قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋردە ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتايلى

2018-12-19 10:38:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «يېڭى دەۋردە ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتايلى» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزورى
40 يىل ئىلگىرى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ باھار شامىلى يۈزىمىزنى سىيپاپ ئۆتتى. باھار دولقۇنىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولدى. شىنجاڭ ۋەتەن بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ مارشىنى ياڭراتتى، تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى ياراتتى، ھەيۋەتلىك ئىلگىرىلەش مۇساپىسىگە گۇۋاھچى بولدى.
40 يىللىق گۈللەپ ياشناش، 40 يىللىق ئۆزگىرىش... يېزىلاردىن شەھەرلەرگىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىغىچە، تۈرلۈك كارخانىلاردىن پەن- تەتقىقات ئورۇنلىرىغىچە، تىيانشاننىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئاشتى. شىنجاڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىگە قەدەم قويۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان، چېگرا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان، تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ راۋاجلانغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.
پارتىيە18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدىيەدە ئۈزلۈكسىز ئازاد بولۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى. مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ھاياتىي كۈچنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش «پايدىسى» نىڭ داۋاملىق قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.
40يىللىق ئۇلۇغ ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئىتتىپاق، ئىناق، گۈللەنگەن، باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.
40 يىللىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش-- ھەربىر كۈرەش قىلغۇچىغا شۇنداق ئىلھام بەردىكى، ئىسلاھاتچىلار ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار قۇدرەت تاپىدۇ، ئىسلاھات قىلىپ يېڭىلىق ياراتقۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ ئارزۇ كۈتۈپ تۇرغان بىلەن، شۇئار توۋلىغان بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، بەلكى جان تىكىپ ئىشلەشتىن كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش-- ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، لېكىن يەنىلا تاغ- داۋانلاردىن ئېشىشقا توغرا كېلىدۇ.»
  نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ ئېنىق نىشان ۋە ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نىشان ۋە يول ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش» تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ» نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي، چوڭقۇر ۋە تولۇق ئىشلەپ، ئىدىيەنىڭ قايتا ئازاد بولۇشى، ئىسلاھاتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى، ئېچىۋېتىشنىڭ يەنىمۇ كېڭەيتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا يېڭى دەۋرنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىشىمىز كېرەك. تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى