قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نامرات دېھقاننىڭ بېيىش ئارزۇسىنى رۇياپقا چىقارغان -- كۆپەيتىپ بېسىش ماشنىسى

2018-12-17 19:12:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

غېنى راخمان كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى سېتىۋالغاندىن كېيىن، كەنتتىكى دېھقانلار دائىم بازارغا قاتىراپ كىرەكلىك نەرسىلىرىنى كۆپەيتىش ئاۋارىچىلىقىدىن قوتۇلدى، توغرىسى، ئۇنىڭ كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى سېتىۋېلىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
غېنى راخمان ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى ئۈستۈنكى تامتوغراق كەنتىدىكى نامرات دېھقان بولۇپ، ئاستىنقى يېرىم بەدىنى پارالىچ، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىر ئىدى. بۇ يىل 2- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسىنىڭ ئۈستۈنكى تامتوغراق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە ماكانلاشقاندىن بۇيان، 1-شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر كەنجى قانداق قىلغاندا غېنى راخماننى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلاشتى. ئەنۋەر كەنجى خېلى ئۇزاق ئويلاندى، ئەمگەك ئىقتىدارى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەرىكىتى قولايسىز بولغاچقا، غېنى راخمانغا قارىتا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تۈرىنى بېكىتىش بىر قەدەر قىيىنغا توختىغانىدى.
 كېيىنچە، ئەنۋەر كەنجى كەنتتە ھەر قېتىم سۇ ھەققى يىغقاندا، يەر ئېنىقلىغاندا، تولۇقلىما پۇلى تاپشۇرۇۋالغاندا، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ خىزمەت ئەترىتىگە بېرىپ لازىملىق ماتېرىيال كۆپەيتىپلا قالماي، ھەر خىل ماتېرىياللىرىنى بېسىپ چىقارغاچقا، ئىشخانا ئىچىنىڭ ئادەمگە لىق تولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بايقىدى. ھەتتا بەزىلەر ساقلاۋېرىشتىن زىرىكىپ، 14 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تامتوغراق بازىرىغا بېرىپ ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتەتتى.
كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، 11- ئايدا ئۈستۈنكى تامتوغراق كەنتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى. خىزمەت ئەترىتى غېنى راخماننىڭ بىر كومپيۇتېر ۋە كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسى سېتىۋېلىشىغا ياردەم بەردى ھەمدە ئۇنى تاللا بازىرىغا ئورۇنلاشتۇردى. كادىرلار يەنە ئۇنىڭغا ئاددىي بولغان كومپيۇتېر مەشغۇلات ماھارىتى ۋە كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ، غېنى راخمان ناھايىتى تېزلا «كۆپەيتىش بۇلۇڭى» نىڭ تىجارىتىنى باشلىۋالدى ھەمدە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىپ بېسىپ بېرىدىغان بولىۋىدى. باشقا دېھقانلارمۇ كېرەكلىك ماتېرىياللىرىنى كۆپەيتىپ بېسىش ئۈچۈن، يىراققا بېرىپ يۈرمەيدىغان بولدى. قىسقىسى، ئۆزىگە موشۇنداق ئەپلىك بېيىش يولىنى كۆرسەتكىنى ئۈچۈن غېنى راخمان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىگە كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى