قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتى دەرىجىسى ئۆستۈرۈلىدۇ

2018-12-17 19:08:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئېلىمىز يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە، يېڭى قوللاش سىياسىتى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، «يەرنى كىم تېرىش»، «قانداق تېرىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كەسپىي ئائىلىلىرى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قاتارلىقلارنى يېتىشتۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت سۇبيېكىتلىرىنى ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى قاتارلىقلار بىلەن ماشىنا- سايمانلاردىن ئورتاق بەھرلىنىدىغان ئىشلەپچىقىرىش بىرلەشمە گەۋدىسى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش؛ «ئالاقە تورى بىلەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى» نىڭ ئۆز ئارا قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكىتىمىزدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى مۇلازىمىتىنى-- ئاساس؛ تېخنىكا كېڭەيتىش، تېخنىكىلىق تەربىيەلەش، ماشىنا- سايمانلارنى رېمونت قىلىش، زاپچاسلار بىلەن تەمىنلەش، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى-- تىرەك قىلغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسى شەكىللەنگەن. بۇلتۇر، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلات مۇلازىمەت تەشكىلاتلىرى 187 مىڭغا يەتكەن.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا،«ئادەمنىڭ ئورنىغا ماشىنىنى ئالماشتۇرۇش» تەك ماشىنىلاشقان مۇلازىمەت ئېھتىياجى بارغانسېرى تەخرسىزلىككە ئايلانماقتا. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە، مەركەزنىڭ تەلىپى ئېنىق؛ دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك؛ ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇراللىنىش ئىقتىدارى پۇختا ئاساسقا ئىگە؛ مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىلگەن؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش يەنىمۇ كۈچەيتىلسە، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىل چوقۇمكى تەرەققىياتنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى بولىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى ئاشلىق، پاختا، ياغلىقدان، شېكەر ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلاردا، بولۇپمۇ كەنت كوللېكتىپىنىڭ سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك؛ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئېھتىياجى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن رايونلاردا، ئەمەلىي كۈچى بار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى مۇلازىمەت سۇبيېكتىغا تايىنىپ «بارلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى ماشىنىلاشتۇرۇش بىلەن ئۇنىۋېرسال دېھقانچىلىق ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى» نىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، دېھقانلارنى پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلاشقان مۇلازىمەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، تەربىيەلەش، مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق «بىرلا جاي»دىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 
ئالاقە تورى، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىدە قوللىنىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدۇ. «ئالاقە تورى قوشۇلغان» يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىۋاسىتە يولى» قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى ۋە تەڭشەپ باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپلا قالماي، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىرى تۈرىدىكى APP نى ئېچىشقا ئىلھام بېرىپ، مەشغۇلات قىلىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشى ۋە تېز، قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى يەنە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلىتىدىغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەم يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ھەيدەش، رېمونت قىلىش تېخنىكىسىنى پىششىق بىلىدىغان؛ ھەم يېزا ئىگىلىكى، دېھقانچىلىق، پەرۋىش تېخنىكىسىنى بىلىدىغان يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پەن- تېخنىكا خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت تەشكىلاتى قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرەلەيدىغان تەرەققىياتنىڭ جەڭگىۋار قوشۇنىنى بەرپا قىلىدۇ. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنا- سايمانلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇش قەرز پۇلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى بويىچە زاكازلق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش- سېتىش كارخانىلىرى؛ پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى پۇل مۇئامىلىلىك ئىجارە كەسپىنى ئۆز ئالدىغا ياكى ھەمكارلىشىپ قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپلا قالماي، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارە شەكلى ئارقىلىق ئېرىشكەن يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەتكۈچىلەرنى بەلگىلىمە بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىما ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى