ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئىشلەپ، ئۆز ئارزۇسى بويىچە دوختۇر بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: تېببىي پەنلەر شۆيۈەنىدە ئوقۇش-- ئۆگىنىش، كىتاب يادلاش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئىنتايىن جاپالىق ھەم زېرىكىشلىك مۇساپە، لېكىن دوختۇرلار كېسەلنى داۋالاپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ، بۇ مېنىڭ دوختۇر بولۇشنى تاللىشىمدىكى ئەسلى مەقسىتىم.
   شيې شىن ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوپېراتسىيەگە قاتناشقان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىنى ھېلىھەم ئۇنتۇپ قالمىغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قورسىقى ئاغرىغان بىر كېسەل كەلگەندە، مەن بىۋاسىتە ئۆتكۈر يىرىڭلىق سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى دەپ دىئاگنوز قويدۇم. كېسەل ئوپېراتسىيە ئۈستىلىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قۇرسىقىنى كەسكەندە قورسىقىنىڭ يىرىڭغا توشۇپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇم. مەن دىئاگنوزنى توغرا قويغان ئىدىم. مەن دوختۇرخانىغا يېڭى خىزمەتكە چۈشكەن دوختۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن توغرا دىئاگنۇز قۇيالىغىنىمدىن ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشقان ئىدى.
شيې شىن شۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تەتقىق قىلىپ، ناھايىتى تېزلا مۇناسىۋەتلىك كلىنىكىلىق تېببىي بىلىم ۋە كەسپىي ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، دوختۇرخانىدا قورساق بوشلۇقى ئەينىكى قاتارلىق مىكرو زەخىم تېخنىكىسىنى قانات يايدۇردى، كىيىن تەدرىجىي بۆلۈم مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ئۇ خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى، مەيلى كۈندۈز ياكى كېچە ۋە ياكى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن، ئۇ چاقىرغان ھامان دوختۇرخانىدا پەيدا بولدى. ئەڭ ئالدىراش ۋاقىتلاردا تاماق يەيدىغانغا ۋاقىتمۇ چىقمايتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر قېتىم ئوپېراتسىيە توپتوغرا 12 سائەت داۋاملاشتى، تاماق يىيىش پۇرسىتىمۇ بولمىدى. پەقەت ئوپىراتسىيە ئارىلىقىدىلا كەينىمگە بۇرۇلۇپ ئازراق شېكەر سۈيى ئىچىپ ئېنېرگىيە تۇلۇقلىدىم. كېسەل ساقايغاندىن كېيىن، ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
بۇ يىل10- ئايدا، شيې شىن دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى تەرىپىدىن  «2018- يىلى ئامما رازى بولغان تېببىي خادىم» بولۇپ باھالاندى. شيې شىن مۇنداق دېدى: كېسەلنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىن چىققاندىكى خۇشال چىرايىنى كۆرگىنىمدە، ئوپېراتسىيە ئۈستىلىدە كۈرەش قىلىغانلىقىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى مېنى ئىلغار داۋالاش بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، كېسەللەرگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئۈندەيدۇ.   تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى