قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاققۇ بۇلىقىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى

2018-12-18 18:52:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

غۇلجا ناھىيىسى ئۇيۇشتۇرغان «چېگرىدىكى بوستانلىق-- ئىلىنى كۈيلەش» ۋە «ئاققۇغا مۇھەببەت» ناملىق ئۆرۈك يۇرتى قار ـ مۇز مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى باشلىنىدۇ. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردىن ساياھەتچىلەر كېلىپ، بۇ چېگرىدىكى بوستانلىقنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى.
ئاققۇ بۇلاق كۆلى بويىدىكى دەرەخلەر ۋە قومۇش پۆپەكلىرىدىكى تۇمان سۆڭگىسى ئالتۇن رەڭگە پۈركەلگەن بولۇپ، سۈزۈك، جىمجىت سۇ يۈزىدە سۇس تۇمان كۆتۈرۈلگەن ئىدى؛ گۈزەل ئاققۇلار بويۇنلىرىنى سوزۇپ، قاناتلىرىنى كېرىپ، توپ ـ توپ ياۋا ئۆردەك قاتارلىق سۇ قۇشلىرى بىلەن بىرلىكتە لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئىدى.
 بۇ سۇ رايونىدا 25 يىلدىن بۇيان سۇ جانلىقلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە ئاققۇلارغا خالىسانە قاراپ كەلگەن دېھقان خەن شىنلىن مۇخبىرغا بۇ يەردىكى ئاققۇلار سانىنىڭ ھازىر 240تىن ئاشىدىغانلىقىنى، يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن 300دىن ئېشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.
شاغلىق كەنتى ئىلى دەرياسىغا يېقىن. شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى بۇ يەردە كۆل يوق بولۇپ، تىك داۋان ئاستىدا بىر نەچچە بۇلاق بار ئىكەنتۇق. سۇ توختىماي ئېقىپ، كېيىن بىر ئېقىن شەكىللەنگەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى ئىلى دەرياسى بويىدا سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن بېلىق كۆلچەكلىرى ياسالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇلاق كۆزى ئەتراپىدىكى بۇ سۇلۇق رايونىدا بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ، بېلىق كۆلچىكىگە سۇ تولۇقلايدىغان بولغان. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، كىچىك كۆلدە قويۇق سۇ ئوتلىرى ئۆسۈپ چىققان. بۇلاق سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئەڭ سوغۇق پەسىلدىمۇ مۇز تۇتمايدىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاققۇلارنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە شارائىت يارىتىپ بەرگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ھەر يىلى 10- ئاينىڭ بېشىدىن، كېيىنكى يىلى 4- ئايغىچە، بۇ يەر دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ، دۆلەت بويىچە ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قۇش تۈرى سۆگەل بۇرۇن ئاققۇنىڭ قىش پەسلىدىكى ماكانى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ ئاققۇمۇ بۇ يەردە ياشايدىغان بولغان.
2011- يىلى غۇلجا ناھىيىسى ئاققۇ ماكانىنى قوغداش رايونى تەسىس قىلىپ، ئاققۇلارنى كۆزىتىش ئۆيى سالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاققۇ ماكانىنى تاماشا قىلىدىغان ياغاچ يول ۋە دۇربۇن، قار تېيىلىش مەيدانى، كىچىك تاللا بازىرى، ئاشخانا، مۇداپىئە رېشاتكىسى قاتارلىقلار ئارقا- ئارقىدىن ياسالغان. يەنە مەخسۇس نۆۋەتچى خادىم قويۇلۇپ ئاققۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، ئاققۇلارنىڭ قىشتىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنغان.
  قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەتچىلەر بازىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنىدىن كېلەر يىلى 2- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە غۇلجا ناھىيىسىدە «چېگرىدىكى بوستانلىق-- ئىلىنى كۈيلەش» ۋە «ئاققۇغا مۇھەببەت» ئۆرۈك يۇرتى قار ـ مۇز مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، سۈرەتكە ئېلىش، قىشتا بېلىق تۇتۇش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. قىشلىق بېلىق تۇتۇش، ئات بەيگىسى، قىز قوۋار، بۈركۈت بىلەن ئوۋ ئوۋلاش، ئوغلاق تارتىشىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەت پائالىيەتلىرى ۋە مۇز ئۈستىدە كۆڭۈل ئېچىش، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئاشۇرۇلۇپ، «ئاققۇ يېزىسى قار ـ مۇز مەدەنىيىتى ساياھەت بايرىمى ماركىسى»نىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە ئىستىتىك دەرىجىسى ئۆستۈرىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى