قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئۈچ ئورۇن تەنتەربىيە ساياھىتىدىكى 10 مۇنەۋۋەر تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2018-12-18 18:43:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 يېقىندا 2018- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسىدە 2018- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە مۇنەۋۋەر تۈرلەر مۇكاپاتىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئۈچ ئورۇن 10 مۇنەۋۋەر تۈر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
  شىنجاڭ قاراجون خەلقئارا دالا تەنھەرىكەت باغچىسى تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر مەنزىرە رايونى مۇكاپاتى»غا، شىنجاڭ گۇچۇڭدىكى جامبۇلاق تاغ دالا ساياھەت لىنىيەسى تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە «10 مۇنەۋۋەر ساياھەت لىنىيىسى مۇكاپاتى»غا، شىنجاڭ جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش (خەلقئارا) راللى مۇسابىقىسى تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە 10 «مۇنەۋۋەر مۇسابىقە تۈرى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
   ئىگىلىنىشىچە، 2018- يىللىق جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى بويىچە مۇنەۋۋەر تۈرلەر مۇكاپاتىنى دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى تەرەققىيات مەركىزى باھالايدىكەن، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ تەنتەربىيە تارماقلىرى ئىلتىماس قىلغان 969 تۈرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، قاپلاش دائىرىسى ۋە تۈرلەر جەھەتتە يېڭى سەۋىيە يارىتىلغان. ئىلتىماس قىلىش سانى 2013- يىلىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو تەنتەربىيە مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى، جۇڭگو تەنتەربىيە ساياھىتى كۆرگەزمىسى ۋاقتىدىكى 144 تۈردىن ئالتە ھەسسە كۆپەيگەن.
  كەسپىي باھالاش ئارقىلىق 79 ئېسىل مەنزىرە رايونى، 42 ئېسىل لىنىيە، 72 نادىر مۇسابىقە ۋە 29 نادىر مەنزىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 222 مۇنەۋۋەر تۈر باھالاپ چىقىلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى