قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلىرىنىڭ <مۇھاپىزەت كۈنلۈكى> گە ئايلىنىۋاتقان يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى

2018-12-18 18:41:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش-- دۆلەتنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان بىر تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسى. ئاپتونوم رايونىمىز --تۇنجى تۈركۈمدە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ بىرىسى ھېساپلىنىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2007- يىلى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ بىر كەسىپتە مۇقىم ئېشىش كۆرۈلدى. پەقەت بۇ يىل ئىچىدىلا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 842 مىڭ 300 دېھقان ئائىلىسى يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىمەن بولدى.
ئاپتونوم رايونىمىز يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت خاراكتېرلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يەرلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ سىياسەتلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشى، ئاپتونوم رايونىمىز دېھقانلىرغا مۇھاپىزەت كۈنلۈكى ئاتا قىلدى.
يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى بولۇشتەك ئەمەلىيەتكە قارىتا، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىي جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنى نۇقتىلىق مۇلازىمەت رايونى قىلىپ، ئالاقىدار يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزگىچە يېزا  ئىگىلىك كەسپىنى ئۈنۈملۈك خەۋپ- خەتەر كاپالىتىگە ئىگە قىلىشقا تىرىشتى.
شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىي جەمئىيىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 10- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلغان باغ كۆلىمى 577 مىڭ 300 موغا، قوي سانى 350 مىڭ 500 تۇياققا، نامراتلارنى يۆلەش ئېشىكى سانى 36 مىڭ 300 گە يەتكەن.
  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇغۇرتا كەسپى سىياسەت خاراكتېرلىك سۇغۇرتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا، كاپالەت تۈرى ۋە سۇغۇرتا ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت تۈرىنى مەركەز مالىيەسى تولۇقلىما بېرىدىغان ئاشلىق، پاختا، ياغلىقدان قاتارلىق يىزا ئىگىلىك زىرائەتلىرى ۋە سىيىر باقمىچلىقى قاتارلىق تۈرلەرگىچە، ئارقىدىن يەنە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئۆزگىچە باغۋەنچىلىك، رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلارغىچە كېڭەيتتى.
نۆۋەتتە، مالىيەدىن قوغداش ھەققى بېرىۋاتقان كېۋەزنىڭ «باھا سۇغۇرتىسىغا زاكاز مال»نى قوشىۋېتىش ئەندىزىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىۋاتقان-- بۆرتالا شەھىرى، كەلپىن ۋە قاغىلىق ناھىيەلىرىنىڭ كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 700 مىڭ مودىن ئاشتى. پاختا بازىرىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى سۇغۇرتا نىشان باھاسىدىن تۆۋەن بولغاندا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا تۆلىمى بېرىشنى يولغا قويۇپ، سۇغۇرتا توختامىدا پۈتۈشكەن بويىچە باھا سۇغۇرتىسى تۆلەم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.
 كېۋەزنىڭ «باھا سۇغۇرتىسىغا زاكاز مال» نى قوشىۋېتىش ئەندىزىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇغۇرتا مەھسۇلاتىنىڭ بازارغا سېلىنىشى--يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بازار باھاسى خەتىرىدىن ساقلاپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ خەتەردىن ساقلاش كاپالىتىنى ئۈنۈملۈك ئۇزارتتى.
 شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىي جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى جۇ لىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شىنجاڭ سۇغۇرتا كەسپىي مەھسۇلاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق كىڭەيتىپ، پاختا، ئۈچ چوڭ ئاشلىق زىرائىتى ۋە يەرلىك ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تولۇق تەننەرخ سۇغۇرتىسى ۋە كىرىم سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى پائال قانات يايدۇرىمىز. يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ خەۋپ- خەتەر كاپالىتى ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىدىكى رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى