قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز قىشلىق ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقاردى

2018-12-18 18:54:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل قىشتا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاۋىئاتسىيە، تۆمۈريول تارماقلىرى كۈچ چىقىرىپ، قار ـ مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
11- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئالتاي شەھىرىدىن كۆكتوقايغا، ئالتاي شەھىرىدىن قاناس مەنزىرە رايونىغا، ئالتاي شەھىرىدىن قۇمقاناس مەنزىرە رايونى، قاناس مەنزىرە رايونىدىن قۇمقاناس مەنزىرە رايونىغىچە بولغان تۆت تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقى لىنىيىسىدە رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، شۇ جايدىكى ساياھەتچىلىكنىڭ «قىشلىق ئۇيقۇ»، «يول ئۇزۇن» بولۇش مەسىلىسى نۇقتىلىق ھەل قىلىندى. ئالتاي ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي خۇڭبىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: غول لىنىيە بويىچە شىنجاڭنىڭ سىرتىغا، تارماق لىنىيە بويىچە شىنجاڭ ئىچىگە، مەنزىرە رايونىغا ئۇچۇش ئەندىزىسىگە ئاساسەن، «ھاۋا ئايرۇبۇسى»دىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى قورالدىن پايدىلىنىپ، شەھەر بىلەن شەھەر، مەنزىرە رايونى بىلەن مەنزىرە رايونى، شەھەر بىلەن مەنزىرە رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، يولۇچىلارنى بىۋاسىتە توشۇپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق.
بۇ يىل قىشتا بايىنغۇلىن ئوبلاستىمۇ بىر قاتار ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ساياھەت قاتناش تەننەرخى يۇقىرى بولۇشتەك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭىدىن ئېچىلغان ۋە كۆپەيتىلگەن بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىگە تولۇقلىما بەردى. گۇاڭجۇ، شېنجېن، خەيكۇ (سەنيا)، كۇنمىڭ (گۇيلىن)، تيەنجىن، خاڭجۇلارغا بىۋاستە قاتنايدىغان ياكى ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىكى ئايرۇپورتلارغا قاتنايدىغان لېنىيەلەرگىمۇ تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل ئاۋىئاتسىيەدىن باشقا يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنى ساياھەت قىلىش قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىدىن ئىلى، ئالتاي، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان تۆت قىشلىق ساياھەت غول لىنىيەسىدە بەش نادىر لىنىيەنى ئاچتى. بۇ لىنىيىلەردە مەخسۇس كارىۋاتلىق پويىز قاتنىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن ئالتايغا قاتنىغان ئىككى قىشلىق ساياھەت مەخسۇس پويىزى «يېڭى شەرق تېز پويىزى» بولۇپ، پويىزغا ھەشەمەتلىك ئايرىمخانا، تاماق ۋاگونى، مۇنچا، ئىستىراھەت قاۋاقخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر تولۇق سەپلەندى. بۇ پويىزنى ساياھەتچىلەر «يۇلتۇز دەرىجىلىك كۆچمە مېھمانخانا» دەپ ئاتىدى. ساياھەت كوپىراتىپلىرىمۇ ساياھەت مەخسۇس پويىزىغا تايىنىپ مول، رەڭدار قىشلىق ساياھەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە «يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدە غەربكە ساياھەت قىلىش» مەخسۇس پويىزىدىن 9ى ئوڭۇشلۇق يولغا سېلىنىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى