قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەنشەننىڭ يېڭى قىياپىتى

2018-12-17 17:04:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ ۋېنشياڭ


ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنىدا، بۇ پەقەت ئالتە كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان جاي، ئۇ خۇددى 100 مىڭ چوڭ تاغ ئارىسىغا قويۇلغان گۈزەل «تەشتەك مەنزىرىسى» گە ئوخشايدۇ؛ خۇاشيا تارىخىدا، ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىسى تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدا ئاقىدۇ؛ ئۇ جۇمھۇرىيەت ئارخىپىدا كان قازغۇچىلار ئەقىل- پاراسىتى ۋە قان- تەرى بەدىلىگە ھاسىل قىلغان ئابىدە بولۇپ، دەۋرنىڭ ساداسىنى ياڭرىتىدۇ. مانا بۇ گۇيجۇ تۇڭرېنۋەن تېغىدىكى جۇشاگۇ بازىرى، كىشىلەر خىيالىدىن كەتمەيدىغان جاي.
كىچىك بازار ناخشا ساداسى ئىچىدە ئويغىنىپ كەتتى. خىزمەت كىيىمى كەيگەن بىر نەچچە ئىشچى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گۈللۈككە سۇ قۇيۇۋاتاتتى، مەن ئۇلارنىڭ ئاپتومۇبىلىغا ئەگىشىپ قىزىل ئېرەن دەرەخزارلىقى يېنىغا كەلدىم. بىر نەچچە باغۋەن مەنزىرە دەرەخلىرىنى رەتلەۋاتقان ئىكەن، مېنىڭ زىيارەت قىلماقچى ئىكەنلىكىمنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىك يېنىمدىكى بىر ھەمراھىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «ئۇنى زىيارەت قىلىڭ، ئۇنىڭ دادىسى مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، يەنە بېيجىڭغا بېرىپ يىغىنغا قاتناشقان» دېدى.
  ئۇنىڭ ئىسمى ۋاڭ لىگۇاڭ بولۇپ، قامەتلىك كۆرۈنەتتى، ئۇ بۇ يىل 52 ياشقا كىرىپتۇ. ئۇ ماڭا دادىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ۋاڭ گۈيشيۇڭ ئىكەنلىكى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ۋەنشەن كېنىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى تاش قېزىش ئۇستىسى، شۇنداقلا نامى چىققان كان قېزىش ئۇستىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ 1984- يىلى تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ شامال كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىش كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قىيا تېشىش ئىشچىسى بولۇپ، ھەر كۈنى دادىسىغا ئەگىشىپ قارا ئۆڭكۈر قېزىش رايونىغا بېرىپ مەشغۇلات قىلىپ، ناھايىتى تېزلا تاش قېزىش تېخنىكىسىنى ئىگىلەپتۇ. نېمە ئۈچۈن كۆكەرتىشنى باشلىغانلىقىنى تىلغا ئالغاندا، ئۇ سەل خىجىل بولغان ھالدا: «كان ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغاندىن كېيىن، نۇرغۇن جايلار مېنى تەكلىپ قىلدى، لېكىن دادامنىڭ‹كاننى ئائىلە دەپ قارىغاندا ئاندىن يىلتىز تاتقىلى بولىدۇ›دېگەن سۆزى بويىچە ئىش قىلدىم. ھۆكۈمەت ۋەنشەندە ساياھەتنى يولغا قويغاندا، كۆكەرتىش ئەترىتىگە قوشۇلدۇم» دېدى ئۇ.
  مەن: «ئىلگىرى قۇدۇق قېزىپ تاش قازغان ئىكەنسىز، ھازىر كاننى گۈزەللەشتۈرۈشمۇ ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك» دېدىم. ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ، كۈلۈپ قويۇپ، دەرەخ شاخلىرىنى چاتاشقا باشلىدى.
  سىماب كېنى مۇزېيىغا بارىدىغان چىغىر يول بويىدا، خۇددى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل موگۇغا ئوخشاش كۈنلۈكلەر بولۇپ، بىر نەچچە كىچىك ئوچاقنىڭ ئۈستىگە ئېسىلغان قازاندىن ھور چىقىپ تۇراتتى. بىر نەچچە ئايال يايمىنىڭ ئالدىدا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى، بىز بىر يايما ئورنىدىكى شىرەنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇق، ئۇششاق يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. جىنياڭياڭ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، لەڭپۇڭ، راك، گۈرۈچ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، ماش تالقىنى، تاغ دورىسى، مايدا پىشۇرۇلغان پىچەكگۈل. ئايال خوجايىن پىچەكگۈل پىشۇرغاچ، بىز بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇنىڭ ئىسمى جۇ ليەنيىڭ بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى تۇپىڭ كەنتىدە تۇرىدىكەن، ئاتا- بوۋىلىرىدىن تارتىپ ھەممىسى كاندا كۆكتات سېتىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلغان ئىكەن. لېكىن، كاندا ئىشلەپچىقىرىش توختاپ، كىشىلەر سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىمۇ بىر مەھەل قىيىن كۈنگە قالغان ئىكەن.
  ئۇ: «ھۆكۈمەت ئامال قىلىپ دېھقانلارغا يول تېپىپ بەردى، مەن يولدىشىم بىلەن تىك قىيا ئۇششاق يېمەكلىكلەر كوچىسىغا ئىشقا چۈشتۈم» دېدى خۇشال بولۇپ. قارىماققا ئۇ ئۆزىنىڭ كىرىمىدىن ناھايىتى رازىدەك قىلاتتى، «ھازىر تۇرمۇشىمىزنىڭ بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ. قۇياش سۇس تۇماننى تارقىتىپ، يىراقتىكى تاغ باغرىغا ئالتۇن نۇرىنى چىچىپ، بۇ كىچىك بازارغا ھاياتىي كۈچ قوشقان ئىدى. غايەت زور قىزىل تۆمۈر قىسقۇچ، بولقا مودېلى يېرىم پۇتبول مەيدانى چوڭلۇقىدىكى ئوتلاقتا ياتاتتى، ئۇ كىشىلەرگە بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى ئۇلارنىڭ كۈرەش قىلغان جاي ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇراتتى.
   مۇتەخەسسىسلەر بىناسىنىڭ يېنىغا بوۋاقلار ھارۋىسىنى ئىتتىرگەن بىر بوۋاي كەلدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ياڭ شيەنفا ئىكەنلىكى، كان دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئىكەنلىكى، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئايالى ۋە نەۋرىسى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۇق. بوۋاي: «ئىلگىرى كاندا 7 مىڭ ئىشچى- خىزمەتچى بار ئىدى. كىشىلەر بىزنىڭ بۇ جاينى ‹كىچىك شاڭگاڭ›دەيتتى، بىزنىڭ دۇختۇرخانىدا 600 كىسەل كارۋىتى بار ئىدى» دېدى. بوۋاي يىراق بولمىغان جايدىكى كان تونىلى خارابىسىگە قاراپ: «كانلار ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بىزگە چىقىش يولى تېپىپ بەردى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇردى، ۋەنشەن ھاياتى كۈچكە تولدى. 2011- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، تۇڭرېن رايونلۇق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى گۇيجۇ سىماب كېنىنى تاقاش ئىلتىماسىنى رەسمىي قوبۇل قىلدى ھەمدە رەسمىي قانۇن تەرتىپى ئارقىلىق جەمىيەتكە ئېلان قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن گۇيجۇدىكى سىماب كېنى شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى تاماملىدى. سىياسەت خاراكتېرلىك تاقاش، ۋەيران قىلىش سىماب كېنىدىكى ھەر بىر ئىشچىنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. 50 يىلدىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردىن ۋەنشەننى ئىچىش ئۈچۈن كەلگەن ئىشچى ۋە تېخنىكلار بولقا، جوتۇغا تايىنىپ قۇرۇپ چىققان گۈزەل ماكانىدىن ئايرىلىشقا كۆز قىيمىدى. ئۇلار ئۆز ئائىلىسىدىنمۇ تونۇش كان ئىشچىلىرى، سېخلارنى تاشلاپ كېتەلمەيدۇ- دە، ئۇلار ئەمگەك مۇسابىقىسىدىكى قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىقتىكى قايناق مەنزىرىنى، خىزمەتداشلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى زادىلا ئۇنتۇيالمايتتى. لېكىن، تەبىئەتنىڭ ئاتا قىلىشى ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس، بۇرۇلۇش پەيتىدە تېخىمۇ مۇھىمى كەڭ كۆكسى- قارنى ۋە ئەقىل- پاراسەت بولىشى كېرەك. 1-، 2-، 3- ئەۋلاد سىماب كېنىنىڭ خادىملىرى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ باشلامچىسى بولۇشقا رازى بولدى.
  تۇڭرېن شەھىرىنىڭ ۋەنشەن رايونى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ «ئۈنۈملۈك يول ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، سىماب كېنىنىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرغان. بىر مەيدان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىسلاھات جېڭى باشلانغان ئىدى. كان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ مال- مۈلۈكنى ئېنىقلاش، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش؛ ئۆي- ئىمارەتلەرنى رېمونت قىلىپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن تارىخنى خاتىرىلەش، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، تۇتاشتۇرۇش ئوڭۇشلۇق بولغان، مۈلۈكنى قايتا تەشكىللەيدىغان كارخانىلار پائال ئىشقا كىرىشىپ، مەھەللە مۇلازىمەت ئىدارىسى، باشقۇرۇش مەركىزى، كان ئاسراش- ئۆزگەرتىش مەركىزى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلغان.
  كان قەدىمىي بازارنىڭ فونكىسىيەسىنى ئۆزگەرتكەن، ئەمما قەدىمىي بازارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن. ئىلگىرىكى ئىش بېجىرىش بىناسى «سىماب كېنى سانائەت مىراسلىرى مۇزېيى» بولۇپ قالغان، ئىشچىلار ياتىقى بىنالىرى تىك قىيا مېھمانخانىسىغا ئايلانغان، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇتەخەسسىسلەر بىناسى ئۆزگىچە روسىيە ئاشخانىسىغا ئايلانغان. ئەسلىدىكى قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان قەدىمىي بازار، ئەگرى- بۈگرى بۇغا مۈڭگۈزىدەك سوزۇلغان يول؛ ئۆيلەر ئاددىي، تەكشى سېلىنغان، كۆك خىش، كاھىشلىق؛ كوچىلار گويا ھېكايىدەك چوڭقۇر ۋە جىمجىت ئىدى. يۈزگە يېقىن جانلىق شەخس ھەيكىلى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تارقالغان بولۇپ، مىس تاختىغا ئويۇلغان تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئوقۇپ، ھۆرمەت بىلدۈردۈم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇرۇشتا تاۋلانغان كونا ئىنقىلابچىلار، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن پەن- تېخنىكا خادىملىرى، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان قېزىش بىرىنچى سېپىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى بار ئىدى.
  قىزىل بايراق يولىدا ماڭغاندا، كان رايونىدىكى كانايدىن قويۇلغان «بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە» دېگەن ناخشا ساداسى ئاسماندا ياڭرىدى. بۇ ئىككى بوۋاينىڭ ئاۋازى ۋە چىرايى ئىزچىل كۆز ئالدىدا چاقناپ تۇراتتى، ئۇلار نەچچە ئەۋلاد سىماب كانىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبى سىمابقا ئوخشاش ساپ ئىدى، ئۇلارنىڭ كۆكسى- قارنى 100 مىڭ چوڭ تاغقا سىڭگەنىدى، ئۇلار تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل- پاراسىتى بىلەن كاننىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى ياراتتى. ۋەنشەن دۆلەتلىك كان باغچىسى مۇزېيىدا بىر ئادەم ھەيكىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىسمى فەن لوڭخۇي. كىشىلەر فەن لوڭخۇينى ئېلىمىزنىڭ سىماب كانچىلىقىنىڭ ئۇلۇغ ئالىمى دەپ ئاتايدۇ. ئۇ 1951- يىلى 1- ئايدا، گۇيجۇ ئۆلكىلىك ھەربىي ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، گۇيجۇ داشۆسىدىن ئائىلىدىكىلىرىنى باشلاپ ۋەنشەنگە كەلگەن، شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ئېلىمىزنىڭ تۇنجى تۈركۈم كانچىلىق ئالىي ئىنژېنېرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىنى سىماب كېنى قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا تاپشۇرغان. ئۇ ئەسلىدىكى كاننى تۈزەپ، تەرتىپكە سىلىپ، كۈنىگە ئون توننا رودىنى تىك شەكىللىك دومنا پېچ ئىچىگە بىۋاستە كىرگۈزۈپ، يىغىۋېلىش نىسبىتىنى %90 ئەتراپىدا تۇراقلاشتۇرۇپ، دومنا پېچ ئىچىدە سىماب تاۋلاش يولىنى ئاچقان؛ ئۇ لايىھىلىگەن پۇرۇپكا سىماب تاۋلاش تەجرىبىسى يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مېتال سىمابنىڭ بىۋاستە يىغىۋېلىش نىسبىتى %97.46 پىرسەنتكە؛ سىمابنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلەتكەندىن كېيىن، سىمابنى يىغىۋېلىش نىسبىتى %96 يەتكەن. بۇ خىل ئىلگىرىلەش شەكلىدىكى پەن- تەتقىقات نەتىجىسى، كېيىن دىستىللەنگەن ئوچاقنىڭ لايىھىلىنىشىنى مۇھىم سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىگەن. دەل مۇشۇ بىر قاتار پەن- تېخنىكا نەتىجىلىرى بارلىققا كەلگەنلىكتىن، دۆلەتنىڭ بېشىغا ئەڭ قىيىن كۈنلەر چۈشكەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئون مىڭ سىماب كانى ئۇدا تۆت يىل مىڭ توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ۋەتەننىڭ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈشىگە ھەمدەم بولۇپ، دۇنيادا جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن شان- شەرەپ كەلتۈرگەن. فەن لوڭخۇي قاتارلىق پەن- تېخنىكا خادىملىرى جۇ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشكەن.
  بىز مۇزېيدا جۇڭگو ۋە چەتئەل مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان فەن جىڭفەن خانىمنى كۆردۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ۋەنشەنگە كەلگەندە، ئۇ ئەمدىلا بىر ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۈچ ياشلىق ئاكىسى بىلەن يۇرتداشلار يەتتە كېچە- كۈندۈز يول يۈرۈپ كانغا كەلگەن، ئۇلار ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تاغدىكى كىشىلەرنىڭ غەمخورلۇقىغا ئېرىشىپ، قەلبى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى بىلەن ئوزۇقلانغان ئىكەن. فەن جىڭفەن: «دادام 90 نەچچە ياشقا كىرىپ تۇرۇپمۇ، بىزگە ۋەنشەننى ئەسلەپ تۇرۇشنى، كۆپرەك كېلىپ ۋەنشەننى كۆرۈپ كىتىشنى تاپىلىدى. مەن بۇ قېتىم تۇغقان يوقلاپ كەلدىم» دېدى.
  تاغنىڭ تەبىئىي قىياپىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، تاغلار نامايان قىلغان دەۋر قىياپىتى نۇرغۇن كىشىلەرنى خۇشال قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ يەردە ئۇنتۇلغۇسىز كونا ساياھەت بازىرى قۇرۇلۇپ، ھەر كۈنى ساياھەتچىلەرنى قارشى ئالىدىغان بولدى. فۇنكسىيەسى ئۆزگەرگەن كان رايونى كىشىلەرنى مول بىلىم بىلەن تەمىنلەپ، جەمىيەتكە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوشاشماي ئالغا بېسىش روھىنى يەتكۈزدى. بۇ تاغلار قىزىل رەڭگە كىرگەندە، كان مەيدانىنىڭ مەركىزىدە ئېگىز لەپىلدەپ تۇرغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق رەڭگارەڭ تاغلار ئارىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى چاقناپ تۇراتتى!
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى