قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى پائال ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى

2018-12-18 16:40:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانىسىمىز خەۋىرى:
تيەنجىن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس مەبلىغىنىڭ ياردىمىدە، خوتەن ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش شارائىتىنى پائال ياخشىلاپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.
خوتەن ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق ئۈچىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپىنىڭ تىل- ئەدەبىيات دەرسىدە، ئىبادەت شېرىپ مۇئەللىم دوسكىغا قويۇلغان كۆپ ۋاسىتىلىق سېزىمچان سۇيۇق كىرىستال ئېكران ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر» درامىسىنى قويۇپ بەرمەكتە ئىدى. ئىبادەت شېرىپ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈشتە پەقەت دەرسلىك كىتابقىلا تايىناتتىم. ھازىر يېڭى مەكتەپكە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنە ئارقىلىق دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، بەزى دەرسلىكتە يوق مەزمۇنلارنى بۇ كۆپ ۋاستىلىق ئۈسكۈنىدە نامايان قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلاشتەك زور خۇشاللىق بېغىشلىدۇق.    
189 مىليون يۈەنلىك شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، 2013- يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ كۆلىمى 209 مو كېلىدىغان يېڭى مەكتەپ رايونى قۇردى. بۇ، ئوقۇتۇش بىناسى، ئۇنىۋېرسال تەجرىبە بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى، تەنتەربىيە مەيدانى ۋە كۆپ ئىقتىدارلىق تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەكتەپ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە بىناسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا توك، كۈچ، نۇر، ئىسسىقلىق قاتارلىقلارغا ئائىت ئەڭ يېڭى ئوقۇتۇش تەجرىبە ئەسۋابلىرى تولۇق بولۇپ، ھەر بىر تەجرىبە تۈرلىرىنىڭ تەجرىبە ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. تولۇق 2- يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئارمانجان مەمەتجان مۇنداق دېدى: تەجرىبىنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئىشلىگەندىلا، شۇ بىلىم نۇقتىسى كاللىمىزغا تېخىمۇ پۇختا ئورناپ كېتىدۇ. ئاساسنى پۇختىلىغاندىلا، ھەر قانداق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنىڭ مۇقىم ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك 2- ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقا- ئارقىدىن «مەملىكەت بويىچە ئىناق مەكتەپ قۇرۇلۇشىدىكى ئىلغار مەكتەپ»، «ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈلگىلىك ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» قاتارلىق 100 دىن ئارتۇق دۆلەت، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت دەرىجىلىك شان- شەرەپكە ئېرىشتى. مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شۆدېڭ مۇنداق دېدى: تيەنجىن شەھىرى بىزگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. ھازىر تيەنجىن شەھىرىدىن بىزگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىدىن 45 ئى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىپىمىز تيەنجىندىكى مەكتەپ بىلەن بىۋاستە ئاڭلىتىش ئۆيى تەسىس قىلدى. ئۇ يەردىكى دەرسخانا بايلىقىدىن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلار ئورتاق بەھرىمان بولالايدۇ. ھازىر مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش نىسبىتى %100 كە يەتتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز يىلدىن- يىلغا كۆپىيىپلا قالماي، ئوقۇتۇش سۈپىتىمىز ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

تەرجىمان: مەدىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى