قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىمېي شۆبە ئىدارىسىنىڭ زەھەر چەكلەش خەلق ساقچىسى فېڭ شيەنبىن

2018-12-18 18:19:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆپچىلىك «مىكون دەرياسى ھەرىكىتى»، «قېلىپ قالغان جىنايەت» ناملىق كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن، ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرىدىغان زەھەر چەكلەش ساقچىلىرىنى بىلدى. بۇ كىنولاردا بۇ ساقچىلار مىلتىقلىرىنى بەتلەپ ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييار تۇراتتى. كۈندىلىك خىزمەت مۇھىتى ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. ئەمەلىيەتتىكى زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە خەتەرلىك ئەھۋاللار مەۋجۈت بولغاندىن سىرت، يەنە تۇرمۇشتىكى كۆڭۈللۈك ئىشلارمۇ خېلى كۆپ. فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جىمېي شۆبە ئىدارىسىدە «ناھايىتى مېھرىبان» بىر زەھەر چەكلەش ساقچىسى بار. ئۇنىڭ ئىسمى فېڭ شيەنبىن. ئۇ جىمېي شۆبە ئىدارىسى شىڭبىن ساقچىخانىسىنىڭ زەھەر چەكلەش ساقچىسى. فېڭ شيەنبىن خىزمەتتە كۈزىتىشكە ناھايىتى ماھىر. ئۇ زەھەرگە چېتىشلىق بىر قاتار يىپ ئۇچىنى قېزىپ چىقىپ، زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە ماھىر بولۇپلا قالماي، يەنە زەھەر چەككۈچىلەرنى سەمىمى ھېسسىياتى بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە قايتۇرۇپ كېلىشىكىمۇ ماھىر.
بۇ يىل 4- ئايدا، فېڭ شيەنبىن تەۋەلىكىدىكى زەھەر چېكىش تارىخى بار كىشىلەرنى قايتا تەكشۈرگەندە، خۇاڭ X نىڭ زەھەرگە قايتا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىدى. خۇاڭ X فېڭ شيەنبىنغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە زەھەر چەككەن لىن X نى پاش قىلدى. لىن X تىن ئىبارەت بۇ يىپ ئۇچىغا  ئاساسەن، فېڭ شيەنبىن يەنە بۇ «زەھەر چېكىش چەمبىرىكى» دىكى جاۋ X قاتارلىق بەش ئادەمنى تېپىپ چىقتى. فېڭ شيەنبىن كۆپ يىللىق زەھەر چەكلەش تەجرىبىسىگە ئاساسەن، بۇنىڭدا يەنە باشقا ئادەممۇ بار دەپ پەرەز قىلدى. زەھەر چېكىدىغانلارنىڭ يېنىدا ھامان زەھەر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بولىدۇ. فېڭ شيەنبىن جاۋ X نىڭ بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، زەھەرلىك بويۇم جىنايەت زەنجىرىدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى يې X نى تاپتى. فېڭ شيەنبىن ۋە سەپداشلىرى غەلىبىسىرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق شيامېن ئارىلىدا تۇرىۋاتقان ياڭ X نىڭ يېنىدا زەھەر بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدى. ئۇلار ياڭ X نىڭ تۇرالغۇسىغا يېتىپ كەلگەندە، ياڭ X ئىنتايىن ياۋۇزلۇق بىلەن «سىلەر نېمىگە ئاساسەن ئۆيۈمگە كىرىسىلەر» دەپ جار سالدى. ياڭ X نىڭ سۈيدۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ كېسىلى بارلىقى، مۇسبەت چىقىشىغا ئىستىمال قىلغان دورىسىنىڭ سەۋەپچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. فېڭ شيەنبىن ياڭ X نىڭ ئۆيىنى بىر قۇر ئاختۇرۇپ، زەھەرگە چېتىشلىق بۇيۇملارنى تاپالمىدى. فېڭ شيەنبىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، ياڭ X نىڭ ھاجەتخانىسىدىكى سۇنىڭ سەل غەلىتە تۇرغانلىقىنى بايقىدى. تەرەت قاچىسدىن سۇ چۈشۈرگەندە نورمال ئەھۋالدا دېزىنفىكسىيە قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ رەڭگى قېنىق كۆك رەڭدە بولاتتى. ئەمما ياڭ X نىڭ تەرەت قاچىسىدىكى سۇدا كۆك رەڭ تەكشى ئەمەس، يەنە ئازراق سۇس كۆك رەڭمۇ بار ئىدى. فېڭ شيەنبىن تەرەت قاچىسىنىڭ لىڭشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قولىنى تەرەت قاچىسىنىڭ ئىچىگە تىقىپ، تىگىدىن زەھەر چېكىش قورالى بولغان بىر ئەينەك شارچىنى تاپتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تەرەت تۇڭىنىڭ ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىن بىر زەھەر چىكىش بوتۇلكىسىنى تاپتى. ئۇنىڭ ئىچىگە بىر گىرامدىن ئارتۇق كىرىستال زەھەر قاچىلانغان ئىدى. فېڭ شيەنبىن مۇشۇ لىنىيەنى بويلاپ، تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت شيامېندىن جاڭجۇغا بېرىپ- كېلىپ كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا دېلوغا چېتىشلىق 18 جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەممىسىنى قولغا چۈشۈردى.
فېڭ شيەنبىن جىنايەت گۇماندارىنى تۇتقاندا ناھايىتى باتۇرلۇق بىلەن كەسكىن ئىش قىلاتتى. لېكىن ئۇنىڭمۇ ناھايىتى مىھرىبان تەرىپى بار ئىدى. ئۇ سەمىمى ھېسسىياتى بىلەن زەھەر چەككۈچىلەرنى ھەقىقىي تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنى زەھەر تاشلاشنى قوبۇل قىلىپ، نورمال تۇرمۇشقا قايتۇرۇپ كېلىشكە يىتەكلەيتتى.
 فېڭ شيەنبىن 2016- يىلى 12- ئايدا، جېڭ X نى زەھەر چەككەنلىكى ئۈچۈن تۇتتى. جېڭ X نى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويۇشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. فېڭ شيەنبين بىلەن جېڭ X ئىككەيلەن تەڭ دىمەتلىك كېلەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن جېڭ X كە ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسى توغرىسىدا سۆزلەپ بەردى. ئوخشاشلا دادا سالاھىيىتى بولغان جېڭ X نىڭمۇ بىر جۈپ ئوماق پەرزەنتى بار ئىدى. ئوخشاش تېما جېڭ X نىڭ قەلب سىرىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەسلىدە جېڭ X نىڭ نۇرغۇن ئىجارە ئۆيلىرى بار بولۇپ، ھەر ئايدا خېلى كۆپ كىرىم قىلاتتى. ئۇ ئىقتىسادتىن غەم قىلمايدىغان بولغاچقا، ئويۇن- تاماشا قىلىپ يۈرۈش جەريانىدا بىر قىسىم زەھەر چېكىدىغانلار بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ، قىزىقىپ زەھەر چېكىشنى سىناپ باققان. ھەر قېتىم زەھەر چەككەندىن كېيىن، جېڭ X يەنە قىمار ئوينىغان. قىمار ئويناپ يۈرۈپ مال- مۈلكىنى ئۇتتۇرىۋىتىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلغان.
فېڭ شيەنبىن جېڭ X نىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن نەسىھەت قىلىپ: «ھاياتلىقتا خاتا يولغا مېڭىپ قىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس. مۇھىمى توغرا يولغا قايتىپ كېلىش. ئەگەر سىز داۋاملىق زەھەر چەكسىڭىز ئاقىۋىتىڭىز ئاشۇ زەھەر چەككۈچىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر سىز توغرا يولغا قايتىپ كەلسىڭىز، ھاياتىڭىز قايتا ئۈمىدكە تولىدۇ» دېدى. فېڭ شيەنبىننىڭ كۆپ قېتىم نەسىھەت قىلىشى بىلەن، جېڭ X زەھەر تاشلاش نىيىتىگە كەلدى. فېڭ شيەنبىن يەنە جېڭ X نىڭ كېيىنكى تۇرمۇشىغا پىلان كۆرسىتىپ بەردى. ھازىر جېڭ X نىڭ ئاپىسى بىلەن ئايالى فېڭ شيەنبىننى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى.
فېڭ شيەنبىن مۇنداق دېدى: «بىز داۋاملىق ئادەتتىكى پۇقرالار بىلەن مۇئامىلە قىلىمىز. ھەر قېتىم بۇ زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىمىزدە، ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق نالىلىرىنى ئاڭلايمىز. بۇ سادالار مېنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ئىرادەمنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى