قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈريول، ئاۋىياتسىيە تارماقلىرى تەك كۈچەپ، قىشلىق ساياھەتچىلىكنىڭ جانلىنىشىغا يۆلەك بولدى

2018-12-16 20:36:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
قىش كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تەڭ كۈچىشى بىلەن جايلارنىڭ قار-مۇز ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يېقىندا گەنسۇدىن كەلگەن ساياھەتچى تاڭ شياۋخۇي مەخسۇس شىنجاڭغا كېلىپ قار تېيىلىپ قار مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلاندى. تاڭ شياۋخۇي ئالتاي شەھىرىدىكى سانغون تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا كېچىدە قار تېيىلىشنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، يەنە كۆكتوقاي ناھىيەسىدىكى كۆكتوقاي خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىغا بېرىپ، چۈشۈش پەرقى مىڭ مېتىر كىلىدىغان قار تېيىلىش تۈرىنى سىناپ باقماقچى بولدى. يېقىندىلا ئېچىلغان ئالتاي شەھىرىدىن كۆكتوقاي ناھىيەسىگە ئۇچىدىغان تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى ئۇنىڭ سەپەر مۇساپىسىنى قىسقارتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئالتايدىن كۆكتوقايغا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش ئۈچۈن ئۈچ يېرىم سائەتتىن تۆت سائەتكىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. ھازىر، بۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئولتۇرساق پەقەت 40 مىنۇتتىلا كۆكتوقايغا بارالايدىكەنمىز. بۇ، چاڭغا تېيىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلىرىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور قولاي بولىدىكەن.
ئالتاي شەھىرىدىن كۆكتوقاي، ئالتاي شەھىرىدىن قاناس مەنزىرە رايونى، ئالتاي شەھىرىدىن قۇمقاناس مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونىدىن قۇمقاناس مەنزىرە رايونىغىچە بولغان تۆت تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى ساياھەت ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسى 11- ئاينىڭ20- كۈنى رەسمىي ئېچىلىپ، شۇ جاينىڭ ساياھەتچىلىكىدىكى «قىشلىق ئۇيقۇ»، «يول ئۇزۇن، ساياھەت قىسقا» بولۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي خۇڭبىڭ مۇنداق دېدى: بىز «بوشلۇق ئاپتوبۇسى» دىن ئىبارەت زامانىۋى قاتناش قورالىدىن پايدىلىنىپ، شەھەر بىلەن شەھەر، مەنزىرە رايونلىرى بىلەن مەنزىرە رايونلىرى، شەھەر بىلەن مەنزىرە رايونلىرى ئارىسىدىكى ساياھەت ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇردۇق.قىش كىرگەندىن بۇيان، بايىنغۇلىن ئوبلاستىمۇ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ساياھەت قاتنىشى تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان ۋە شىفىرلاشقان بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇدىن بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە تولۇقلىما بەردى؛ گۇاڭجۇ (شېنجېن)، خەيكۇ(سەنيا)، كۈنمىڭ (گۇيلىن)، تيەنجىن، خاڭجۇدىن بىۋاستە ئۇچىدىغان ياكى ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ئايرودروملارغا قاتنايدىغان لېنىيەلەرگىمۇ تولۇقلىما بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل يەنە «پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش»قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئىلى، ئالتاي، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، تۇرپان شەھىرىدىن ئىبارەت قىش پەسىللىك 4 ساياھەت غول لىنىيەسىدە بەش سەر خىل لىنىيە ئېچىپ، كارىۋاتلىق مەخسۇس پويىزنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا قاتنايدىغان ئىككى قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزىنىڭ ھەممىسى «يېڭى شەرق تېز پويىزى». ئۇنىڭ ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئايرىمخانا، ئاشخانا ۋاگونى، مۇنچا، ئىستىراھەت مەيخانىسى قاتارلىقلار بولۇپ، كۆچمە «يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانا» دەپ ئاتالغان. ھەر قايسى چوڭ ساياھەت كوپىراتىپلىرى ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا تايىنىپ، كۆپ خىل قىشلىق ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ساياھەتچىلەرنىڭ سىناپ بېقىشىغا سۇندى. ئۈرۈمچى تۆمۈريول خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپى بازار تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى جاڭ رۇڭخەن مۇنداق دېدى: يېپەك يولى ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 9 نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق؛ شىمالىي شىنجاڭدا ھەپتە ئاخىرىدىكى ساياھەت پويىزى، سايرام كۆلى-غەلىتە تاش جىلغىسى- ئارشاڭغا بارىدىغان پويىز يولغا قۇيۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە، قوش قەۋەتلىك ساياھەت پويىزى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى