قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پۇختا بېسىلىۋاتقان نامراتلىقتىن قوتۇلدۇرۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش قەدىمى

2018-12-18 18:26:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى»ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ،«كەنت ئىككى كومىتېتى، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، بازا، دېھقانلار» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
يېقىندا، ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرى تىنچلىق يېڭى كەنتىدىكى «چېڭگو» دېھقانلار تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2018-يىللىق ئەزالارغا پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئاچتى. كەنت ئاھالىسى گاۋ مىڭدېنىڭ ھەر مو يەردىن ئالغان پايدىسى 750 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 30 يۈەن كۆپ تەقسىم قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېدى: سۇغۇرۇش، تېرىش، ئوغۇتلاش ئىشلىرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىر تۇتاش باشقۇرىدۇ. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىپ ئىشلىسەكمۇ قىلىدىغان مۇقىم كىرىمىمىز بار بولدى. يەردىن تەقسىم قىلىنىدىغان پايدىنى قوشقاندا، بىر يىلدا 30 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن.
   ساۋەن ناھىيەسىنىڭ يەنسىخەي بازىرى تىنچلىق يېڭى كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئاز، تېرىقچىلىق تۈرى مۇرەككەپ. ساۋەن ناھىيەلىك ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يەنسىخەي بازىرى تىنچلىق يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بۇنىڭغا قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىپ، يەرنى مەركەزلىك بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېرىنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قىلىپ قوشۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى خېي شۆخۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز بىرىنچىدىن، يەرلەرنى بىرىكتۈرۈپ، بىر قىسىم دېھقانلارنى تېرىقچىلىقتىن باشقا كەسىپكە يۆتكەپ، ئۇلارنى 2-، 3- كەسپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق. ئىككىنچىدىن، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى سورت، يېڭى تېخنىكىلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنى كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدۇق.
 ئىلگىرى چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جىيەك بازىرى ئورتاجىيەك شىمالىي كەنتى كۆممىقوناق، قىزىلچا تېرىقچىلىقىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى يەككە، ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى نىسبەتەن قالاق ئىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشقا چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، ۋاكالىتەن بېقىش، ھاۋالىلىك بېقىش ۋە پاي ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنى كۆلەملەشكەن باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى بىر ئادەم بىرنى، بىر ئادەم كۆپنى، بىر قانچە ئادەم بىرنى يېتەكلەشتەك ئەندىزىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى. ھازىر كەنتتىكى ئۈچ ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشقان ئائىلە 5 دىن 38 گە، يەر كۆلىمى 500 مودىن 2 مىڭ 500 موغا يېتىپلا قالماي، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى 300 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. كەنت ئاھالىسى پۇ خوڭمېي مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كېلىپ، بىزگە نۇرغۇن ئەمەلىي ۋە ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى، بىر يىلدىن بۇيان تۇرمۇشۇمدا زور دەرىجىدە ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشىمەن.   
ئىگىلىنىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بۇ يىل ئاپتونوم رايوننىڭ كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 944 نى يولغا قويۇپ، 6 مىڭ مەيدان- قېتىمدىن ئارتۇق ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 4 مىڭ 900 ئادەم قېتىمنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، 113 ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشقا ياردەم بەرگەن ھەمدە 3 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھويلا- ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى