قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى دېھقان چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

2018-12-17 16:27:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاجىك ئابات بازىرى بۇلبۇلدې كەنتى ئاپتونوم رايون بويىچە ئېغىر نامرات كەنت، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، قەشقەر داشۆسى، تاشقورغان ناھىيەلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامال تېپىپ، چىقىش يولىنى ئىزدەپ، تەرەققىياتنى كۆزلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.
خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ قىيىنچىلىق تەلەپلىرىنى رەتلەش جەريانىدا، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشنىڭ دېھقان- چارۋىچىلار ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مۇھاكىمە قىلىپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، دېھقان- چارۋىچىلاردا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بولسا «مائاشمىز بولىدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، بەزى دېھقان- چارۋىچىلاردا «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ  ئېغىر ئىكەنلىكىنى بايقىدى. نامراتلارنى قانداق يۆلەش، قانداق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان قىيىن مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
خىزمەت ئەترىتى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىش، «تۆتتە بىللە بولۇش، تۆتنى يەتكۈزۈش»، دېھقان- چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسى، دۈشەنبە كۈنىدىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى سىرتقا چىقىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاممىدا ئىشەنچ تۇيغۇسى تۇرغۇزۇشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئىدىيە جەھەتتە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بېرىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كۈيتۈن شەھىرىدىكى ئاياغ زاۋۇتى، ئۇن زاۋۇتى، كىيىم- كېچەك زاۋۇتى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، دېھقان- چارۋىچىلارغا زاۋۇت ئەھۋالىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارغا مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تونۇشتۇردى.
«مەن ھازىر ئاياغ زاۋۇتىدا ئىشلەۋاتىمەن، زاۋۇتتا چۈشلۈك تاماقنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ئايلىق ئىش ھەققىم 3 مىڭ 500 يۈەن» دېدى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەۋاتقان ئەكبەر ھەسەنخان بىرىنچى ئايلىق  ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى نۇرنىسا ئۆمەرگە تېلېفون بىرىپ خۇشاللىقىنى ئېيتىپ. نۆۋەتتە بۇلبۇلدې  كەنتىدىكى 30 نەچچە دېھقان- چارۋىچى زاۋۇتتا ئىشلەپ، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.
خىزمەت ئەترىتى يىل بېشىدا ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئۇچۇرىنى سېلىشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىش سەۋەبىنى توغرا ئىگىلەپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش لايىھەسى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەدبىرى تۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلىگە بىر ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بىرگە- بىر ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
 خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ تېرىلغۇ يەر كۆلىمى بىر قەدەر كۆپ بولۇش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىش ئارقىلىق قۇرۇلغان چارۋا، يەم- خەشەك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، «كارخانا، پارتىيە ياچېيكىسى، نامرات ئائىلە» بىرلەشتۈرۈلگەن ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى بېدە تېرىشقا يېتەكلىدى. نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھەر مو يېرىنى 300 يۈەندىن ئىجارىگە بېرىپ، ھەر كۈنلۈك 100 يۈەن ئەمگەك ھەققىنى پاي قىلىپ قوشۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ 900 مو بېدە تېرىشىغا ئىلھام بەردى ھەمدە بېدىسىنىڭ ھەر كىلوگرامىنى 2 يۈەندىن سېتىۋېلىپ، ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 3 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.
«مەن بۇ يىل 30 مو يەرگە بېدە تېرىدىم، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە بازارلىق يەم- خەشەك زاۋۇتى بىۋاستە كېلىپ سېتىۋالىدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن، سېتىپ چىقرىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، بۇ يىل 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىمىمنى ئاشۇردۇم» دېدى، كەنت ئاھالىسى خانبايىكىر قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى يوشۇرالمىغان ھالدا.
خىزمەت ئەترىتى يەنە نامراتلارنى يۆلەش تارماقلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆلچەملىك 112 قوتان سېلىشىغا ياردەم بەردى؛ ناھىيەلىك دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ 5 مىڭ تۈپ ياڭاق كۆچىتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر بىر نامرات ئائىلىگە 40 تۈپ ياڭاق كۆچىتى تارقىتىپ بەردى؛ ھۆكۈمەتنىڭ سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ئىش ئورنىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، تۆت ئائىلىدىكى 19 كىشىنى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرى قوشۇنىغا كىرگۈزۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن پۇختا قەدەم بىلەن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
خىزمەت ئەترىتى زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ياشلار، ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى كۈندىلىك ئېتىز- ئېرىق باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئاساسلىقى ئاياللار ۋە ياشانغانلارغا تايىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىز- ئېرىقلارنى سۇغىرىشتا باستۇرۇپ سۇغىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغاچقا، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ پايدىسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.
خىزمەت ئەترىتى يەر بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەر ئوبوروتى ۋاستىچىسى بولدى. بازار رەھبەرلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقلىشىش، كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ئارقىلىق، يەر ھۆددىگە ئالغۇچى سودىگەرلەرنى ئىزدەپ تاپتى. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئاممىنىڭ پىكىرىنى ئالدى، دېھقان- چارۋىچىلار بۇنى ئاڭلاپلا يەرنى باشقىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە ئىككىلىنىپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۆتكەش ئۇقۇمى، خاراكتېرى ۋە پايدىسىنى سەۋرچانلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
كەنت ئاھالىلىرى يىغىنىدا، دېھقان- چارۋىچىلار ـــــ دېھقانلارنىڭ ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقى، پايدىسىنى ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە، يېقىن ئەتراپتا ئىشلەمچىلىك قىلالايدىغانلىقى يەنە يەر باشقۇرغۇچىلارغا ئىشلەپ پۇل تاپسىمۇ بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەندە، ئۇزاققىچە ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
  كەنت ئاھالىسى تۇردىنەزەر خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۆيۈمدە ئولتۇرۇپ ئىجارە ھەققى ئالالايدىغان بولدۇم، مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئۆز جايىمدا تۇرۇپ كىرىمىمنى ئاشۇرالايدىغان، چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ كىرىمىمنى كۆپەيتەلەيدىغان بولدۇم، بۇ يىل ئائىلە بويىچە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار ۋە يەر ھۆددىگە ئېلىپ كىرىم قىلىدىغانلارنىڭ كىرىمى 5 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشتى، بۇنداق بولغاندا ئادەم يەڭگىل بولۇپ قالىدىكەن، پۇلمۇ تاپقىلى بولىدىكەن» دېدى. 
خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ 1 مىليون يۈەن مەبلەغ ياردىمىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا 790 كىۋادرات مېتىرلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى قۇردى. نۆۋەتتە بۇ تۈرگە ئۇل سېلىندى، بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 22 نامرات ئائىلىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 46 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالايدۇ.كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى يۈەن بو خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر كەنتتە ئىش قىلىشنى ئويلايدىغانلار كۆپەيدى، ئىشى يوقلار ئازايدى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ يانچۇقى كۈندىن- كۈنگە پۇلغا توشتى».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى