قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شيې خۇەيرۈي ئۆمۈرلۈك فوتو سۈرەت مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2018-12-17 10:36:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
6- نۆۋەتلىك جۇڭخۇا سەنئەت ئالتۇن تۇلپار مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى يېقىندا يېڭى زېلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلدى، ئۈچ كىشى ئۆمۈرلۈك فوتو سۈرەت مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شىنجاڭدىن بارغان فوتوگراف شيې خۇەيرۈي دەل شۇلارنىڭ بىرى.
شيې خۈەيرۈينىڭ فوتو سۈرەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغىنىغا 40 يىل بولغان، گەرچە ئۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما مەڭزى قىپقىزىل، ئاۋازى ياڭراق، تەپەككۇرى ئوچۇق كىشى ئىدى.
شيې خۇەيرۈي ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا يان تەرەپتە ئېچىلغان بىر سۈرەتخانا ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. خىزمەتكە قاتنىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، شيې خۈەيرۈي يىغقان بارلىق پۇلى بىلەن ھاياتىدىكى تۇنجى ئاپپاراتنى سېتىۋالدى. 1978- يىلى، خىمىيە سانائىتى مىنسىتىرلىقىنىڭ سۇۋالغۇ تەبىئىي قۇرۇتۇش پونكىتى شىنجاڭ پونكىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان مەزگىلدە، شيې خۇەيرۈي تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى سۇۋالغۇلىرىنىڭ ئالاھىدە شارائىتتىكى ئۆزگىرىش جەريانىنى رەڭلىك سۈرەت بىلەن خاتىرىلەپ، ئىشلەپچىقىرىش تەتقىقاتىنى بىۋاسىتە، ئىشەنچلىك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.
كېيىن خىزمەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، شيې خۇەيرۇي شىنجاڭ پەن- تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۈرەت ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ، فوتو سۆرەت ساھەسىگە رەسمىي كىردى. شيې خۇەيرۈي كاماندىروپكىغا چىققان مەزگىلدە، بىر قىسىم تەبىئىي مەنزىرە، تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ- ئادەت رەسىملىرىنى سۈرەتكە تارتتى. توغراق، چۆل- باياۋان، قۇملۇق، قارلىق تاغ، مۇزلۇق، يايلاق، يېزا- كەنت، شەھەر- بازار قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ھەر بىر تال گىياھسى، ھەر بىر تاغ- دەريا،  ئەر- ئايال، قېرى- ياشلارنىڭ ھەممىسى شيې خۈەيرۈينىڭ خاتىرە ئوبيېكتى ئىدى. ئۇ فوتو سۈرەت بەدىئىي تىلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئۆزىگە خاس گۈزەللىكىنى، شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەيتتى.
1997- يىلى شيې خۇەيرۈينىڭ «يىپەك يولىغا مۇھەببەت» ناملىق چاتما فوتو سۈرەت ئەسىرى كانادا خەلقئارا كىتاب، ئۈن- سىن بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى «قىشتىكى تاغلىق كەنت» جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتى بىلەن «جۇڭگو فوتوگرافلىرى» ژۇرنىلى بىرلىشىپ باھالاپ چىققان «جۇڭگو مۇنەۋۋەر فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى. شيې خۈەيرۈينىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم پوچتا ئاتكرىتكىسى، كالېندار، ئاسما كالېندارلارغا بېسىلدى. ئۇ يەنە ئىجادچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، شىنجاڭنىڭ ئاسما گىلەم، كەشتە قاتارلىق سەنئەتلىرى بىلەن جانلىق بىرلەشتۈردى.
شيې خۈەيرۈينىڭ كۈتۈپخانىسىدىكى ئىشكاپتا ئۇ ئىشلەتكەن ئون نەچچە ئاپپارات ساقلانغان. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدا، شىنجاڭدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭ ياخشى جاي، ئۇ مېنىڭ بىر ئۆمۈر خاتىرىلەپ، تەشۋىق قىلىشىمغا، ماختىشىمغا ئەرزىيدۇ.

تەرجىمان: ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى