قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»تىكى ئىككىنچى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا

2018-12-18 18:45:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭنىڭ سانجى شەھىرىدىن ئەنخۇينىڭ گۇچۈەنگىچە بولغان ئالتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننى كېسىپ ئۆتىدىغان، 3 مىڭ 293 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى «توك يەتكۈزۈش كارىدورى» ياسالىۋاتقان بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇش نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ئېلېكتىر بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. قۇرۇلۇش ئاخىرقى ھالقىلىق قۇراشتۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن شەرقى جۇڭگودىكى 50 مىليون ئائىلىنى بىۋاستە توك بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش شىركىتى سانجى توك ئالماشتۇرۇش پونكىتى قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر ترانسفورماتورنىڭ ئېغىرلىقى 535 توننا بولۇپ، ماي قاچىلانغاندىن كېيىنكى ئېغىرلىقى 832 توننىغا يېتىدۇ. قۇراشتۇرۇش مۇددىتى 28 كۈن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىقى ئىككى ترانسفورماتور مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى قۇراشتۇرۇلۇپ بولۇنىدۇ. تەڭشەلگەندىن كېيىن پۈتۈن لىنىيە رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە، شەرقىي جۇڭگو رايونىدىكى 50 مىليون ئائىلە، 200 مىليون ئادەم بىۋاسىتە توك بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، سانجى بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتىدا توك بېسىمىنى ئۆزگەرتىش ئۈسكۈنىسىدىن 24ى بار بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توكنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدىكەن. شىنجاڭ تەۋەسىدىكى پاكىز ئېنېرگىيە ۋە شەرقىي جۇڭغاردىكى 10 ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئېلېكتىر كۈچى بۇ يەردە بىۋاسىتە توك ئېقىمىغا ئايلىنىپ، گەنسۇ، نىڭشيا، شەنشى، خېنەن ئۆلكىلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە ئەنخۇيغا بارىدىكەن، گۇچۈەن بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى ئۆزگىرىشچان توكقا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي جۇڭگو رايونىنى تەمىنلەيدىكەن. ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن چىققان توك، ئاخىرىدا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ ھەممىسى ئۆزگىرىشچان توك بولىدىكەن، لېكىن يىراق ئارىلىققا توك يەتكۈزگەندە، ئۆزگىرىشچان توك يەتكۈزۈش سەرپىياتى غايەت زور بولۇپ، 1100 كىلوۋولتلۇق توك «تۇراقلىق توك»قا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر مىڭ كىلومېتىرغا كېتىدىغان سەرپىيات ئاران %1.5 بولىدىكەن.
سانجى ـ گۇچۈەن 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەت يولغا قويغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىدىكى ئىككىنچى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش ـ بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن ھەر يىلى شەرقىي جۇڭگو رايونىغا 66 مىليارد كىلوۋات توك يەتكۈزىدۇ. بۇ بىرلا ۋاقىتتا 30 ۋاتلىق لامپىدىن 400 مىليوننى ياندۇرغانغا باراۋەر. بۇ يەنە كۆمۈر ترانسىپورتىنىڭ 30 مىليون 240 مىڭ توننا ئازىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر پويىزنىڭ توشۇش ئىقتىدارى بويىچە ھېسابلىغاندا 20 ۋاگونلۇق پويىزدىن 25 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «كۆمۈرىنى بىۋاستە توكقا ئايلاندۇرۇپ يەتكۈزۈش»تىن ئىبارەت بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتىگىيىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
2010- يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى بىلەن غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلۇپ «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش»نىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى، شىنجاڭ تەدرىجىي ھالدا دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى قۇرۇقلۇق يولىغا ئايلاندى. بۇ قېتىم سانجى ـ گۇچۈەن 1100 كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي گەۋدە بويىچە سىرتقا توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى 25 مىليون كىلوۋاتقا يېتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى