قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بازارنى نىشانلاپ ئۆرۈكسىمان ئالۇچا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان پەيزىۋاتلىقلار

2018-12-17 17:52:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى يېشىل ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىپ، «ھۆكۈمەت يۆلەش، ئىلمىي ئۇسۇلدا يېتىشتۈرۈش، بازار ئارقىلىق يۈرۈشتۈرۈش، دېھقانلار قاتنىشىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، تېرىم، يېڭىمەھەللە، جامباز يېزىسى ۋە شاپتۇل بازىرى قاتارلىق يېزا-بازارلىرىدا  4 مىڭ 419 مو يەرگە ئۆرۈكسىمان ئالۇچا كۆچىتى تىكتى. بۇنىڭ بىلەن ئۆرۈكسىمان ئالۇچا كەسپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش -- پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ  پەيزىۋات قارا ئۆرۈكىچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا كېڭەيتىۋاتقان يەنە بىر ئالاھىدە باغۋەنچىلىك كەسپىگە ئايلاندى.
 بۇ يىل پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆرۈكسىمان ئالۇچا مەھسۇلاتى 2مىڭ 641 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئومۇمىي كىرىمى 7 مىليون 923 مىڭ يۈەنگە يەتتى. قىسقىسى، ئۆرۈكسىمان ئالۇچا كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق بولغاچقا، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يەنە بىر يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسپىگە ئايلاندى. ھەر يىلى يىل بېشىدىلا، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر باغلارغا كېلىپ پەيزىۋات دېھقانلىرىغا ئالدىن زاكاز بېرىدىغان، 8- ئايدا ئالۇچا پىششىقىدا،    دېھقانلارنىڭ يىغىشىنى ساقلاپ تۇرۇپ سېتىۋالىدىغان ھەمدە ئىچكىرىدىكى چوڭ سودا سارايلىرى، چوڭ تاللا بازارلىرىغا بىۋاستە  يۆتكەپ ساتىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. شۇ سەۋەبلىك ئادەتتە بازارلاردا پەيزاۋاتنىڭ ئۆرۈكسىمان ئالۇچىلىرىنى تېپىش تەسكە توختايدۇ-ئەلۋەتتە.
 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەيزاۋات ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پەيزاۋاتنىڭ ئۆرۈكسىمان ئالۇچا كۆچىتىنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلىدىغان يەرلەرگە تىكىلىدىغان، ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالدىن تاللىنىدىغان ئەڭ ياخشى دەرەخ تۈرى قىلىپ بېكىتتى. بۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ جامباز يېزىسى ۋە قوشئاۋات بازىرىدىلا 1 مىڭ 300 مولۇق ئۆرۈكسىمان ئالۇچا بازىسى بەرپا قىلىندى. 2020- يىلىغا بارغاندا، پەيزىۋات ناھىيەسى بويىچە ئۆرۈكسىمان ئالۇچىلىق باغ كۆلىمىنى 70 مىڭ مودىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى