قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 40 يىلدا كۆزگە كۆرۈنگەن يۈز داڭلىق پۇقراۋى كارخانىچى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

2018-12-19 11:41:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى يېقىندا، «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 40 يىلدا كۆزگە كۆرۈنگەن يۈز داڭلىق پۇقراۋى كارخانىچى» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى جوڭ جيەنگو بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى. 21 يىلدىن بۇيان، جوڭ جيەنگو كوللېكتىپنى يېتەكلەپ يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان لىفىتنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەڭ بازارغا يۈزلەندۈردى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكا كوللېكتىپى يۇقىرى بۇلۇڭلۇق لىفىت تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھۇجۇم قىلدى. بۇ تېخنىكىغا تايىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىن شىركەت تىك ئىگىزلىكى 21 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 60 مېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى لىفىتنى ياساپ چىقالايدىغان بولدى. نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدە مۇشۇ خىل ئىقتىدارغا ئىگە كارخانىنىڭ سانى 10غا يەتمەيدۇ.
1994- يىلى شاڭخەيدە لىفىت سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جوڭ جيەنگو شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەردە لىفىت ياساش كارخانىسى يوقلىقىنى، لېكىن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تېز، بازار ئىستىقبالىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، شىنجاڭدا ئىگىلىك تىكلەپ، رايون ساھەسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى قارار قىلدى. 1997- يىلى جوڭ جيەنگو كۆپ يىللاردىن بۇيان يىققان پۇلى بىلەن شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتىنى قۇردى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى لىفىت ياساش كارخانىسى ھىسابلىناتتى. 1997- يىلى 7- ئايدا تۇنجى لىفىت ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن سېتىپ چىقىرىش قىيىن مەسىلىگە ئايلاندى. جوڭ جيەنگو ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى كارخانىلارنىڭ بازارغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم سەھنە ھازىرلاپ بەردى.    1999-يىلى ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئالدىغا لېفىت ئورنىتىپ خېرىدارلارنى ئولتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇردۇم. كۆرگەزمە قىلىنغان لىفىتنى چەت ئەللىكلەر ياقتۇرۇپ سېتىۋالدى. 2000- يىلى مەن لىفىتتىن يەنە بىرنى كۆپەيتتىم. 2001- يىلى يالغۇز لېفىتلا ئەمەس، پىيادىلەر يولى گۇرۇپپىسىنى كۆپەيتىپ، ئاستا ـ ئاستا نام چىقاردىم.
شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، جوڭ جيەنگو مۇستەقىل ماركا يارىتىپ، باشقىلارنىڭ ماركىسىنى چاپلىماسلىققا بەل باغلىدى. ئۇ ئەترەتتىكىلەرنى باشلاپ لىفىتنىڭ بىخەتەرلىكى، ئازادىلىكى، باھا نىسبىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئىسلاھات ئېلىپ باردى ۋە يېڭىلىق ياراتتى. 21 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى 30 نەچچە تۈرلۈك يادرولۇق پاتېنت تېخنىكىسىنى توپلىدى ھەمدە ھەر يىلى تۆتتىن بەشكىچە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارىنى ساقلىغاندىن باشقا يەنە قولدا ماشىنا ئادەم ياساشتىن پۈتۈن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىققا يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا بازار بىلەن ماس قەدەمدە بولغان تۈرلۈك يۇقىرى پەن-تېخنىكا يېڭىچە لىفىتلىرىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. كارخانىمۇ دەسلەپكى بىر يىلدا بىر لىفىت سېتىشتىن تەرەققىي قىلىپ، يىللىق سېتىش مىقدارى 100 مىليون يۈەنگە يەتتى. جۇڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنىڭ تۈرتكىسىدە تەپەككۈرىمىز ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئىدىيەمىز بارغانسېرى ئازاد بولدى، يولىمىز بارغانسېرى كېڭەيدى. مەن چوقۇم ئالدىغا مېڭىشىم كېرەك، چوقۇم ئىسلاھ قىلىشىم كېرەك.
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ،2001- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى چەت ئەل بازىرىنى ئېچىش مۇساپىسىگە ئاتلاندى. بۇ مەزگىلدە جوڭ جيەنگو يېرىم يىل ئىچىدە بەش دۆلەتكە بېرىپ، ھەر يىلى ئىككى دۆلەت بازىرىنى ئېچىش سۈرئىتىنى يارىتىپ، خەلقئارا بازاردىكى جايلىشىشىنى تېزلەتتى. ھازىر شىنجاڭ «تىيانشان» لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى روسىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش ئىجازەتنامىسى، تاجىكىستاننىڭ تاۋار ماركىسى رويخەت گۇۋاھنامىسى، قىرغىزىستاننىڭ كارخانىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلارغا ئېرىشتى ھەمدە قىرغىزىستان، تاجىكىستاندا تارماق شىركەت قۇردى. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئافرىقا قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەت بازىرىغا سېتىلدى. جۇڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: تۆت يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى تېخىمۇ پۇختا قىلماقچىمىز. ھازىرغا قەدەر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ماڭا نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بەردى. مۇشۇ سۇپا بولغاچقىلا مەن تەرەققىي قىلدىم. شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن.

تەرجىمان: مىھرىئاي

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى