قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئورۇندالدى

2018-12-18 18:55:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى كەچتە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئورۇندالدى.
«مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان «مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» ناملىق نادىر فىلىمدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى شىنجاڭ چېگرا لىنىيەسىدە، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىنىڭ بۇرۇنقى مەشۇقلىرىنى ئىزدىشى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن جىددىي ۋە خەتەرلىك بولغان «ئىشپىيونلارغا قارشى تۇرۇش» ھېكايىسى بايان قىلىنغان. رېژىسسور دىلخۇمار ھامۇتجان مۇخبىرغا بۇ مۇزىكىلىق تىياتىردا ناخشا- ئۇسسۇل ئامىلى بىلەن ھازىرقى زامان مۇزىكىسىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە بىز نۇرغۇن جايلاردا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپلا قالماي، نۇرغۇن جايلارنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىن قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىر ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىپ، ياشلارنى ئىنقىلابقا نىسبەتەن تېخىمۇ چۈشەنچكە ئىگە قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ مۇزىكىلىق تىياتىردا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىنى، ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز ھازىرقى بارلىق بەخت- سائادىتىمىزگە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەك.    ساختا گۈلەندەمنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىغا ئەگىشىپ، پامىر ئېگىزلىكىدىكى چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىدە تۇرۇۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن دۈشمەننى قوغلاپ چىقاردى، ھەقىقىي گۈلەندەم بىلەن ئامىر توي قىلدى، پۈتكۈل مۇزىكىلىق تىياتىر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈپ، تاماشىبىنلار قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. تاماشىبىنلار مۇنداق دېيىشتى: بەك ھەيران قالدۇق، چىراغ نۇرى ئۈنۈمى ياخشى بولۇپلا قالماي، روللارمۇ ناھايىتى ياخشى ئېلىنىپتۇ. تىياتىر ۋەقەلىكى ئەينەن ۋە جانلىق بولۇپ، ھەر بىر كۆرۈنۈش ناھايىتى ياخشى ئىشلىنىپتۇ، مۇزىكلارمۇ يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ مۇھىمى كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تۈسىنى ئالغان ئىكەن. ئاۋاز ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ھەيران قالارلىق بولۇپ، ئادەمنى ئاسانلا جەلپ قىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر كۆرۈنۈشتە بىر جۈپ ئاشىق- مەشۇقنىڭ بىر- بىرگە تەلمۈرۈپ ناخشا ئېيتىۋاتقان چاغدىكى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن چاقناپ تۇرغان شۇ خىل مۇھەببەت ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ، بىرىنجى بەنجاڭنىڭ قۇربان بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈشىمۇ ئادەمدە چوڭقۇر قالدۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى