قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىيىش باشلامچىلىرى

2018-12-18 17:54:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى داڭلىق مەنزىرە نۇقتىسى قارلىغاچ تېغىدىن شەرققە نەزەر سالساق، ياركۆۋرۈك يېزىسىنىڭ سېدە كەنتى نەچچە تەرەپتىن تۇتاشقان يوللار ئارقىلىق «شاھمات تاختىسى»غا ئوخشاش ئايرىلغان بولۇپ، ئۆگزىسى قىزىل كاھىشلىك، ئاق تاملىق ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى خۇددى شاھمات ئۇرۇقىدەك رەتلىك تىزىلغان، ئەتراپى ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرغان قوناقلىق، سارغايغان ياڭاقلىق شۇنداقلا ياپيېشىل كۈزگى بۇغدايلار بىلەن ئورالغان ئىدى.  تۈپتۈز ئۇزۇنغا سوزۇلغان ماي يولى ۋە سەھەردىكى تۇنجى قۇياش نۇرى كەنتكە چۈشۈپ ـــــ كىشىگە خۇددى چۆچەكلەردىكى باي - باياشاتلىق كىچىك بازارنى ئەسلىتەتتى. ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يول ياساش، كۆچەت تىكىش، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، يۇرت - ماكان قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا، تىرىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ ئىناق ياشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سېدە كەنتىگە يېڭىچە تۈس ئاتا قىلدى.
 
 ▲ خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» ھەر ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلىپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بەردى. پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئوسمان ئىمىن سېدە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى بولۇپ، خىزمەت ئورنىدىن پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بىكار تۇرماي، كەنت ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئىشنى قانداق باشلاشنى بىلەلمىگەنىدى. بىر نەچچە قېتىملىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئۇ خىزمەت ئەترىتىگە كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنجى شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خې جاڭيى پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسى ئوسمان ئىمىن بىلەن سەمىمىي سۆزلەشكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ياش ۋاقتىدا ئۆي سېلىش ماھىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، شۇ جايدىكى خەلقنى ماكانلاشتۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قۇرۇلۇش ئەترىتىنى باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ پۇل تېپىش تەكلىپىنى بەردى. مەبلەغ ۋە خادىم كەمچىل بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» قايتا - قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، لايىھە تۈزۈپ، قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى.
 
▲ ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن دېگەندەك، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل ئارقىلىق مەبلەغ مەسىلىسى ھەل قىلىندى، كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ھەقسىز قۇرۇلۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش تۈرىنى ئىلتىماس قىلىپ، تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. كەنتتىكى ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ بەس- بەستە تىزىمغا ئالدۇردى. قۇرۇلۇش ئەترىتى «پۇختا قۇرۇلۇش قىلىش» ئىدىيەسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلىپ، كەنتتىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، ئۇلارنى تەكلىپ قىلىدىغانلار ۋە قۇرۇلۇش ئەترىتىگە قوشۇلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى. ئوسمان ئىمىن مۇنداق دېدى:«تەشكىلنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكى بولمىسا، مەن بىر ئادەم ھېچنېمە قىلالمايمەن، بۈگۈنكى كۈندە ياشلارنىڭ ئالغا باسقانلىقى، جاپاغا چىداپ ئىشلىگەنلىكى، پۇل تاپقانلىقىنى كۆرۈپ، مەيدەمدىكى پارتىيە ئىزنىكىگە، تەشكىلنىڭ ئىشەنچىسىگە يۈز كېلەلىدىم، مەن بىر ئۆمۈر ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىمەن ۋە ئىپتىخارلىنىمەن». ھازىر كەنتتىكى 74 پارتىيە ئەزاسى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈلگىسى بولۇشقا تىرىشىپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.
 
▲خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت» بىرلەشمە يىغىنىدا سېدە كەنتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە كېڭەشتى. «كەنتتە 119 نامرات ئائىلە، 501 نوپۇس بولۇپ، ئەر - ئايالنىڭ بىرى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتسە، بىرى دېھقانچىلىق قىلىپ ئائىلىسىگە قارايتتى». خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرى نامراتلىق قىياپىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرىغا ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، ئەتراپىدىكى تىپلار ئارقىلىق سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋىلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، بېيىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىككى قولىغا تايىنىپ «نامراتلىق قالپىقى»نى ئىلىپ تاشلاشقا يېتەكلىدى. كەنت ئاھالىسى ئالىم قېيۇم خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن يۈك توشۇش سودىسى بىلەن شۇغۇنلىنىپ بىر ئايدا 6 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇرۇن ئاتا-ئانامغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قېلىپ، ئۆيدىن ئايرىلىپ پۇل تېپىشنى خالىمايتتىم، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ماڭا ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىدى. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنداق ياخشى، مەن ئاتا - ئانامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى قارايمەن».
 
▲ سېدە كەنتىگە قوشنا بولغان ـــ ئۈستۈنكى يارباغ كەنتىدە كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ ھەمراھ زاۋۇتى بولۇپ، ئىزچىل شۇ جايدىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى، بىرىنچى شۇجى ۋە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى ۋە ھەمراھ زاۋۇتىنى زىيارەت قىلىپ، سېدە كەنتى ئۈچۈن 40 ئىش ئورنىنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، سېدە كەنتىدىكى 726 كىشى سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى، 10 كىشى ئىشىكى ئالدىدا ئىگىلىك تىكلىدى. باي - باياشات ۋە ئىززەت - ھۆرمەتلىك ياخشى كۈنلەر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
 
▲ بۈگۈنكى كۈندە كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ قورۇسى قاينام ـ تاشقىنلىق ۋە كۈلكە سادالىرىغا تولغان بولۇپ، قىزىل ناخشا  ئېيتىش مۇسابىقىسى، كوللېكتىپ توي مۇراسىمى، مودا كىيىم كۆرگەزمىسى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا- ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلاندى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» ھەر ھەپتىدە پائالىيەت بولۇش، ھەر ئايدا خۇشاللىق ئىشلار بولۇش نىشانى بويىچە، ئامما ياقتۇرىدىغان پائالىيەتلەرنى قەرەللىك تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەردى. كەنت ئاھالىلىرىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەربىيەنى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئەر- ئاياللار باراۋەرلىكى، بېيىش شەرەپ قاتارلىق ئاڭلارنى ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى. ناچار ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بىلەن گۈزەل يېزا -كەنت قۇرۇلۇشى، ئىشىك ئالدىنى گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش، يورۇتۇش قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلىدى.
 
 ▲ كەنت ئاھالىسى گۈلنىساخان موللاق ھەر كۈنى ئۆيىدە ئۈچ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئادەتتە سىرتقا كۆپ چىقمايتتى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» كۆپ قېتىم ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىپ، ئۇنى كەنت تەشكىللىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا، كونا قاراشلارنى تۈگىتىپ، يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىشقا يېتەكلىدى. كۆپ قېتىم تىرىشىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە گۈلنىساخان ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا نامايان بولدى. ئۇ خوشال ھالدا: «مەن ھازىر تېلېۋىزوردىكى مودېللاردەك سەھنىدە نومۇر ئورۇنلىيالايمەن، بۇنداق تۇيغۇ بەك ياخشى بولىدىكەن» دېدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن ھەر بىر بايرام، چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت- تەنتەربىيە پائالىيەت تۈسىنى ئالدى، كەنتتىكى ئەر - ئايال، قېرى - ياشنىڭ  ھەممىسى سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويدى، بولۇپمۇ كەنتتىكى ئاياللارنىڭ ئىدىيەسىدە يېڭىچە ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى. 16 كىشىلىك مودىل ئەترىتى، 22 كىشىلىك قىزىل ناخشا ئېيتىش ئەترىتى، 18 كىشىلىك ئۇسسۇل ئەترىتى ۋە 10 كىشىلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى كەنىتنى جانلاندۇرىۋەتتى. قارلىغاچ تېغى ئېتىكىدىكى سېدە كەنتى ـــ تاغلىرى گۈزەل، سۇلىرى سۈزۈك، كەنت ئاھالىلىرى تېخىمۇ گۈزەل بىر كەنتكە ئايلاندى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ يېتەكچىلىكىدە، نۆۋەتتە سېدە كەنتىنىڭ بەنزىسى تېخىمۇ كۈچلۈك، مۇھىتى تېخىمۇ گۈزەل، كەنت ئاھالىلىرى دەۋر قەدىمىگە ئەگىشىپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، چوڭ قەدەم بىلەن تەرەققىيات تېز سۈرەتلىك يولىغا قەدەم قويماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى