قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل ماكاندا بەختلىك ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ شاتلىقى

2018-12-17 16:31:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى قۇياش نۇرى بارىكۆل كۆلىنىڭ يۈزىگە تەكشى چېچىلغان ئىدى. گەرچە قىش كىرىپ بولغان بولسىمۇ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىققان ساياھەتچىلەر كۆل بويىدا مەنزىرە تاماشا قىلىپ، سۈرەتكە چۈشۈپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە گۈزەللىكىنى خاتىرلىۋاتاتتى. بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ كۆلياقا يېزا چازىخۇ كەنتىدە، قاتار- قاتار سېلىنغان چىرايلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرى، رەتلىك پىلانلانغان كەنتلەر، ئىشىك ئالدىغىچە ياتقۇزۇلغان ئاسفالىت يوللار كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇنداق يېڭى مەنزىرە بىر نامرات كەنتنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەتتى.
چازىخۇ كەنتى ناھىيە بازىرىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 2016- يىلىغىچە نامرات كەنت ھېسابلىناتتى، كەنتتىكى 715 ئائىلىلىكنىڭ 124 ئى نامرات ئائىلە ئىدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، چازىخۇ كەنتىنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭى تۈسكە كىرگۈزۈش مۇساپىسى باشلاندى.
 2014- يىلى چازىخۇ كەنتى كەنت بويىچە ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر تۇتاش پىلانلاش، ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، بىخەتەر بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يۇقىرى ئۈنۈمدە يولغا قويۇپ، شۇ يىلى 480 كەنت ئاھالىسى يېڭىدىن سېلىنغان ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.
چازىخۇ كەنت ئاھالىسى شالىقار ھۈسەرباي مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەسلىدىكى ئۆيىمىز  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرى سېلىنغان كېسەك ئۆيلەر ئىدى، دېرىزىلەردىن شامال كىرىپ، ئۆگزىلەردىن يامغۇر ئۆتۈپ كېتەتتى، بولۇپمۇ قىش پەسلىدە ئوت قالىساقمۇ ئىسسىمايتتى. ھازىر، ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، ئۆيىمىز ھەم ئازادە، ھەم ئىسسىق؛ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى بىزنى مۇشۇنداق ياخشى ئۆيلەرگە ئېرىشتۈردى».
شالىقار ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات دېھقان بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى ئۇنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىشىگە قاراشلىق ئىدى. 2014- يىلى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 30 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولدى، شالىقار ئائىلىسى 80 كىۋادرات مېتىرلىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى، ئۆينىڭ كەينىگە يەنە قوتان سالدى.
ماكانلاشتۇرۇش ئاساس، خەلقنى بېيىتىش مەقسەت. 2016- يىلى شالىقار 30 مىڭ يۈەن ھۆكۈمەت ياردەم ئۆسۈملۈك قەرزىدىن بەھرىمان بولۇپ، تۆت كالا ۋە 20 قوي سېتىۋېلىپ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت تارقاتقان 10 نامراتلارنى يۆلەش قويىنى قوشۇپ، شۇ يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. بۇلتۇر ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ كىرىمى 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، يوللارنى رېمونت قىلىش، يول چىرىغى ئورنىتىش، مەدەنىيەت مەيدانى قۇرۇش، كەنت ئاھالىلىرى پائالىيەت ئۆيى سېلىش قاتارلىق بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى چازىخۇ كەنتىدە كەينى- كەينىدىن ئەمەلىيلەشتى. سىرتقا چىققاندا توپا- چاڭدا قالماسلىق، يول ماڭغاندا قاراڭغۇدا ماڭماسلىق، ئارام ئالغىلى بولىدىغان جاي بولۇش قاتارلىق تۈرلەر ئىشلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ھۆكۈمەت چازىخۇ كەنتىدىكى ئادەم ۋە چارۋىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، ھازىر بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا، قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن كەنتتىكى 2 مىڭ 150 ئادەم ۋە 24 مىڭ تۇياق چارۋىنىڭ بىخەتەر سۇ ئىچىش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدۇ.
«ئىلگىرى كۆپچىلىك كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرەتتى، ھازىر ئۇلار بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىلىۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ سىياسىتى ھەم ئەتراپلىق ھەم كشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدۇ» دېدى، كەنت ئاھالىسى تۇردىخان قاسىم مىننەتدارلىق بىلەن. 
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى پۈتۈن رايون ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بارىكۆل كۆلى ۋە «جيەنشەن شياۋرى» مەنزىرە رايونىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆل ئايلانما ئاسما يولى، ئىكىسكۇرسىيە ساياھەت سەھنىسى، بەيگە مەيدانى، ئۆي ئاپتوموبىل لاگېرى قاتارلىق تۈرلەر كەينى-كەينىدىن پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە كىرىشتۈرۈلدى ھەم نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. چازىخۇ كەنتى يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى مەنزىرە رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى ساياھەتچىلىك كەسپى بىلەن شوغۇللىنشىقا يېتەكلەپ، 73 كىشىنى بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، 300 دىن ئارتۇق كىشىنى ۋاسىتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، يېزا ساياھەتچىلىكى چازىخۇ كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان يېشىل كەسىپ بولۇپ قالدى.
تۇردىخان يېزا ساياھەتچىلىكىنىڭ پايدىسىنى كۆردى. بۇلتۇر 6- ئايدا، ئۇ مەنزىرە رايونىدا كىگىز ئۆي تىكىپ ساياھەتچىلەرنى يېمەك- ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەر ئۇنىڭغا نۇرغۇن كىرىم يارىتىپ بەردى. خۇاڭ خەي جا گېئېرمۇ سودا پۇرسىتىنى كۆرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئات مىنىپ ساياھەت قىلىشى ئۈچۈن مەبلەغ سالدى، ھازىر ئۇنىڭ ئايلىق كىرىمى 5 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە مەبلەغ توپلاپ مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى يەرنى تۈزلەپ قاتقىلاشتۇرۇپ 15 كىگىز ئۆي لاگىرى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ھەقسىز ئاۋۇل ئارامگاھى ۋە ئائىلىۋى ياتاق ئېچىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەتچىلىك كەسپىي بىلەن شوغۇللىنىش ئاكتىپلىقى تېخىمۇ ئاشتى.بۈگۈنكى چازىخۇ كەنتىدە كىشلەر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىگە ماكانلىشىپ، تۇرمۇشى بەخت ۋە شات- خۇراملىققا چۆمۈپ، كىشىلەر ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتىدىغان يېڭى قىياپەت ھەممىلا يەرنى قاپلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى