قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىسى 1- كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ساقچىسى ئابدۇقادىر مىجىت

2018-12-17 17:33:48     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بۇلاقسۇ يېزىلىق ساقچىخانىسى 1- كەنت ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بۇلۇڭىدا ساقچى ئابدۇقادىر مىجىت ساقلاپ قويغان ئونغا يېقىن قىپ- قىزىل لەۋھە بار.
مۇخبىر ئۇنىڭدىن: «لەۋھەنى نېمىشقا ئېسىپ قويمايسىز؟ بۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىز ۋە خىزمەتلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى ئەمەسمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئابدۇقادىر مىجىت: «مەن پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنى قىلدىم، خىزمەت ئىشلەشتىكى مەقسىتىم لەۋھەگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەس» دەپ جاۋاپ بەردى.
2012- يىلى 3- ئايدا، ئوقۇش پۈتتۈرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ئابدۇقادىر مىجىت قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسىغا كەنت ساقچىسى تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال ئىمتىھانغا تىزىملاتتى ھەمدە بىرىنچى بولۇپ تاللاندى. ئابدۇقادىر مىجىت ھاياجانلانغان ھالدا بۇ خۇش خەۋەرنى دادىسىغا ئېيتقاندا، دادىسى بەكلا خۇشال بولدى. ھەم ئۇنىڭغا: «ئوغلۇم، ساقچى بولساڭ زىممەڭدىكى يۈك ئېغىرلايدۇ، پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىل!» دەپ  يېنىش- يېنىشلاپ جېكىلىدى.
ئەنە شۇنىڭدىن بېرى، «پۇقرالار ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىش» ئابدۇقادىر مىجىتنىڭ خىزمەت مىزانىغا ئايلاندى.
خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن، ئابدۇقادىر مىجىت ئىككى ياخشى ئۇستازغا يولۇقتى. بىرىنچى ئۇستازى ئابلىز زۇنۇن. بۇ پىشقەدەم ساقچى مەيلى سەھەر ياكى كەچ بولسۇن، پەقەت ساقچىخانىغا ئىش بېجىرىدىغانلار كەلسىلا، قىلچە ۋايسىماي، دەرھال قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ئىش بېجىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۈرلۈك مەسىلىلىرىگە سەۋرچانلىق بىلەن جاۋاب بېرەتتى. ھەرگىزمۇ بۈگۈنكى ئىشنى ھەرگىزمۇ ئەتىسىگە قالدۇرمايتتى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «پۇقرالارنىڭ بىزنى ئىزدەپ كەلگەنلىكى بىزگە ئىشەنگەنلىكى، شۇڭا بىز پۇقرالار ئۈچۈن بىجاندىل خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك».
ئابدۇقادىر مىجىتنىڭ ئىككىنچى ئۇستازى ساۋۇتجان ئىسمايىل ئىدى. ئۇ دائىم ئېتىز- ئېرىق ۋە مەھەللىلەرنى ئارىلاپ زىيارەت قىلاتتى. كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەيتتى. ئابدۇقادىر مىجىت بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە، ساۋۇتجان ئىسمايىلنىڭ 76 ياشلىق بوۋاينىڭ قىغ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پۇشقاقلىرنى تۈرۈپ، ئۇنىڭ قىغ چىقىرىشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ساۋۇتجان ئىسمايىل ئۇنىڭغا: «ئەگەر قەددىمىزنى ئىگىپ، پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلمىساق، پۇقرالار بىزگە ئىشىنەمدۇ؟» دىگەنىدى. مۇشۇنداق ياخشى ئىككى ئۇستازنىڭ ئۆز سۆز- ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۈلگە كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ئابدۇقادىر مىجىت  ئىشلەش جەريانىدا ئۆگەندى، ئۆگەنگەنلىرىدىن تەسىرات ئالدى، ئالغان تەسىراتلىرىنى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، بارا- بارا ئاممىنىڭ ھەقىقىي سىردىشىغا ئايلاندى.
2013- يىلى 12- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئابدۇقادىر مىجىت زىيارەت جەريانىدا كەنت ئاھالىسى م X نىڭ ئۈچ ياشلىق بالىسىنىڭ يەسلىگە كىرەي دەپ قالغانلىقى، بىراق نوپۇسىنىڭ يوقلىقىنى بايقىدى. ئەسلىدە بالا تۇغۇلغاندا ئەھۋال جىددى بولۇپ، ئۇ ئايالىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا ئۈلگۈرمەيلا، بالا تۇغۇلۇپ بولغانىدى. دوختۇرخانىغا بارمىغاچقا، تۇغۇلۇش ئىسپاتىمۇ چىقمىغان، تۇغۇلۇش ئىسپاتى بولمىغاچقا، نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشكە ئىمكانىيەت بولمىغانىدى. م X ئەسلىدە بالىسىنىڭ نوپۇس رەسمىيەتلىرىنى تولۇقلاپ بېجىرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن ئەستىن چىقىرىپ قويغانىدى. كېيىنچە بالا چوڭىيىپ كەتتى، م X تۇغۇلۇش ئىسپاتىنى قەيەردە بېجىرىشنى بىلەلمەي، نوپۇسقا ئالدۇرۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، بۇ ئىشنى تاشلاپ قويدى.
ئابدۇقادىر مىجىت بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا: «نوپۇس ئىشى كىچىك ئىش ئەمەس، بۇنداقلا تاشلىۋېتىشكە بولمايدۇ. بۇ ئىشقا مەن ياردەم قىلاي» دېدى. ئۇ دەرھال م X نىڭ قوشنىسى ۋە كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن م X نىڭ بالىسى تۇغۇلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ساقچىخانىغا بېرىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ، م X نىڭ گېپىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
ئارقىدىن، ئۇ م X ئائىلىسىدىكى ئۈچەيلەننى ئېلىپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ قان تىپىنى تەكشۈرتتى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، دەرھال ساقچىخانىغا بېرىپ رەسمىيەت بېجىردى. ئىككى كۈندىن كېيىن، ئابدۇقادىر مىجىت بېجىرىپ بولغان نوپۇسنى م X نىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگەندە، م X تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ كەتتى. ئۇ بالىسىنىڭ نوپۇسىدا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىدى دەپ ئويلاپ، ئابدۇقادىر مىجىتنىڭ بۇ چوڭ ئىشنى بېجىرىپ بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
م X تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ تۇرۇپ: «ئابدۇقادىر ساقچى، سىزگە لەۋھە تەقدىم قىلىپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن» دىگەندە،  ئابدۇقادىر مىجىت ئىككىلەنمەيلا رەت قىلىپ: «بىر لەۋھە ياساشقا 50 يۈەن كېتىدۇ، بۇ سىلەرنىڭ بىر ھەپتىلىك تاماق پۇلۇڭلار، پۇلنى ئىسراپ قىلماڭ» دېگەن.
ساقچى بولغان كۈندىن ھازىرغىچە ئابدۇقادىر مىجىت ئۆزىنىڭ قانچە لەۋھەنى رەت قىلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. گەرچە ئۇ دائىم رەت قىلىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، رەھمىتىنى بىلدۈرىدىغانلار چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئىشخانىدىكى لەۋھەلەرمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئابدۇقادىر مىجىت لەۋھەلەرنى ئېچىپ چاڭ- توزانلارنى قېقىۋېتىپ، ئاندىن ئەستايىدىللىق بىلەن يۆگەپ، ئەسلىدىكى ئورنىغا قويۇپ قويدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى