قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاجايىپ قالتىس نيەن گۇاڭجيۇ

2018-12-18 18:07:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جى يۈ

بىر قېتىملىق كۈز يامغۇرىدىن كېيىن ھاۋا ئېچىلدى. كۈزنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ قۇياش نۇرى ئىللىق ئىدى. بىز ۋۇخۇ شازى گازىر شىركىتىگە كېلىپ، نيەن گۇاڭجيۇ ئاتا ـ بالىنى يەنە بىر قېتىم كۆردۇق.
شازى گازىرى تىلغا ئېلىنسا، ئىسلاھاتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەممە ئادەم دېگىدەك بىلەتتى، شازى گازىرنىڭ ئاساسچىسى، «شازى» نيەن گۇاڭجيۇ ۋە ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى «كىچىك شازى» نيەن چياڭنىڭ نامىمۇ يىراق ـ يېقىنغا تارالغان ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا، مەن «ئەنخۇي ئەدەبىياتى» دا خىزمەت قىلغاندا، ئىلگىرى شازى گازىر شىركىتىنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدىم. بۇ قېتىم بىز ۋۇخۇغا بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، نيەن چياڭ ئەمدىلا چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئەتىسى دادىسىنى زىيارەتكە چوقۇم ئەكىلىدىغانغا قوشۇلغان ئىدى.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 لاردا، نيەن گۇاڭجيۇ شازى گازىر شىركىتىنىڭ يىغىن زالىغا كەلدى. ئۇ رەتلىك كىيىنىپ، گۈللۈك گالىستۇك تاقاپ، چېچىنى سىلىق تارىۋالغان بولۇپ، سىرتقى قىياپىتىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلى چوڭ ئۆزگىرىش بولغان ئىدى. ئۇ 80 نەچچە ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ روھى كۆتۈرەڭگۈ، يۈزىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بولۇپ زىيارەتتە كەسكىن ۋە مەردانە سۆزلىدى. ئەگەر ئۆزگەرمىدى دېسە، ئۇنىڭ خۇشخۇي، تېز گەپ قىلىدىغان مىجەزى ئۆزگەرمىگەن بولۇپ گەپ ئارىلىقىدا قىززىق گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارنى كۈلدۈرەتتى.
سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، مەن ئۇنىڭ ئىسمىدىكى «جيۇ» نىڭ ئۇزۇندىكى «جيۇ»  ياكى توققۇزدىكى «جيۇ» ئىكەنلىكىنى سوراپ دەلىللىلىدىم. چۈنكى سىرتتىكى خەۋەرلەردە ئۇزۇندىكى «جيۇ»نىمۇ، توققۇزدىكى «جيۇ»نىمۇ ئىشلەتكەنلەر بار ئىدى. بۇ مەسىلىگە قارىتا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى توققۇزدىكى«جيۇ» ئىكەنلىكىنى مۇئەييەلەشتۈردى. نيەن گۇاڭجيۇ ئوقۇمىغان بولسىمۇ لېكىن كاللىسى ئوچۇق ئىدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇ پەقەت «نيەن گۇاڭجيۇ»، «توڭ يى» دېگەن بەش خەتنىلا يازالايدىكەن.
80-يىللاردىكى جەمئىيەت يەنىلا پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسى شارائىتىدا بولۇپ،  يەككە تىجارەت قىلىشقا يول قويۇلمايتتى، تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن يەككە تىجارەتچىلەر ھەمىشە يوشۇرۇنۇپ يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى، نيەن گۇاڭجيۇمۇ ئىلگىرى «بېلىق» ۋە «كاشتان ياڭىقى» سېتىش سەۋەبىدىن ئىككى قېتىم تۈرمىگە كىرىپ قالغان. ئىككىنچى قېتىم تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، گازىر ساتىدىغان قوشنىسى ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ نامرات ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۆزىگە ياردەملىشىپ گازىر قورۇپ بېرىشنى ئېيتقان. پۇت ـ قولى چاققان ھەم ئۆگىنىشنى ياخشى كۆرىدىغان نيەن گۇاڭجيۇ ناھايىتى تېزلا بۇ ھۈنەرنى ئۈگىنىۋالغان.
ئەينى چاغدا گازىر بىر تۇتاش سېتىۋېلىنىپ، بىر تۇتاش سېتىلىدىغان ماددىي ئەشياغا تەۋە بولۇپ، تەمىنات ـ سودا كوپىراتىپى تەرىپىدىن بىر تۇتاش كونترول قىلىناتتى، شەخسىي ئېلىپ-ساتسا قانۇنغا خىلاپ ئىدى. پەقەت چاغاندىلا كىشىلەر بېلەت بىلەن بىر ـ ئىككى جىڭ سېتىۋالالايدىغان، ئادەتتە سېتىۋالالمايدىغان بولغاچقا، نيەن گۇاڭجيۇدەك ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن ئىدى.
نيەن گۇاڭجيۇ: «ئۇ چاغدا سېتىشقا پېتىنالمايتۇق، پەقەت ئوغۇرلۇقچە ساتاتتۇق. ئۇستام، ئۇلار بىلەن پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىمىز، ئۇلار كەلسە قاچىمىز، كەتسە يايمىنى يېيىپ ساتىمىز، دەيتتى» دېدى. ئۇ ھەر كۈنى كەچ سائەت 7 ، 8 لەردە گازىر قورۇشقا باشلاپ، بىر قورۇسا نەچچە يۈز جىڭ قورۇيدىغان بولۇپ، تاڭ سەھەر سائەت بەشكىچە ئىشلەيتتى. كىشىلەرنىڭ چۈشلۈك تاماق ۋە ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىغا توغرىلاپ، ئوغرىلىقچە ئېلىپ چىقىپ ساتاتتى. نيەن گۇاڭجيۇ ئاشۇ كۈنلەرنى ئەسلەپ: «كۈندە دېگۈدەك تۇتۇلۇپ قالاتتۇق، بىر كۈندە قانچە قېتىم تۇتۇلدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمەن. لېكىن قورقمايتتىم، تۇتۇۋېلىپ گازىرنى مۇسادىرە قىلۋالسا يەنە قورۇيتۇم، نەچچە موچەنلىك نەرسە تۇرسا، يا نەچچە يۈز يۈەنلىك بولمىسا، چىدايتىم» دېدى.
1981- يىلىغا كەلگەندە، نيەن گۇاڭجيۇ ئاخىرى «يەككە ئىگىلىك» نىڭ پارلاق نۇرىنى كۈتۈۋالدى.
نيەن گۇاڭجيۇ ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپلا «تىجارەت» قىلىشنى باشلىغانلىقى، ئەگەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئۇ مېۋە ـ چېۋە ئېلىپ ساتقاندىن باشلاپ ھېسابلاشقا توغرا كەلسە ھازىرغىچە 50 نەچچە يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق، ئۇ سودا يولىنى دەرسخانىدىن ئۆگەنمەستىن، بەلكى تۇرمۇشتىن ئۆگەنگەن ئىدى. بىر يىلى گازىر بازىرىدا باھا جېڭى بولدى. بەزى كارخانىلار شازى گازىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن، دەسمايىسىنى ئايىماي، باھانى تەننەرختىن تۆۋەن قىلۋەتكەن.
نيەن گۇاڭجيۇ بۇ زىيانغا چىدىماي، باشقىچە يول تۇتقان. ئۇ گازىرنىڭ سۈپىتىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، يېڭى سورت يېتىشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى قىسىمدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىغان. نيەن گۇاڭجيۇ: «ئەينى چاغدا ئادەتتىكى كادىرلارنىڭ ئايلىق ئىش ھەققى 80 نەچچە يۈەن ئىدى، مەن خىزمەتچىلىرىمگە 500 يۈەندىن 800 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرەتتىم» دېدى. ئۇ ئىش ھەققىنى يۇقىرى قىلغاندىن باشقا يەنە خىزمەتچىلەرنىڭ تامىقىنىمۇ زور دەرىجىدە ياخشىلىغان. ئۇ: «بەزىلەر مېنى ئەخمەق دىيىشتى، لېكىن كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچىدۇ، خىزمەتچىلەر چىن كۆڭلىدىن مەن بىلەن ئىشلەشنى خالاپ، قىيىنچىلىق بولغاندىمۇ ئاغرىنىپ باقمىدى» دېدى. ئاخىرىدا شازى گازىرى مەھسۇلات سۈپىتىگە تايىنىپ، يۇقىرى ـ تۆۋەن بىر نىيەتتە غەيرەتكە كىلىپ، رىقابەتنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئىقتىسادنى تەتقىق قىلىدىغان بىر دوستۇم ماڭا: «نيەن گۇاڭجۇنىڭ بۇ ئۇسۇلنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق ئاساسى بار، چۈنكى باھا جېڭى تۆۋەن قاتلامدىكى رىقابەت، مەھسۇلات سۈپىتى رىقابىتى يۇقىرى قاتلاملىق رىقابەت. ئۇ ئاساسنى چىڭ تۇتقان» دېدى. بۇ دوستۇم باھا بېرىپ: «ئەلۋەتتە، نيەن گۇاڭجيۇ بۇنداق قائىدىنى ئېيتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيەت ئۇنىڭغا قانداق قىلىشنى ئۆگەتكەن» دېدى.
مەن ياشىنىپ قالغان نيەن گۇاڭجيۇدىن بۇ يولدا مىڭىشتا ئەڭ تەس بولغان ۋاقىتنىڭ قاچان ئىكەنلىكىنى سورىدىم. ئۇ: «ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى مۇقىم بولمىسا تەس بولىدۇ، ئىدىيەسى مۇقىم بولسا تەس بولمايدۇ» دېدى.
ئۇنىڭ سۆزى پەلسەپىۋىلىككە تولغان ئىدى. ئوقۇمىغان بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ھەمىشە ئاددى پەلسەپىۋى نۇرلار چاقناپ تۇراتتى. ئوغلى نيەن چىياڭنى تىلغا ئېلىپ: «مېنىڭ بۇ ئوغلۇم قالتىس، مەندىن كۈچلۈك!» دەپ ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. ئۇ 14 يېشىدىلا دادىسىنىڭ مېۋە يايمىسىنى قولىغا ئالغان، كېيىن دادىسىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن. شازى گازىرى ئەڭ قىيىن كۈنگە قالغاندا، ئۇ ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ تاكى بۈگۈنگىچە بۇ كەسىپنى داۋاملاشتۇرغان. ھازىر نيەن چياڭ شازى گازىرى باش شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولۇپ ھەقىقىي ھوقۇق ئىگىسىگە ئايلاندى. نيەن گۇاڭجيۇ ئۇنى تەربىيىلەش يولى ئۈستىدە توختۇلۇپ: «مەن ئۇنىڭغا يول كۆرسىتىپ پۇل بەرمىدىم. پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ خەجلەپ تۈگەتكىلى بولىدۇ، لېكىن يول كۆرسەتكەندە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ» دېدى. كېيىن ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن.
نيەن چياڭ دادىسىغا قارىغاندا بىلىملىك شۇنداقلا بىلىمى بار ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. 1987- يىلى «ئەنخۇي ئەدەبىياتى» دا داڭلىق ئەدەبىي ئاخبارات يازغۇچىسى خې گېڭشېڭنىڭ نيەن چياڭنى تونۇشتۇرۇپ يازغان ئەدەبىي ئاخباراتى ئېلان قىلىندى. شۇ مەزگىللەردە، مەن ۋۇخۇغا نەچچە قېتىم بېرىپ، نيەن چياڭ بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقە قىلدىم. بەزىدە يول بويىدىكى يايمىلاردا بىللە تاماق يىدۇق، قىلچە قورۇنۇش يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا، شازى گازىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ، نيەن چياڭ يەنىلا مەدەنىيەت ئىشلىرىنى كۆپرەك قوللىغان ئىدى. ئۇ ئىلگىرى ئۆسمۈرلەر سارىيىغا، ئەنخۈي سىفەن داشۆسىگە پۇل ئىئانە قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە، نيەن گۇاڭجيۇ قىزىق نۇقتا ھېسابلانماي، ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلانغان ئىدى. مېنىڭچە، بۇ دەل جەمئىيەتنىڭ، ئىسلاھاتنىڭ ئالغا باسقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى