قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ماۋجۇشى خۇاشەن تېغىدا

2018-12-18 18:13:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1948- يىلى باھار پەسلى بىلەن ياز پەسلىنىڭ ئارىلىقىدا، ماۋجۇشى خۇاشەن كەنتىگە يۆتكىلىپ باردى. ئۇ ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئالغان دېھقانلار ئۆيىدىكى ياتىقىدا كېچىنى- كۈندۈزگە ئۇلاپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئازاد قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ ئىشلەۋاتاتتى.
بىر كۈنى سەھەردە، ماۋجۇشى خەرىتە كۆرۈپ ئولتۇرۇپ، تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇھاپىزەتچىدىن: «تۈنۈگۈن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىشىك ئالدىدىكى كاۋاۋىچىن دەرىخنىڭ تۈۋىدە شال ئاقلىغان ئاۋازلار چىقىۋاتاتتى. ھازىرمۇ شال ئاقلايدىغان ۋاقىت بولغان تۇرسا، نېمىشقا تېخىچە ھېچقانداق شەپە يوق؟» دەپ سورىدى.
مۇھاپىزەتچى: «دوكلات جۇشى، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن، مەن كەنت باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۇرتداشلارنى باشقا جايغا بېرىپ شال ئاقلاشقا ئورۇنلاشتۇرغان» دېدى. بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ماۋجۇشىنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلدى- دە، قولىدىكى تاماكىسىنى قويۇپ قويۇپ قەتئىي تەلەپپۇزدا: «بۇ قانداق بولغىنى؟ بۇنداق قىلساڭلار ئۇلارنىڭ قورساق تويغۇزىشىغا تەسىر يەتمەمدۇ. ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەك. تۈنۈگۈن كەچتە بىز ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندا، سىزمۇ كۆردىڭىز بۇ كەنتتە پەقەت ئىككىلا تاش تۇلۇق بار ئىكەن. يۇرتداشلارنى بىر تۇلۇققا قاراشلىق قىلىپ قويساڭلار، قاراپ تۇرۇپ كەنتىكىلەرنىڭ يېرىمىنىڭ قورساق تويغۇزىشىغا تەسىر يەتمەمدۇ؟» دېدى.
مۇھاپىزەتچى بولسا:«بۇ تۇلۇق ئايلانسا، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە چوڭ تەسىر يېتىدۇ ئەمەسمۇ» دەپ چۈشەندۈردى. 
ماۋجۇشى ئۇنىڭغا بىر تال تاماكىنى سۇنغاچ، ئۆزىمۇ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى- دە، ئۇنىڭغا قاراپ:
«ئۇنداق ئەمەس. ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش تۇرمۇشى ماڭا ھەر خىل مۇھىتلاردىمۇ بىمالال خىزمەت قىلىشنى ئۆگەتتى. مەن سىزگە بىر ۋەزىپە تاپشۇراي. تېز بېرىپ يۇرتداشلارنى ئۆز جايىدا شال ئاقلاشقا قايتۇرۇپ كېلىڭ» دېدى.
مۇھاپىزەتچى: «خوپ!» دەپلا دەرھال چىقىپ كەتمەكچى بولىۋېدى. ماۋجۇشى:
 - تاماكا چېكىپ تۇرۇپ ئامما بىلەن پاراڭلىشىش ئەدەپسىزلىك، تەلەپپۇزىڭىز سەمىمىي بولسۇن،- دەپ ئەسكەرتتى.
  مۇھاپىزەتچى قايرىلىپ قارىغىنچە كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىلدىم، خاتىرجەم بولۇڭ جۇشى» دېدى.
ئۇ چاققانغىنە ھويلىدىن چىقىپلا كەنت باشلىقىنىڭ شازا كۆتۈرىۋالغان بىر ئانا بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى- دە، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ:
«كەنت باشلىقى، بۇ ئانىمىز كاۋاۋىچىن دەرىخى تۈۋىگە شال ئاقلىغى ماڭغانمۇ نېمە؟» دەپ سورىدى.
موماي قۇلاقلىرى ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان چاچلىرىنى تۈزەشتۇرۇپ تۇرۇپ: «ياق، مەن غەرب تەرەپكە ماڭماقچىدىم» دېدى- دە، كەينىگە بۇرۇلدى. مۇھاپىزەتچى كەنت باشلىقىغا: «كەنت باشلىقى، باشلىق كەنتتىكى قېرىنداشلارنى كاۋاۋىچىن دەرىخنىڭ يېنىدا شال ئاقلاۋەرسۇن دەيدۇ» دېدى. كەنت باشلىقى ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن: «تۇلۇق بىر ئايلاندۇرۇلسا كەچ كىرگەندە بىراق توختايدۇ. باشلىقنىڭ ئىشىغا تەسىر يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن» دېدى.
مۇھاپىزەتچى قايتا- قايتا چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، كەنت باشلىقى ماقۇل كەلدى- دە، ھېلىقى مومايغا: - سىز كاۋاۋىچىن دەرىخى تۈۋىگە بېرىپ شال ئاقلاۋېرىڭ،- دېدى.
مۇھاپىزەتچى مومايغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ قوناق قاچىلانغان سېۋىتىنى كۆتۈرۈشۈپ، كاۋاۋىچىن دەرىخى تۈۋىدىكى تۇلۇق سۇپىسىغا ئەكىلىپ بەردى. بىردەمدىن كېيىن، بىر قانچە يۇرتداشلار كەينى- كەينىدىن شال ئاقىلىغى كېلىشتى. مۇھاپىزەتچى قايتىپ ھويلىغا كىرىپ تۇرىشىغا ماۋجۇشى ئۇنى چاقىردى. ئۇنىڭ كىرىشىگە ماۋجۇشى قولىدىكى قەلىمىنى قويۇپ تۇرۇپ:
- ۋەزىپىنى ياخشى ئورۇنلىدىڭىز. يەنە بىر ئىش سىزنىڭ قىلىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ- دېدى- دە، ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر قۇتا چاينى ئېلىپ، ئۇنىڭغا تەڭلىدى ۋە: - بۇ چاينى ئاشپەزگە ئاپىرىپ بېرىڭ. ھەر كۈنى مۇشۇ ۋاقىتلار بىلەن بىر چۆگۈن چاي دەملىسۇن. سىز ئۇنى شال ئاقلاۋاتقان يۇرتداشلارغا ئاپىرىپ بېرىشكە مەسئۇل بولۇڭ،- دېدى.
  مۇھاپىزەتچى بۇ بىر قۇتا چاينى جەنۇبتا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر يولداشنىڭ ئەۋەتكىنى، نەچچە قوللاردىن ئۆتۈپ ئاران ماۋجۇشىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ھەم ماۋجۇشىنىڭ ئۇنى ئىچىشكە قىيماي ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانىدى. ماۋجۇشى ئۇنىڭغا:
  - سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئەگەر پۇقرالارنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، بىزگە بۈگۈنكى مۇشۇ ۋەزىيەت بولاتتىمۇ؟ بىزنىڭ يەۋاتقىنىمىز، كىيىۋاتقىنىمىزنىڭ قايسىسى ئاممىنىڭ قوللىشى ئەمەس؟ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىزنىڭ غەلبە قىلىشىمىزنىڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. ئەكسىچە ئېيتقاندا، بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزمۇ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۈچۈن. بۇ داۋلىنى سىزمۇ چۈشىنىسىز. مېنىڭچە، سىز مېنى بەك ئالاھىدە ئورۇنغا قويىۋېلىۋاتىسىز،- دېدى.
  ماۋجۇشىنىڭ سۆزى دەل شۇ يەرگە كەلگەندە مۇھاپىزەتچى قولىغا چاينى ئالدى- دە، ماۋجۇشىغا ھۆرمەت بىلەن سالام قىلدى. ماۋجۇشى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: - تېز بېرىڭ، ئاشپەز سىزنى ساقلاۋاتىدۇ،- دېدى.
چاي دەملەندى. مۇھاپىزەتچى خۇش پۇراقلىق بىر چۆگۈن چاينى تۇلۇق سۇپىسىغا ئېلىپ بېرىپ، قوپال ساپال قاچىلارغا بىر- بىرلەپ قۇيدى- دە، شال ئاقلاۋاتقان كىشىلەرگە:
- يۇرتداشلار، چاي ئىچىڭلار،- دېدى.
دەسلىپىدە يۇرتداشلار سەل ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مۇھاپىزەتچىنىڭ زورلىشى بىلەن ئۇلار بىر- بىرلەپ ئىچىشكە باشلىدى.
بۇ چاي بۇ تاغلىق رايوندىكى كشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەقىقەتەن يېڭىلىق ئىدى. ياشتا چوڭراق بىر كىشى بىر چىنە سۇنى ئېلىپ مۇھاپىزەتچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ: «يولداش، مېنىڭچە بۇ سۇ يا تاتلىق ئەمەس، يا ئاچچىق ئەمەس. بۇنى ئىچكەننىڭ نېمىگە پايدىسى بار؟» دېدى. مۇھاپىزەتچى كۈلۈپ تۇرۇپ: - سىز ياشىنىپ قالدىڭىز ئاستىراق ئىچىڭ، ئىچىپ بولغاندىن كېيىن تەمىنى تېتىپ قالارسىز،- دېدى.
دەل شۇ چاغدا ماۋجۇشى يېتىپ كەلدى. چاي ئىچىۋاتقان يۇرتداشلار بەس- بەستە ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشتى. ماۋجۇشى كۆپچىلىككە قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: - چاينىڭ پايدىسىنى سۆزلىسەك، ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇنى ئىچكەندىن كېيىن پۈتۈن بەدىنىمىز روھلىنىپ قالىدۇ. ئىشتىھانى ئاچىدۇ...- دېدى.
  ماۋجۇشى يۇرتداشلارغا چاينىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى سۆزلەۋاتقاندا، تۇلۇق ئىتتىرىۋاتقان ئانا بىلەن قىزنىڭ ھەرىكىتى بارغانسىرى ئاستىلاپ كەتتى- دە، ماۋجۇشى تەرەپكە ئۆرۈلۈپلا، توختاپ قېلىشتى. ماۋجۇشى ئىككى پىيالە چاينى ئۇلارغا تۇتۇپ تۇرۇپ:
- ئىككىڭلار ئازراق ئارام ئېلىۋېلىڭلار!- دېدى ۋە كەينىدىنلا مۇھاپىزەتچىگە:
- كېلىڭ، بۇ نەرسىنى ئىتتىرىپ باقمىغىلى يېرىم يىل بوپتۇ. قېنى ئىككىمىزمۇ سىناپ باقايلى،- دېدى.
ماۋجۇشى تۇلۇقنى بىر ئوبدانلا ئايلاندۇردى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئىتتىرگەچ، بىر تەرەپتىن تۇلۇق سىرتىغا چىقىپ كەتكەن شال دانىچىلىرىنى تۇلۇق ئىچىگە سالاتتى. بىر ياشانغان كىشى ماۋجۇشىغا ئىنچىكىلىك بىلەن قاراپ كەتكەندىن كېيىن:- بۇ باشلىقنى مەن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن، نەدە كۆرگەن بولغىيتتىم؟- دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى