قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا خىزمەت ئەترىتى تەڭ كۈچ چىقاردى

2018-12-17 16:36:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، بېيىتىشتا ئالدى بىلەن روھى جەھەتتىن بېيىتىش كېرەك. خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش جەريانىدا، «روھى جەھەتتىكى نامراتلىقنى يۆلەش» ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ماددىي جەھەتتە باي بولۇش بىلەن مەنىۋى جەھەتتە باي بولۇشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈردى.
كەنت ئاھالىلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق بېيىش يولىغا قەدەم قويدى. بېيىغاندا يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىغان جېنىس يېقىندا، قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىەسىنىڭ مۆتگې يېزا خارسالا كەنتىگە كەلدى، بۇ كەنتكە كەلگىنىڭىزدە ئالدى بىلەن بۇ يەردىكى ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق كوپىراتىپى-- «مايا» چارۋا باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. كوپىراتىپ ئىچىدىكى رەتلىك ياسالغان سېمونت يوللار، ئازادە، ئۆلچەملىك قوتانلار، چوڭ تىپتىكى يېزائىگىلىك ماشىنىلىرى ۋە يېڭىدىن بېزەلگەن ئۆيلەرنى كۆرىسىز، كوپىراتىپ مەسئۇلى جېنىس ئالىخازى بىلەن يېزىلىق چارۋىچىلىق، مال دوختۇرلۇق پونكىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەلا نەسىللىك كالىلارنى ئۇرۇقلاندۇرۇش بىلەن ئالدىراش  ئىدى.
«بۇ 10 سېيىر كېلەر يىلى موزايلىسا، كىرىمىمىز تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ پايدىسىمۇ ئاشىدۇ» دېدى، جېنىس ئىشەنچ بىلەن.
بۇ يىل 41 ياشقا كىرگەن جېنىس ئىلگىرى كەنتتىكى نامرات ئائىلە ئىدى، ئۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن سانجىغا بېرىپ تېرىقچىلىق، چارۋا باقمىچىلىقى، چارۋا ماللارنى بېقىپ- باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى بىلىملەرنى ئۆگەندى، ھەمدە ئۆزى ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن ئۆيىدىكى نەچچە ئون قوينى ئىلمىي ئۇسۇلدا بېقىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى. قويلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ئازىيىپ، ناھايىتى ساغلام چوڭ بولدى. ئۇ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ  ئەلا نەسىللىك كالا كىرگۈزۈپ، كۆرۈنەرلىك نەپكە ئېرىشتى.
بىر ئادەم باي بولسا بېيىغانلىق ھېسابلانمايدۇ، جېنىس كەنتتىكىلەرنى باشلاپ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى قارار قىلدى. ئۇ «نامراتلىقنى يىلتىزىدىن تۈگىتىش» ئۈچۈن يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنى باشلاپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ سۈت ساتتى.
بۇ ئەترەتنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، جېنىسىنىڭ كاللىسىدا باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. كەنت «ئىككى كومىتېت» نىڭ ياردىمىدە، «مايا» چارۋا باقمىچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2015- يىلى 11- ئايدا قۇرۇلدى.
قۇبۇقسار مۇڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جېنىسقا سىياسەتلەرنى چۈشەندۈرۈپ «كوپىراتىپ بىلەن دېھقان ئائىلىسى» بىرلەشكەن ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تەدرىجىي يولغا قۇيۇپ، كوپىراتىپنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
خارسالا كەنتىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىدىن 31 ئى بولۇپ، بۇ يىل 6- ئايدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن، كوپىراتىپ 600 يېشىل شاكاللىق تۇخۇم توخۇسى كىرگۈزۈپ، نامرات ئائىلىلەرگە تارقىتىپ بەردى. كەنت ئاھالىسى ئالاشىن زامانبېك باققان 20 توخۇنىڭ  ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ھەر ھەپتىدە 50 دىن 60 گىچە تۇخۇم ساتتى، بىر دانە يېشىل شاكاللىق تۇخۇمنىڭ باھاسىنى ئىككى يۈەندىن، بىر دانە توخۇنىڭ باھاسىنى 200 يۈەندىن ساتالىدى، شۇنداق قىلىپ ئالاشىن يەنە كىرىمنى ئاشۇرىدىغان بىر يولنى كۆپەيتتى، بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن ئالاشىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «كوپىراتىپ ۋە خىزمەت ئەترىتى بىزگە ئامال تېپىپ بېرىپ، كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى».
كەنت ئاھالىسى ئولازخان خەيدا ۋە ئۇنىڭ ئايالى چارۋىلىرىنى باققاندىن باشقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قوتانلىرىنى تازىلاش، سۈت سېغىش ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 3 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، مۇقىم خىزمىتى بار بولدى.
«ئەگەر جېنىسنىڭ ئەينى چاغدىكى ياردىمى بولمىغان بولسا، مېنىڭ تۇرمۇشۇم ھازىرقىدەك باياشات بولمايتتى» دېدى، جېنىسقا ئەگىشىپ بىرلىكتە  ئشلىگەن كەنت ئاھالىسى ئۇلازخان ئويغا چۆمگەن ھالدا.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى ناسېن مۇنداق دېدى: «جېنىس كەنتىمىزدىكى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى، شۇنداقلا تەسەۋۇرغا ناھايىتى باي ئادەم، تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى بىلىدىغان يېزا ۋاستىچىسى. ئۇ بېيىغاندىن كېيىن يۇرتداشلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىدى، بەلكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىقنى يولغا قۇيۇپ، تىرىك چارۋا سودا بازىرى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى».
پەيزاۋات ناھىيەسىدىكى «پەيزى» مىللىي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇت ئۆيى ھەر خىل رەخت ۋە كىيىم- كېچەك ئۆسكۈنىلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن ئىدى. رەت- رەت كىيىم تىكىش ماشىنىسى توختىماي ئىشتان پۈكۈش، ئەستەر تىكىش، تۈگمە قاداش مەشخۇلاتى بىلەن؛ خىزمەتچىلەر ئۆز مەسئولىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۇ يەردە ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ %60 تىن كۆپرەكى نامرات نوپۇس بولۇپ، ئۇلار ئىككى قولىغا تايىنىپ بايلىق يارىتىۋاتاتتى.
مۇشۇ ئاينىڭ 3- كۈنى ئاتىكەم داۋۇت زاۋۇتقا يېڭىدىن كىرگەن خىزمەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، ئۇ ھازىر ئۇستام بولۇپ قالدى. ئۇ ئىلگىرى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ بارىن بازىرى قوشكۆۋرۈك كەنتىدىكى نامرات دېھقان ئىدى. ئاتىكەم داۋۇت پەخىرلەنگەن ھالدا: «زاۋۇت ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.  ئىش ھەققىم دەسلەپكى 800 يۈەندىن ھازىر3 مىڭ يۈەنگە ئۆسۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم. دەسلەپتە بىر كۈندە ئاران نەچچە قۇر كىيىم تىكەلەيتتىم، ھازىر كىيىم لايىھىلەشكە بىۋاستە قاتنىشىدىغان بولدۇم، زاۋۇت ماڭا ئۆز قىممىتىمنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بەردى. ھازىر كىرىمىم ئېشىپلا قالماي، يەنە ئەتراپىمدىكى ئاچا- سىڭىللىرىمنىڭ مىللىيچە كىيىم- كېچەك لايىھەسىنى تەتقىق قىلىشىمغا تۈرتكە بولدى، بىز بىرلىكتە تېخىمۇ ياخشى مەھسۇلاتلارنى كۆپچىلىككە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز».
«پەيزى» مىللىي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىدە ئاتىكەم داۋۇتقا ئوخشاش ھەر كۈنى زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلەيدىغان ئىشچى- خىزمەتچىدىن 130 ئى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشكۆۋرۈك كەنتى ۋە ئەتراپتىكى تۆت كەنتتىن كەلگەن. «پەيزى» مىللىي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىنى 2015- يىلى 5- ئايدا شۇ جايدىكى بېيىش باشلامچىسى قۇرغان بولۇپ، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە كېسىش سېخى، كىيىم تىكىش سېخى، ماشىنا- كەشتە سېخى، مەھسۇلات كۆرگەزمە زالى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان. لايىھەلەش، كېسىش قاتارلىق تەرتىپلەر كەسپىي تېخنىكلارغا ئېھتىياجلىق بولغاندىن سىرت، تىككۈچىلىك، تىكىش قاتارلىق ھالقىلارنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا ناھايىتى ماس كېلەتتى.
قوشكۆۋرۈك كەنتىدە كىيىم- كېچەك زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى كەنتتىكى نۇرغۇن ئاھالىلەرنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ شىركەت كۆپ يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا كىيىم- كېچەك لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىغا ئايلاندى. پەيزاۋات ناھىيەسى كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللاش، تېخىمۇ كۆپ نامراتلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۈر مەبلىغى بىلەن قوللاش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى تەربىيەلەش ياردەم مەبلىغى، زاۋۇت ئۆيى قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغى، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ياتىقى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق مەخسۇس يۆلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كەسپلەرنى يۆلەش مەبلىغىدىن 800 مىڭ يۈەن ئاجراتتى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك كۈچى تەربىيەلەش ياردەم پۇلى 4 مىڭ 200 يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كەسپىي خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ، 600 ئادەم قېتىم تەربىيەلىدى. «بىر ئادەمنى تەربىيەلەش، بىر ئادەمنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» تەلىپى بويىچە، شۇ جايدا يېڭى بىر ئەۋلاد كىيىم- كېچەك كەسپى ئىشچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.
نۆۋەتتە، بۇ شىركەتنىڭ يەرلىك لايىھەلەش گۇرۇپپىسى بولۇپ، يىلىغا 2 مىليون 500 مىڭ يۈرۈش مىللىي كىيىم- كېچەك پىششىقلاپ ئىشلەپ، مەھسۇلاتلىرىنى پاكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىپ چىقىرىپ، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى. مەزكۈر شىركەت ئۈچ يىلدا 500 نەپەر ئېشىنچا ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۆلچەرلىمەكتە.
«پەيزى» مىللىي كىيىم- كېچەك چەكلىك شىركىتىگە ئوخشاش ئىشىك ئالدىدا قۇرۇلغان «مىكرو زاۋۇت» لار شۇ جايدىكى نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان «چوڭ كەسىپ» كە ئايلاندى. ئىگىلىنىشىچە، پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «ھەمراھ زاۋۇت» نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ماھارەت ئۆگىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بەرگەن.
نۆۋەتتە، پەيزاۋات ناھىيەسىدە قۇرۇلغان ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 55 ھەمراھ زاۋۇت 11 مىڭ 997 ئادەمنى يېقىن جايدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالماقتا.
«تۇرسۇنتوختى، ئاپتوموبىل ھەيدەپ نەگە ماڭدىڭىز؟»، «ناھىيەگە بېرىپ پۇل ئەكىلەي، نەچچە ئون ئادەم مېنىڭ مائاش تارقىتىشىمنى ساقلاۋاتىدۇ!». مۇشۇ ئاينىڭ 8-كۈنى، چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزا ياقا قاش كەنتىدىكى، تۇرسۇنتوختى ياقۇپ دوستىنىڭ قىزىقچىلىقىغا جاۋاب بېرىپ، ئاپتوموبىلىنى ھەيدىگىنچە كېتىپ قالدى.
كوئىنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى ياقاقاش كەنتىدە ئاران 620 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىدىن 443 ئى بولۇپ، نامراتلىشىش نىسبىتى %71.5 كە يەتكەن ئىدى. كەنتنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن: دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، قىروسىز مەزگىلى قىسقا بولغاچقا، زىرائەتلەرنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن بولاتتى؛ تېرىلغۇ يەر ئاز، تېرىقچىلىق ئۇسۇلى يىرىك، كىرىمنىڭ ئېشىشى ئاستا؛ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئائىلە يۈكى ئېغىر، سىرتقا چىقىپ ئىشلىشى تەس، يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسى مۇتەئەسسىپ بولۇپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خالىمايتتى. قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدۇ؟ بۇ ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىسى ياقاقاش كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ كېچە- كۈندۈز ئويلىنىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى.
خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى لى خۇڭبىن مۇنداق دېدى: «بىز زېھنىمىزنى بىر ئىشقا مەركەزلەشتۈرۈشىمىز، يەنى ھەر بىر نامرات ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىردىن ئەمگەك كۈچىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز لازىم. مانا بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنىڭ تۈپ ئاساسى. بىز ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇرۇقىنى ھەر بىر ئائىلىگە تېرىشىمىز كېرەك»
  ئىقتىدارلىق ئادەمنى تېپىپ باشلامچى قىلىش كېرەك. تۇرسۇنتوختى لى خۇڭبىننىڭ دىققەت- ئېتىبارىنى قوزغىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىزمەت ئەترىتى سۇ ئىنشائاتى ساھەسىدىكى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، پۇقرالار بىناكارلىق قۇرۇلۇشى بىر گەۋدە قىلىنغان «سەننوڭ» بىناكارلىق شىركىتى قۇرۇشىنى قوللاپ، تۇرسۇنتوختىنىڭ دىرېكتورلۇقنى ئۈستىگە ئېلىشىنى قارار قىلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىركەت بىر تەرەپتىن، شۇ كەنتتىكى ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، بوستان يېزىسى تەۋەسىدىكى ئېرىق- ئۆستەڭلەرنى سۇ سىڭمەس قىلىش، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرگە قاتناشتۇرسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن ناھىيەدىكى شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، بازارنى يەنىمۇ ئېچىپ، ناھىيەدىكى تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن ھۆددىگە ئالدى. «تېخنىكا جەھەتتە ياردەمچىمىز، تىجارەتتە شېرىكىمىز بار، ھازىر 34 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، يەنە كەنتتىكى 100 دىن ئارتۇق نامرات ئاممىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدۇق، ئىشنىڭ كۆپلىكىدىن قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ!» دېدى تۇرسۇنتوختى.
  تۇرسۇنتوختىنىڭ ئىسىمى كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن بېيىش «شەرەپ تاختىسى» دا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، ھەر قېتىم كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنگەن چىرايىنى كۆرەلەيتتى.
ئىدىيەۋى سەپەرۋەرلىك بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالمىدى. لى خۇڭبىننىڭ قانچە قېتىم خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ھەر خىل سورۇنلاردا كۆپچىلىككە ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىم ھېساباتىنى قىلىپ بەرگەنلىكى، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكى، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئىدىيەۋى تۈگۈننى يېشىپ بەرگەنلىكى ئېسىدە يوق ئىدى. كەنت ئاھالىسى مەمەت ئېلى پەخىرلەنگەن ھالدا: «مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كەنتتە ئىشلەمچىلىك قىلىپ، قوي باقتىم. ئىلگىرى باشقا ئىشلارنى قىلىشنى بىلمەيتتىم، تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ھازىر«سەننوڭ» قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىشچىسى بولدۇم، ئايلىق ئاساسىي  ئىش ھەققىم 3 مىڭ يۈەن، ئۈنۈم ياخشى بولسا مۇكاپاتمۇ ئالىمەن!» دېدى.
خىزمەت ئەترىتى كەچلىك كۇرس ئېچىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئۆگىتىپ، تېخنىكا كىرگۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ، بارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىگە ئۆزىنى كۈچەيتىش ئۇرۇقىنى چاچتى. كەنتتە «ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى»، «ھاۋالىلىك بېقىش يەسلىسى» ھەمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، يەر ۋە چارۋا ئوبوروتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، بىر قىسىم ئاممىنىڭ غەم- ئەندىشىسى ھەل قىلىندى، ئۇلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئاتلاندى.
كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاستا- ئاستا «قەد كۆتۈرۈش» نىشانى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. «كەنت بىزگە ياردەملىشىپ ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇردى، ھازىر بىز ئاياللارمۇ ئۆيدىن چىقىپ شىركەتكە ئىشقا بارىدىغان بولدۇق» دېدى، كەنت ئاھالىسى گۈلبەھرەم مەتسەيدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر ئۇلار مۇقىم كىرىمگە ئىگە بوپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىدىكەن.
كەنت ئاھالىسى ئەيسا تاشمەت كەنت ئاھالىلىرى ئوبوروت قىلغان 100 مودىن ئارتۇق يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، ھەممىسىگە سىلوس قونىقى تېرىدى؛ يەنە دېھقانلار ئوبوروت قىلغان 600 قوينى ھۆددىگە ئېلىپ، 5 نامرات ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بۇ يىللىق كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. نامرات ئائىلە مەمەت جامال 500 قىرغاۋۇل باقتى، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان كادىر ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىپ، قىرغاۋۇل سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.
بۇ يىل ياقاقاش كەنتى جەمئىي 276 ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېقىن ئەتراپتا 143 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، پەسىل خاراكتېرلىك سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلار 56 گە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەيدىغانلار 11 گە، شىنجاڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار 66 كىشىگە يېتىپ، بىر نامرات ئائىلىدە ئاز دېگەندە بىر ئەمگەك كۈچىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇخېلىل زۇلى مۇنداق دېدى: «بۇ يىل كەنتىمىزدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈرلۈك ئۇل ئەسلىھەلەر ئەمەلىيلەشتى، بۇ يىل كەنتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۇلۇق ئىشەنچىمىز بار. ئىلگىرى كەنت ئاھالىلىرى بىكار بولسىلا تام تۈۋىگە يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ئاپتاپقا قاقلىناتتى، ھازىر كۆپچىلىكتە ئالغا ئىنتىلىدىغان روھ يېتىلىپ، ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ، ياخشى ئىشلەپ، كۆپرەك پۇل تېپىشقا تىرىشماقتا».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى