قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مورى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون «جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى

2018-12-18 18:49:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ساپسېرىق قىچا گۈللىرىنىڭ ئېچىلىش مەزگىلى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، يېشىل دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان كۆك پۇرچاق، ئالتۇن دولقۇن مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان بۇغداي دېڭىزى ئارقا ـ ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. باھاردىن كۈزگىچە، مورى ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندىكى نەچچە يۈز مىڭ مو گۈزەل، رەڭگا- رەڭ ئېتىز، خۇددى رەڭدار گۈللۈك گېلەمگە ئوخشاش، تۇركۈم - تۈركۈملەپ ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ 10- كۈنى، بۇ گۈزەل تاغلىق ماكاننىڭ يەنە بىر گۈزەل نام كارتىسى بار بولدى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى- يېزا مىنىستىرلىقى بۇ جايغا «تيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى» دەپ نام بەردى.
   تيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى تۇنجى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى ھىساپلىنىدۇ. مورى ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون ۋە قۇرغاق ئېدىرلىق رايونى ناھىيە بازىرىغا 15 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 568 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، جاۋبىشەن يېزىسى، دوڭچېڭ بازىرى، شىجىر بازىرى، ئېگىنبۇلاق يېزىسى، دانەنگۇ ئۆزبېك يېزىسى ۋە چۆرېن يېزىسىدىن ئىبارەت ئالتە يېزا ـ بازارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
   بۇ يەرنىڭ قاتنىشى قولايلىق، ھەر قايسى ساياھەت لىنىيەلىرى ئۆز ئارا تۇتاشقان ھەم ئۆز ئالدىغا بىرىككەن ھالەتتە بولۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلسىمۇ، ياكى ئاتلىق، پىيادە، ئەركىن ـ ئازادە ساياھەت قىلسىمۇ ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، قىچا گۈلى، كۆك پۇرچاق، بۇغداي دېڭىزى رەت بويىچە چېچەكلەپ، پىشىپ يېتىلىپ، ھەممە تاغنى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. تەبىئەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن باشقا، بۇ يەردىكى كەنتلەرمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، شەنشى، گەنسۇ ۋە بېيجىڭ، خېبېي ئۇسلۇبىدا سېلىنغان دېھقانلار ھويلىلىرىنى ھەممىلا يەردە ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. كۆپىنچىسى ئۆزگىچە ئاھالىلەر ياتىغى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، ساياھەتچىلەرنى ياتاق تاماق بىلەن تەمىنلەيدۇ.
   ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك باغچىسى بىر خىل يېڭىچە ساياھەت ھالىتى بولۇپ، ئۇ ئادەتتىكى ئۇقۇمدىكى شەھەر باغچىسىغا ئوخشىمايدىكەن، يەنە كېلىپ ئادەتتىكى دېھقانلار شادلىقى، يېزا ساياھەت نۇقتىسى ۋە يېزا ئۆرپ ـ ئادەت تاماشا باغچىسىدىن پەرقلىنىدىكەن. جوڭگو سەھرا ساياھىتى ۋە يېزا- ئىگىلىك ئىستىراھىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەكلى ھېسابلىنىدىكەن.
   جاۋبىشەن يېزىسى پىڭدىڭشەن تېغىدىكى بىنەم تېرىقچىلىق كەنتى، تيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسىنىڭ مەركىزىي رايونى ھېسابلىنىدۇ.  جاۋبىشەن يېزىسى تىيانشان مورى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى قۇرۇلۇش تۈرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشى، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قۇرۇلۇشى، توسما قۇرۇلۇشى، مەنزىرە رايونى يولى قۇرۇلۇشى، تېرىقچىلىق مەدەنىيەت مۇزېيى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ئارقا ـ ئارقىدىن تاماملاندى.
   بۇ يىل جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ 60 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاغ يولىنىڭ ھەممىسى ياسىلىپ بولىدۇ، بۇ يول جاۋبىشەن يېزىسىنىڭ تۇداۋگۇ جىلغىسى، پىڭدىڭسەن تېغى، شۇاڭۋەن، چۆرېن يېزىسى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، يۆلياڭدى ئەنئەنىۋى كەنتكە يېتىپ بېرىپ، ئالتە يېزا ـ بازار، ئون نەچچە كەنتنى تۇتاشتۇرىدۇ، مەنزىرە رايونى بىلەن يېزا- كەنتلەرنى تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
   نۆۋەتتە، مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى دېھقانچىلىق مۇزىيىنى بېزەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، شۈيموخې دەرياسى ئىستىراھەت ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنى بېزەش، دانەنگۇ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئېگىنبۇلاق يېزىسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەنت قىياپىتىنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.
  مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك باغچىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ساياھەتچىلەرنىڭ ئارام ئېلىش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىپ، گۈزەل سەھرا، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىش، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، يېمەك ـ ئىچمەك، تۇرالغۇ، ساياھەت، سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىشتەك ئالتە ئامىل ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە ياخشى بولغان ساياھەت ئېكولوگىيە مۇھىتى يارىتىپ بېرىپلا قالماي، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى تېخىمۇ راھەت تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى