قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يار بېشى كەنتىدىكىلەرنىڭ ئاشلىقنى زاپاس ساقلاشتىكى «سىرلىق قورالى» ئالقىشقا ئېرىشتى

2018-12-18 18:31:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئالغا بازىرى ياربېشى كەنت ئاھالىسى قادىر ئۇرايىمنىڭ ئۆيىدە كۈمۈش رەڭلىك مىتالدىن ياسالغان بىر «ئىشكاپ» پەيدا بولدى. مۇھىمى، بۇ «ئىشكاپ» ئۇنىڭغا نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كەلدى.
قادىر ئۇرايىمنىڭ ئۆيىگە قويۇلغان بۇ مېتال «ئىشكاپ» ئەمەلىيەتتە بىر خىل يېڭى تىپتىكى ئاشلىق ئامبىرى ئىدى. ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر كېلىدىغان، كەڭلىكى بىر مېتىرغا، قېلىنلىقى يېرىم مېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ ئىشكاپ كۆركەملىكى ۋە ئورۇن ئىگىلىمەيدىغانلىقى بىلەن مۇنداقلا قارىغان كىشىگە ئادەتتىكى كېيىم ئىشكاپىدەكلا كۆرۈنەتتى.
بۇ ئاشلىق ساقلاش ئىشكاپىنىڭ جازىسىغا ئاليۇمىن قېتىشمىلىق ماتېرىيال، تۆت ئەتراپىغا ئاليۇمىن قېتىشمىلىق تور ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەم پۇختا ھەم شامال ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۈستىگە ئورنىتىلغان ياغاچ ياپقۇچنى ئېچىپ ئاشلىق قاچىلىغىلى، ئاستىدىكى كىچىك ئىشىكنى ئېچىپ، ئاشلىق ئالغىلى بولاتتى.
بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يار بېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاشلىق ساقلىشىنىڭ ئۆلچەملىك ئەمەسلىكى ۋە نۇرغۇن نوقسانلارنىڭ بارلىقىنى بايقىدى. مەسىلەن: بەزى كەنت ئاھالىلىرى كونا پاسوندىكى ياغاچ ساندۇقلاردا ئاشلىق ساقلىغاچقا، ئاشلىقلىرى ئاسانلا نەم تارتىپ قالاتتى؛ يەنە بەزىلەر ئاشلىقنى تاغارلارغا قاچىلاپ، بۇلۇڭ- پۇچقاقلارغا خالىغانچە دۆۋىلەپ قويغاچقا، ھەم قولايسىز ھەم ئائىلە مۇھىتىغا تەسىر يەتكەنىدى. ھەر يىلى، بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا ساقلانغان ئاشلىقنىڭ بىر قىسىمى كۆكىرىپ بۇزۇلۇپ كەتسە، يەنە بىر قىسمىغا مىتە چۈشۈپ، چاشقان يەپ دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن بىھۇدە زىيان بۇلاتتى.
 يار بېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاشلىق ساقلاش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىقا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، مەلۇم بىر مېھرى- شەپقەت كارخانىسى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان يېڭىچە ئاشلىق ئامبىرىدىن 200 نى قولغا كەلتۈردى.
11- ئاينىڭ ئاخىرى، 200 يۈرۈش ئاشلىق ئامبىرىنىڭ زاپچاسلىرى يار بېشى كەنتىگە ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. خىزمەت ئەترىتى تېخنىكا بىلىدىغان كەنت ئاھالىلىرىنى ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بۇ ئىشكاپلارنى قۇراشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. دەرۋەقە، موشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئىشكاپلارنىڭ ھەممىسىنى قۇراشتۇرۇش ئىشلىرى ئاخىرلاشتى ھەمدە ئارقا- ئارقىدىن كەنت ئاھالىلىرىغا تارقىتىلدى.
ياربېشى كەنتنىڭ ئاھالىسى تۇرسۇن قاسىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئۆيىدە ياغاچتىن ياسالغان ئاشلىق ساقلاش ساندۇقى بولۇپ، يامغۇر ياغسىلا بۇغدىيى نەم تارتىپ قالىدىكەن. يەنە تېخى ھاۋا ئۆتۈشمىگەچكە، ھەر يىلى بىر قىسىم ئاشلىقى كۆكىرىپ بېخسىپ كېتىدىكەن. خىزمەت ئەترىتى سوۋغا قىلغان ئاشلىق ساقلاش «ئىشكابى»دا بىر مىڭ 200 كىلوگىرام ئاشلىق ساقلىغىلى بولۇپلا قالماي، تەگلىكى بىلەن يەر يۈزى ئايرىۋېتىلگەچكە، يەرنىڭ نېمى ئۆتۈپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا، يار بېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى سىياسەت جەھەتتىكى تۈرلۈك قوللاشلار ۋە مېھرى- شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ ئىئانىلىرىنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، نامرات ئائىلىلەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى ۋە «بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە»لەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، 20 قېتىمدىن ئارتۇق مېھىر- شەپقەت كۆمۈرى، كۆڭۈلنى ئۇتۇش ئۇن، مايلىرىنى ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىن نامرات دېھقانغا نەپ يەتكۈزگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى