قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل زىمىن

2018-12-17 10:13:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «ئۇلۇغ ھالقىش» ماۋزۇلۇق بىر يۈرۈش چاتما خەۋىرىنىڭ «يېشىللىققا پۈركەنگەن گۈزەل زىمىن» دېگەن 7- قىسمى
ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان ئالتاي شەھىرى تاغلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل. ئالتاي شەھىرى بۇ يىل 9- ئايدا «جۇڭگودىكى قار مەركىزى» نىڭ دۆلەت كېلىمات بەلگىسىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ تاللىنىشىدىكى بىر مۇھىم شەرت ئالتاي شەھىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %99 تىن يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. بۇنىڭ بىلەن، ئالتاي شەھىرى «جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى»، «دۆلەت باغ شەھىرى»، «جۇڭگودىكى ئارامگاھ» قاتارلىق ناملارغا ئىگە بولدى. ئالتاي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى يۈ مىڭخەي مۇنداق دېدى: باش شۇجى «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ- ئەڭ زور بايلىق» دېگەن. بىز ئۇزاقتىن بۇيان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشتا چىڭ تۇرۇپ، ساياھەتچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، بىرىنچى كەسىپكە تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئىككىنچى كەسىپنى يۈكسەلدۈرىدىغان تەرەققىيات تەپەككۈرىنى بېكىتىپ، بوز يەر ئاچماسلىقتا، كان ئاچماسلىقتا، سۇ، توك ئاچماسلىقتا، زاۋۇت- كانلارنىڭ ئىگىلىگەن سالمىقى ئاز بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ئېنېرگىيەسىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە قىممىتىنى نامايەن قىلدۇق.
ئالتاي شەھىرىنىڭ ئېكولوگىيە ئەمەلىيىتى شىنجاڭنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى دەۋرىگە قاراپ مېڭىش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگونىڭ يېشىل تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ- ئەڭ زور بايلىق، قار- مۇزمۇ ئەڭ زور بايلىق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك پىلانلار ۋە تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈردى.
ئەڭ دەسلەپكى كۆمۈر قالاش مىقدارىنى ئازايتىش، بۇلغىمىلارنى قويۇپ بېرىشتە ئۆلچەمگە يەتمىگەن كارخانىلارنى تۈزەشتىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مۇھىت ئاسراشنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، ئاندىن ھازىرقى ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلىرىنى ئېچىشتا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بىر قوللۇق» تەستىقلاش تۈزۈمى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشتا «بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىش»، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قەتئىي مەنئىي قىلىش، كەسىپ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىلمىي تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى جارقىن ئاقات مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان  ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا قارىتا بۇلغىما چىقىرىش مىقدارىنى زىيادە ئازايتىش، كىچىك تىپتىكى ئوت ئېلېكتىر گېنراتورلار گۇرۇپپىسىنى تاقاش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قاتارلىق تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلەر يولغا قۇيۇلدى.
ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە ئىكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش جەريانىدىكى ئېغىر نۇقسانلارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاپ تۈگىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، يېشىل تەرەققىيات كۈندىن- كۈنگە ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ماناس ئوۋياڭ پەن- تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يىرىك تەرەققىيات يولىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كېچىپ، 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ساھە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مولېكۇلالارنى پارچىلاش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، 9 مىليون 500 مىڭ كۇب 1- دەرىجىلىك ئۆلچەمگە يەتكەن قايتا پايدىلىنىشقا بۇلىدىغان سۇ ئامبىرى قۇردى. شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋاڭ شۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كارخانىنى كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش جەريانىدا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. بىز يېشىل زاۋۇت ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىۋاتىمىز، بىز تەرەققىيات ئارقىلىق يېشىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز، دۆلەت مۇھىت ئاسراشتا ئۆلچەمگە يەتمىگەن بەزى كارخانىلارنى تەدرىجى شاللىۋەتسە، بازاردا رىقابەت كۈچىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا، گۈزەل تارىم دەرياسى يىلانسىمان ئۇزاققا سۇزۇلۇپ ئاقىدۇ. ئەمما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ قۇيرۇقى تېتما كۆلى بىر مەزگىل قۇرۇپ، قۇم- بوراننىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان ئىدى. 2000- يىلىدىن باشلاپ، ئومۇمىي سېلىنما سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان دۆلەت تارىم دەرياسى ۋادىسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلدى، نۆۋەتتە 18 يىلدا جەمئىي 19 قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىلدى، بۇ يىل كۈزدە، تېتىما كۆلىنىڭ كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى كۆلەمگە يەنى 611 كۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان ئېكولوگىيەلىك سۇ قۇيۇش ئارقىلىق تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆلىمى 2 مىڭ 200 نەچچە كۋادرات كىلومېتىرغا يەتكۈزۈلۈپ، زور مىقداردىكى شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەر ياخشىلاندى. بىڭتۈەن 2- شىسى 34-تۈەنىنىڭ خىزمەتچىسى جىن يى مۇنداق دېدى: تارىم دەرياسى بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، قۇم- بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەتلەر كۆرۈنەرلىك ئازايدى، بۇ يىل پاختا مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. بۇ يىل پاختىمىزنىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك مەھسۇلاتى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن يۇقىرى بولۇپ، 420 كىلوگرامدىن 450 كىلوگرامغىچە بولدى. بۇنداق يۇقىرى بىرلىك مەھسۇلات كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. ئەڭ مۇھىمى تارىم دەرياسىدا سۇ قويۇپ بېرىش ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۆزگەرتىپ، تەبىئىي ئاپەتنى ئازايتتى، بۇ يىل تەبىئىي ئاپەت بولمىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك بولدى، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاستقا قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ PM10 قويۇقلۇقى 2013- يىلىدىكىدىن %15.8 تۆۋەنلىدى؛ يەر تېخىمۇ كۆكەردى: 2017- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە بەرپا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 3 مىليون 207 مىڭ 500 موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %4.24 تىن %4.87 كە ئۆرلىدى؛ سۇ تېخىمۇ سۈزۈلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3 مىڭ 481 دەريانىڭ ھەممىسى دەرىجە بويىچە بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ دەريا باشلىقى بېكىتىلدى، III تۈرىدىكى سۇنىڭ سۈپىتى 2013- يىلىدىكى %94.8 تىن ئۆرلەپ، 2017- يىلىدىكى %98.2 كە يەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت نازارىتى تەبىئىي ئېكولوگىيەنى قوغداش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن فېڭ مۇنداق دېدى: يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ- ئەڭ زور بايلىق، مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، مۇھىتنى ياخشىلاش ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىق، بىز يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېشىل، ئايلانما، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، ئاسمىنى كۆك، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان مۇھىتتا ياشاشتىن بەھرىمەن قىلىپ، ئۇلارغا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى