قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ دۆلەت ئورتاق تىل. يېزىقى ئوقۇتۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى

2018-12-17 10:20:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇتۇڭخۇا سەۋىيەسى ۋە جۇڭخۇا ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەت بىلىملىرىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى.
مۇخبىر يېقىندا قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «جۇڭگو كىلاسسىك ئەسەرلىرى» نى راۋان، ئۈنلۈك ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مەكتەپ تەسىس قىلغان «جۇڭگو كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىش»، «جۇڭگو خەتتاتلىقى دەرسى» قاتارلىق بىر قاتار دەرسلىكلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنىدى. 1ـ يىللىق 3- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى رەھىمە قۇربان مۇنداق دېدى: شېئىر ئادەمنىڭ زېھنىنى ئاچىدىكەن، شۇنداقلا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ 2014- يىلى باش شۇجى شى جىنپىڭ توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن بۇيان، مەكتەپ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش» نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى تەربىيەسى، ياتاقلىق تۈزۈمدىكى ئوقۇتۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەكتەپنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئۆستۈردى.
 2014- يىلى 5- ئايدىن بۇيان، 21 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئوقۇتۇش بىناسى، ياتاق بىناسى، ئاشخانا، مۇنچا ۋە تەنتەربىيە مەيدانىنى يېڭىدىن سالدى، مەكتەپنىڭ كۆلىمى ئەسلىدىكى 3 مىڭ كۋادرات مېتىردىن ھازىرقى 10 مىڭ كۋادرات مېتىردىن كۆپرەككە يېتىپ، مەكتەپ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى.
مەكتەپ قاتتىق دېتاللارنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئوقۇتۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى ھەمدە جۇڭگوچە رەسىم، قىزىل ناخشا خورى، خەتتاتلىق قاتارلىق جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت سىنىپلىرىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىننەتدارلىق ئېڭىنى يېتىلدۈردى. 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى سانىيە ئىسمايىل مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆگىنىش مۇھىتىمىز ناھايىتى ياخشى بولۇپ كەتتى، گۇاڭجۇدىن نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى كېلىپ بىزگە دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، بىز ھەر كۈنى چۈشتە مەكتەپتە مەززىلىك تاماقلارنى يەۋاتىمىز، بىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولىمىز.
نۆۋەتتە، توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ئەسلىدىكى 12 دىن كۆپىيىپ 25 كە، ئوقۇغۇچىلىرى 410 دىن كۆپىيىپ 1 مىڭ 200 گە يەتتى. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە توققۇزاق بازارلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تەن لىيىڭ مۇنداق دېدى: بالىلار ھازىر ئۆلچەملىك پۇتۇڭخۇادا پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان سەۋىيەگە يەتتى. بالىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى كۆرۈپ ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. بىز ھەر بىر بالىغا دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ياخشى ئۆگىتىپ، پارلاق ئەتىگە يۈزلەندۈرىمىز، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز.

تەرجىمان: مەمەت. ئەۋەل

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى