قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش

2018-12-19 10:44:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىش» دېگەن ماۋزۇدىكى مەخسۇس ماقالىسى
مۇشۇ ئاينىڭ15- كۈنى كورلا ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى باجدىن خالىي ئىسكىلاتى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى ئاممىۋى باجدىن خالىي ئىسكىلاتى بولۇپ، شىنجاڭ كېدا قۇرۇلۇش گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پۈتۈن مەبلەغدىكى بالا شىركىتى بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى(كورلا)چەكلىك شىركىتىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، كارخانىلارنى باجدىن خالىي مال ساقلاش ئىسكىلاتى، خەلقارا ئەشيا ئوبوروتى يەتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ. باجدىن خالىي ئىسكىلاتنىڭ تىجارەتكە كىرىشىشى-- «2016- يىلدىن   2030-يىلغىچە بولغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇلۇشى پىلانى» دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بىر يادرو، 9 رايون، كۆپ تۈگۈن» لۈك سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزىنىڭ بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگۈسى. شىنجاڭ كېدا قۇرۇلۇش گۇروھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى كاڭ جى مۇنداق دېدى: بايىنغولىن ئوبلاستى ھەمدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماللارنى ئۇلاپ توشۇش، ئىمپورت- ئېكسپورت قىلىش كەسپىنى زور رول بىلەن تەمىنلەپ، باج ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ.
«بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ «ئۈچ بازا، ئۈچ يول»، «بەش چوڭ مەركەز» ۋە «ئون چوڭ كەسىپلەر توپلانغان رايون» نى پىلانلاپ، ئۈستىقۇرۇلما جەھەتتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى لايىھەلەپ، بىر تۇتاش پىلان تۈزدى.
«تۈمەن سودىگەرلەر توپلاندى، ماللار ھەممە يەرگە تارقالدى». ئاپتونوم رايونىمىز ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ، جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىنى يادرولۇق بۆلەك قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى جۇڭگو خەلقئارا تۆمۈر يول ئاساسلىق پورتىنى قۇرۇپ چىقتى.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 82 گۇرۇپپا كونتىينېردىن تەشكىل تاپقان، خىمىيە سانائىتى خام ئەشيالىرى قاچىلانغان نۆۋەتچى پويىز جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىقتى. سەككىز كۈندىن كېيىن بۇ پويىز روسىيە پايتەختى موسكۋاغا يېتىپ بارىدۇ. ھازىرغا قەدەر، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىققان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ياۋروپا-ئاسىيادىكى 19 دۆلەت ۋە 25 شەھەرگە يېتىپ باردى. ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن يولغا چىققان جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ سانى 962گە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %45.53 كۆپەيدى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى «مال توپلاش، باغچە قۇرۇش، كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇش» تەپەككۇرى بويىچە غەربىي ۋوگزال رايونىنى يادرو قىلغان، 120 كۇۋادرات كىلومېتىر دائىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش شەھەرچىسى بىرلەشمە تەرەققىيات رايونىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى پۇ جيې مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى خەلقارا قۇرۇقلۇق پورت رايونى دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا-- جېڭۋېي گۇروھى، يەنە بىز قۇرۇۋاتقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال كەسپلەر رايونى، بېرناۋېي ئەقلىي ئىقتىدارلىق كەسپلەر رايونى قاتارلىق 40 نەچچە كارخانىنى جەلپ قىلدى. ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ ماتورلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ زامانىۋى سودا ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىككى بازارنى تۇتاشتۇردى. 6- نۆۋەتلىك جۇڭگو-- ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە، شىنجاڭدىكى 25 نۇقتىلىق كارخانا «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 13 دۆلەتتىكى 29 كارخانا بىلەن 29 تاشقى سودا توختامى ۋە كېلىشىمى ئىمزالىدى. قازاقىستانلىق سودىگەر ماندانىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو شىنجاڭدىكى كارخانىلار بىزنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھىمىز ھىساپلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى تەشەببۇسىنى ئېلان قىلدى. بىز بۇنىڭغا قاتناشقانلىقىمىزدىن ئىنتايىن خۇشال. جۇڭگو شىنجاڭدا پۇرسەت كۆپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالدۇق.
ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى، قەشقەر، ئۈرۈمچى، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ جۇڭگو يانداش رايونىدىن ئىبارەت تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ «يول ئىقتىسادى» نى «كەسىپ ئىقتىسادى» ۋە «پورت ئىقتىسادى» غا ئۆزگەرتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن شىنجاڭ يەنە سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن پورتتىن 18نى، دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپ رايونىدىن 23نى قۇرۇش قەدىمىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىقتىساد كارىدورىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ باشلىقى دىڭ جىباۋ مۇنداق دېدى: بىز گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت» ئىسلاھاتى ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، باجنى تۆۋەنلىتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئومۇمىي ۋاقتىنى قىسقارتىپ، كارخانىلارغا ئادىل، ئۈنۈملۈك سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىكى ئوچۇق ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى بەرپا قىلىشقا تىرىشىمىز.

 تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى