قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جاڭ ۋېنجيې قوشماقلاشقان تۇغقىنى ھەمدۇللا قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، تۇغقىنىنىڭ قىزى ۋە ئايالىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى

2018-12-17 10:30:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
سانجى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جاڭ ۋېنجيې قوشماقلاشقان تۇغقىنى ھەمدۇللا قۇرباننىڭ ئائىلىسىگە چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ، ئۇنى باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۇغقىنىنىڭ قىزى ۋە ئايالىنىڭ خىزمەت تېپىشىغا ياردەم بەردى. ھازىر ھەمدۇللا قۇربان ئائىلىسىدىكىلەر مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدى.
ھەمدۇللا قۇربان بىر ئائىلە كىشىلىرى سانجى شەھىرىنىڭ نىڭبئەن يولى كوچىسى چارۋىچىلىق كەنتىدە تۇرىدۇ. يېقىندا، كەنت كونا ئۆيلەر رايونىنى ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەچكە، ھەمدۇللا قۇربان كالا- قوي باقمىچىلىقى بىلەن داۋاملىق شۇغۇللىنىشقا ئامالسىز قالدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى كېيىنكى تۇرمۇش پىلانىنى تۈزگەندە، جاڭ ۋېنجيې ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنى قوشنا كەنتتىن بىر قوتان ئىجارە ئېلىپ، داۋاملىق باقمىچىلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. جاڭ ۋېنجيې ئۆزىنىڭ بىر قوتاننى كۆرۈپ قويغانلىقى، شۇ يەردە  كالا- قوي باقمچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرەققىي قىلسا بۇلىدىغانلىقى، پەقەت ئۇنىڭ قىلغىسى بولسىلا، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
 جاڭ ۋېنجيې ھەمدۇللا قۇربان بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئىككى يىلدىن بۇيان، ھەمدۇللا قۇربان ئائىلىسىنىڭ ئىشىنى ھەر ۋاقىت كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى. 2017- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرى ھەمدۇللا قۇربان سىرتقا چىققاندا، ئېھتىياتسىزلىقتىن يېقىلىپ كېتىپ پۇتى سۇنۇپ كەتتى. جاڭ ۋېنجيې بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ، ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن ئالدىن 10 مىڭ يۈەن پۇل تۆلىدى ھەمدە دوختۇرخانىدا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بۇ يىل 2- ئايدا، ھەمدۇللا قۇربان يەنە بىر قېتىم تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى، جاڭ ۋېنجيې ئۇنى كېچىلەپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى. ھەمدۇللا قۇربان مۇنداق دېدى: ئىككى قېتىم پۇتۇم سۇنۇپ كەتتى، ھەر قېتىم جاڭ ۋېنجيې ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ، ماڭا 20 مىڭ يۈەن ياردەم قىلدى، مېنىڭ ئىشىمنى ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ بىلدى. دوختۇرخانىدا ياتقاندا رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بەردى ھەم مېنى يوقلاپ تۇردى.
بۇ يىل 8- ئايدا، ھەمدۇللا قۇرباننىڭ قىزى مەرھابا شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالمىدى، جاڭ ۋېنجيې سانجى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ ئۇچۇرنى دەرھال ئۇنىڭغا يەتكۈزدى ھەمدە ئۇنى ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇردى. ھازىر مەرھابا سانجى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ ئەترىتى زاپاس ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار خادىمى بولۇپ قالدى. مەرھابا مۇنداق دېدى: مەن بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن، بەك خۇشال بولدۇم. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيمەن.
جاڭ ۋېنجيې يەنە ھەمدۇللا قۇرباننىڭ ئايالىغا مۇھىت تازىلىقى خىزمىتىنى ئالاقىلىشىپ بەردى. يېقىندا، جاڭ ۋېنجيې تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە يەنە ئىككى توننا كۆمۈر ئاپىرىپ بەردى. بۇ كۆيۈنۈشلەر ھەمدۇللا قۇربان بىلەن جاڭ ۋېنجيېنىڭ رىشتىنى تېخىمۇ چىڭ باغلىدى. جاڭ ۋېنجيې مۇنداق دېدى: بىز ھەقىقىي قېرىنداشلارغا ئوخشايمىز. ھەمدۇللا مېنى كۆرسىلا ئاكا، ئاكا دەپ چاقىرىدۇ. ئۇنىڭ ھەر قېتىم ئاكا دەپ چاقىرىغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۇنى ھەقىقىي ئۈزۈمنىڭ قېرىندىشىدەك ھېس قىلىمەن.
تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى