قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سەھرا ھېكايىسىنىڭ ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى

2018-12-18 18:16:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پېڭ روڭ

«يەرلىك گۈزەل سەنئەت» جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان  تېما خارەكتېرلىك گۈزەل سەنئەت ئىجادىيەت ساھەسىدىكى ئىنتايىن مۇھىم پىكىر ئېقىمى ۋە ھالىتى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى--  «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى سەھرا ھېكايىسىدىمۇ بىر خىل «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇش» ھالىتى كۆرۈلدى يەنى، يېزا ـ كەنت، شەھەر، سانائەت، مۇھىت قاتارلىق تېمىلاردىكى سۈرەتلىك بايانلاردا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئېكولوگىيىلىك قاراش ئېڭى نامايان قىلىندى.
مۇھىت مەسىلىسىنى تەنقىد قىلىش «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» نىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. جۇڭگولۇق سەنئەتكارلار ئېكولوگىيەنىڭ ئۆزگىرىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن سەزگەن ھەمدە ئۇنى سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئىپادىلىگەن. مەسىلەن: ۋاڭ جيازېڭنىڭ «سانائەت خاتىرىسى» ناملىق يۈرۈشلۈك ئەسىرى شەھەرنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بوشلۇقىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، شەھەرنىڭ ھاياتلىق تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. تۇ خۇڭتاۋنىڭ « چېڭدۇ ياكى توكيو ياكى شېنجېن» قاتارلىق ئەسەرلىرىدە شەھەرلەرنىڭ يەر شارىلىشىش خاراكتېرى نامايەن قىلىنغان. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل سەنئىتى دەۋر بىلەن تەڭ دېگۈدەك تەرەققىي قىلغان، سەنئەتكارلار ئىجادىيەت ئارقىلىق گەۋدىلەندۈرگەن سەزگۈر ھاياتلىق تۇيغۇسى ۋە كىرىزىس ئېڭى، شۈبھىسىزكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.
ھايۋانات ھوقۇقىنى بېكىتىش ۋە قوغداشمۇ «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» نىڭ مۇھىم مەزمۇنى. قەدىمدىن بۇيان ھايۋاناتلار بىلەن دوستانە ئۆتۈش قارىشى جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى ئىدىيەسىدە ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل ـ سەنئىتىدىمۇ ھايۋانات ھوقۇقىغا ھېسداشلىق قىلىش ئېڭىغا ئىگە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. جەن شيەننىڭ «بارلىق جانلىقلار» دېگەن يۈرۈشلۈك ئەسىرى جۇڭگونىڭ ئەنەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ «بارلىق جانلىقلار باراۋەر»، «بارلىق مەۋجۇداتلار بىر گەۋدە» دەيدىغان ئېتىكا ئىلمى مەيدانىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھەيكەلتىراش ساۋ خۇينىڭ «سىرىڭنى ئاچىمەن» دېگەن يۈرۈشلۈك ئەسىرىدە، كالا، قوي قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوبيېكىت قىلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى رېئال ھەيكەل تىلى ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ «مەلۇم شەخسىي ئوبىكىت»نىڭ تاشقى قىياپىتى بولغان ئەمەلىيىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئېچىپ بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئادەملەرلا تەبىئەت دۇنياسىدىكى «قارىغۇلارچە نەپسانىيەتچىلىك قىلىش» ۋە كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يۈتۈشتەك قائىدىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۈرلۈك جانلىقلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇدا بىللە ياشاپ، ئورتاق گۈللىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن. كۆپلىگەن سەنئەت ئەسەرلىرى جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدە ئادەم بىلەن ھايۋانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ۋە قايتا قۇرۇشنىڭ سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
ئىستېمالغا بولغان ئىنتىلىشنى كونترول قىلىش «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» نىڭ روھى يۆنىلىشى. 20- ئەسىردە، ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇھىت بۇلغىنىش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئازىيىش، يەر شارى كىلىماتى ئىللىپ كېتىش قاتارلىق بىر قاتار ئېكولوگىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن. ئىستېمال جەمىيىتىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، ئامما مەدەنىيەت ۋە پىسخىكا قاتلىمىدا يېڭىلىققا ئىنتىلىش ۋە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئىستېمال قاتارلىق ئومۇملاشقان مەدەنىيەت لوگىكىسى ۋە ئىستېمال پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتىنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى تالان ـ تاراج قىلىشى ۋە خورىتىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. زىيادە ئىستېمال قىلىش ئارزۇسىنى چەكلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ياشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل سەنئىتىنىڭ مۇھىم سەنئەت خاھىشىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل ـ سەنئىتىنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى لېكسىكىسىدا، بارلىق سەنئەتكارلار دېگۈدەك تاشيول، كۆۋرۈك، چوڭ تىپتىكى ماشىنا، شەھەر بىنالىرى قاتارلىقلارغا بولغان كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئېكولوگىيە مەزمۇنى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدى. مەسىلەن: ۋېي خۈەيلياڭ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى رەسساملىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول، قاتناش بەلگىسى قاتارلىق زامانىۋى تۇرمۇش ئامىللىرىنىڭ بەلگىسىنى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى سۇ بوياق رەسىمىگە سىڭدۈرۈپ، زامانىۋى شەھەر ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرى تەبىئىي مۇھىتنى ئىگىلەپ ئۇچقاندەك كېڭىيىشتىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى نۇقتىلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق كىشىلەرنى ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەگە ئېلىپ كەلگەن جاراھىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىگەن. ئەگەر جەن شەن، ۋاڭ جيازېڭ، يۈ مىڭ قاتارلىقلار ئەندىشە نەزىرىنى قۇرۇپ كەتكەن زېمىن، سانائەت خارابىسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەخلىتىگە يۆتكىگەن بولسا، ئۇنداقتا، شاڭ ياڭنىڭ «چوڭ مەنزىرە» ۋە «دوڭ چىچاڭ پىلانى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى بولسا  ئىنسانىيەت مەركىزىچىلىك ۋە غەرب مەركىزىچىلىك مەدەنىيەت مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقىپ، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىشلەپچىقىرىش، ياساش ۋە ئىستېمال قىلىشتىن ئىبارەت ئەسەبىي ئارزۇسىنى توسۇشقا كۈچىگەن. بۇ ئىجادىيەت سىناقلىرى گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە مەسۇلىيەتچانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇش-- «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» نىڭ ئاساسىي مەقسىتى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل سەنئەت كۆرۈش سېزىمىنىڭ ئاخىرقى تېمىسى «ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قۇرۇش». ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەم ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ ھاياتلىق كەچۈرمىشى، ھەم ئىنسانىيەت ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ كەلگۈسى. گېرمانىيەنىڭ ھازىرقى زامان مۇتەپپەككۇرى ئېۋگېن خابماس: «تەبىئەتنى ياشاشتىكى ھەمراھىمىز دەپ قارىشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. جۇڭگودا، تەبىئەت ۋە زېمىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھەمراھى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىنسانلارنىڭ قەلب ھەمراھى ۋە ياشاشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ مەنبەسى. زېمىن بىلەن ئىنسانلار بىللە ياشايدۇ، ھەممە نەرسە ئىنسانلار بىلەن بىللە مەۋجۈت بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەركىزى مەسلىكىنى ئاساس قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو مەدەنىيىتى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى «تەبىئەت بىلەن ئادەمنى بىرلەشتۈرۈش» روھىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناقلىق مۇناسىۋىتىنى قايتا بەرپا قىلدى. يەرلىك سەنئەتنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، رېئالىزملىق جەمئىيەتنى تەنقىد قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىش ۋە قايغۇلۇق ھېسسىياتنى يېزىشتىن، ھاياتلىققا مەدھىيە ئوقۇش ۋە گۈزەللىكنى تەسۋىرلەشكىچە، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان يەرلىك رەسساملىقى ئاخىردا مۇقەررەر ھالدا ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشتىن ئىبارەت ئېكولوگىيە مەنىسىگە قاراپ ئۆزگىرىدۇ: بىر خىل تەبىئەت بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئىناقلىقىنى نامايەن قىلىدىغان «يېڭى يېزا رەسىملىرى» مەيدانغا چىقىدۇ. سەنئەتكارلار كىشىلەرنى قايتىدىن «زېمىن ئارىسىدا» تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تەبىئەتنىڭ ھوقۇقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىنىڭ چېگراسى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشقا باشلىدى. جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل سەنئىتىنىڭ رەسىم نەسەبنامىسىدە مەيلى شۈ جياڭ، شاڭ ياڭ، دىڭ فاڭ، جەن شەن، ۋاڭ جيازېڭ، خې چاڭلىن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى بولسۇن، ياكى يۈ مىڭ، خۇ باۋچۈەن قاتارلىقلار جايلارنىڭ مەنزىرىسى تېما قىلىنغان ئېكولوگىيە مەنزىرە سىستېمىسى بولسۇن ياكى جى زى يەنى  ۋاڭ يۈنشەن، لىن روڭشېڭ، گو باۋجۈنلار جۇڭگو ئېكولوگىيە سىياھ رەسىمى ئىچىدە كۈچىنىڭ بارىچە بەرپا قىلغان بىر خىل بوش ۋە تىنچ، يىراق چېگرا بولسۇن، ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەشكە كۈچ چىقارغان ھەمدە بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى سىرلىقلىقىنى نامايان قىلغان.
جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئېكولوگىيە گۈزەل سەنئىتى تەدرىجىي ھالدا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە كەڭ ئىدىيەۋى مەنزىلگە قاراپ يۈزلەندى، يەنى، ئادەم بىلەن دۇنيانىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇش. ھازىرقى زامان جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم تېما بولغان ھازىرقى زامان «سەھرا گۈزەل سەنئىتى» ۋە «سەھرا ھېكايىسى» ئاساسىي تېما قىلىنغان ئىجادىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا، كۆرۈش سېزىمى شەكلى ۋە مەنىۋى مەزمۇنىنىڭ «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» نى ئىشقا ئاشۇردى. ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئاساسىي تېما خاراكتېرلىك گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتىدىكى «سەھرا ھېكايىسى»نىڭ ئاڭلىق ھالدا «يېڭى سەھرا» گۈزەل سەنئەت سۆزىنىڭ «ئېكولوگىيە بۇرۇلۇشى» گە قاراپ يۈزلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى