قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى لىن غولپىياز ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى

2018-12-18 16:46:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگۇ يېزا فاڭجياگۇ كەنتىدىكى دېھقان لى لىن غولپىياز ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى ھەمدە «مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولۇپ باھالاندى.
يىل ئاخىرىغا ئاز قالغاندا، لى لىن كەنتتىكى غولپىياز تېرىيدىغان دېھقانلارغا بازار تېپىپ بېرىپ، ئاخىرىدا قالغان غولپىيازلارنى سېتىپ بولدى. بۇ يىل لى لىن پىياز تېرىغان 8- يىل ھىساپلىنىدۇ. 2009- يىلى لى لىن ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كىچىك ئاشخانا ئاچقان بولۇپ، تىجارىتى ياخشى بولغانىدى. دۆلەتنىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا- ئارقىدىن چىقارغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن كەنتكە قايتىپ دېھقان بولۇشنى قارار قىلدى. لېكىن ئايالى بۇنى چۈشەنمىدى. لى لىن مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، ئايالىمنىڭ بەكلا ئاچچىقى كەلدى. «ئاشخانىنى بىر ياخشى ئېچىۋاتىمىز، يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپىمىز. سىز يەنە نىمىش قىلماقچى؟» دەپ كايىپ كەتتى. لېكىن، مەن دېھقان بولۇشنى ياخشى كۆرىمەن، يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئويلايمەن دىدىم.
لى لىن ئايالىنى قايىل قىلغاندىن كېيىن 2011- يىلى داۋانچىڭ رايونىنىڭ دۇڭگۇ يېزىسىغا قايتىپ كەلدى. بازار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، لى لىن غولپىياز ئۆستۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن 300 مو يەرنى ھۆددىگە ئېلىپ، يەنە پىياز مايسىسى سېتىۋېلىپ تېرىشقا باشلىدى. كۈتۈلمىگەندە، يېڭىدىن تېرىغان غولپىيازدا ئېغىر كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى كۆرۈلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مو يەردىن 5 توننا پىياز ئالساق، 5 مىڭ يۈەنگە ساتالايمەن دەپ ئويلىغانىدىم. لېكىن، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى جايىدا بولمىغانلىقتىن، ئېغىر كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنى كۆرۈلۈپ، بىر يىلدا 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق زىيان تارتتىم.
مەغلۇپ بولۇشقا تەن بەرمىگەن لى لىن ئىككىنچى يىلى يېڭى پىياز مايسىسىنى ئالماشتۇرۇپ تېرىشقا باشلىدى. ئىلمىي پەرۋىش قىلىش نەتىجىسىدە،  غولپىيازنىڭ ھوسۇلى ياخشى بولدى. ئەمما، بازار ئەھۋالى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئۆزى تېرىغان غول پىيازنىڭ باھاسىمۇ ياخشى بولماي زىيان كۆرۈلدى. لى لىن ئاشخانا ئاچقاندا بازاردىن سېتىۋالغان شەندوڭ غولپىيازلىرىنىڭ تەمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، سېتىلىش باھاسىنىڭمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ شەندۇڭ جاڭچيۇدىكى غولپىياز تەتقىقات ئورنى بىلەن ئالاقىلىشىپ، يېڭى سورت كىرگۈزۈپ، 8 مو يەردە سىناق قىلىپ تېرىدى. شۇ يىلى غولپىيازنىڭ مو بېشى مەھسۇلاتى 9 توننىغا يېتىپ، بىر مو يەردىن 7 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. لى لىن مۇنداق دېدى: داۋانچىڭلىقلار ئىزچىل غولپىياز تېرىپ كەلگەن بولسىمۇ، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 5 توننىدىن ئېشىپ 9 توننىغا يەتكەنلىكىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىدى.
يېڭى سورتنى تېرىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن لى لىن يۇرتداشلارغا پائال كېڭەيتتى. 2014- يىلى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، لى لىن بىلەن كەنتتىكى بەش تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. لى لىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى داۋانچىڭ رايونىنىڭ پەن- تېخنىكا خاس خادىملىقىغا كۆرسىتىلدى. نەچچە يىلدىن بۇيان، دۇڭگۇ يېزىسىدىكى غولپىياز تېرىغان دېھقانلارنىڭ %80ى لى لىن كېڭەيتكەن سورتنى تاللىدى. يېزىدىكى غولپىيازنىڭ تېرىلىش كۆلىمى 3 مىڭ مودىن ئېشىپ، شۇ جايدىكى زىرائەت تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىدى. لى لىن مۇنداق دېدى: مەن يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ئۇنى زورايتىپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يېتەكلەشنى ئويلايمەن. بىز بىر تال ئۇرۇقنى ئەمەس، بەلكى بىر تال بەخت ئۇرۇقىنى تېرىيمىز، ئۇ ھامان چېچەكلەيدۇ، مېۋە بېرىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى