قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

گۈزەل بەختلىك يېڭى كەنت

2018-12-19 15:58:16     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئايدا، خوتەن شەھىرى تۇساللا يېزىسىنىڭ دۆڭ كەنتىگە كەلسىڭىز، بۈك-باراقسان ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغانلىقى، رەتلىك سېلىنغان ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيلىرىدىكى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان دېھقانلارنىڭ چېھرىدىكى بەخت تەبەسسۇمىنى كۆرەلەيسىز. جۇڭگو «خۇاروڭ» مۈلۈك باشقۇرۇش پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» قاتارلىق كەنتتە تۇرۇشلۇق كۈچلەر ۋە بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
 كەنت ئاھالىسى ئېزىز ھەسەن ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ئىنتايىن مىننەتدار بولغان ھسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى يېقىن ئەتراپتا  ئىشلەشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، ھازىر مەن كەنتتە ئىشلىگەندىن سىرت، ھۈنەر ئۆگىنىپ، پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە كۆپ رەھمەت!»
خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنتنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 1ـ شۇجىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشىدا، كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر قايسى كۈچلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش ئاساسىدا، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى.
كەنتتە ئاياللار كۆپرەك بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇنلارنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن مەبلەغ چىقىرىپ تىككۈچىلىك ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋېلىپ ھەمدە خىزمەت مەيدانى ئىجارىگە ئېلىپ، بېيىش ماھىرى ھېبىنسا تۇرسۇنتوختىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشىنى قوللىدى، ئۇنىڭ دۆڭ كەنتىدىكى تۇنجى ھەمراھ زاۋۇتى -- «پەخرى» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كەنتتىكى 50 ئايالنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللارنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كىرىمى 1 مىڭ 500 يۈەن ئەتراپىدا بولدى.  خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش قويى تارقىتىشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، بېيىش باشلامچىسى مەمەتېئلى مەمەتئابدۇللانىڭ تۇنجى چارۋىچىلىق باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى-- خوتەن شەھىرى تۇساللا يېزىلىق «شىنيۈەن» باقمىچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشىنى قوللىدى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ تېخنىكا، مەبلەغ جەھەتتىن قوش قوللىشى نەتىجىسىدە، كوپىراتىپنىڭ تەرەققىياتى ياخشى بولدى، گۆش قويلىرى ئىزچىل تۈردە خوتەن شەھىرى ۋە ئەتراپتىكى بازارلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەپ، بىر قەدەر ياخشى ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. خىزمەت ئەترىتى يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ قوللىشى بىلەن يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 192 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان نامرات ئائىلىلەرنىڭ يەم- خەشەك سېتىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ،  ئۇلارنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
كەنتتىكى بېيىش ماھىرلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى «ساقلاپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» ئىدىيەسىنى تەدرىجىي تۈگىتىپ، كونا قاراشلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئائىلىسىنىڭ بىر مو ئۈچ پۇڭ يېرىگە تايىنىپ كۈن ئۆتكۈزمەيدىغان بولدى، بەس - بەستە بېيىش يولىنى ئىزدەپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىدى، ئۆز- ئارا ئويۇشۇپ تەرەققىي قىلغان كەنت ئاھالىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.
   دۆڭ كەنتىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان گۈزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» كەنتنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتى ۋە تۇرالغۇ مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىدى. بۇ ئىككى يىلدا خىزمەت ئەترىتى ئاساسىي قاتلام بازىسى قۇرۇلۇشىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، ئاممىۋى خىزمەت سورۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بويىچە، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى قوروسىنى كېڭەيتىپ ياسىدى، كېڭەيتىپ قۇرغاندىن كېيىنكى كۆلەم 1000 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى، يەنە ئاشخانا، مېھرى - شەپقەت تاللا بازىرى، تازىلىق  ئۆيى، شىپاخانا، ۋاسكىتبول مەيدانلىرى سېلىندى، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى ۋە كىتاب ئوقۇش ئۆيى قۇرۇپ، خوتەن ۋىلايىتى بويىچە كەنت دەرىجىلىك ئىش بېجىرىش ئورنى ئۈلگىلىك كەنتىكە، كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جايغا ئايلاندى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» يەنە كەنتنىڭ 17 كىلومېتىر يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، 51 يول چىرىغى ئورنىتىپ، 29 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىچىدىغان سۇ تۇرۇبا يولىنى ياساپ، 433 يۈرۈش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئازادە ئۆيلەرگە ئىگە قىلدى.
    ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان ھويلا- ئاراملارنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا- ئارام ئىچىدىكى، باقمىچىلىق رايونى، تېرىقچىلىق رايونىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئايرۋېتىش، ھويلا- ئاراملاردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىمنى ئاشۇردى.
كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنباقى ئەبەيدۇللا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىنىڭ كۆلىمى كىچىك ئىدى، كەنت ئاھالىلەر يىغىنى ئاچقاندا كەنت ئاھالىلىرى ئولتۇرىدىغانمۇ يەر يوق، قىشتىمۇ ئىسسىنىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. ھازىر ئازادە، يورۇق زالدا ئولتۇرۇپ، يىغىن ئېچىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتىمىز، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان كەنت ئاھالىلەر پائالىيەت مەركىزىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزسەك، شۇنداق قولايلىق بولىدىكەن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ بىز ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلىرىنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ!».
خىزمەت ئەترىتى تۇرالغۇ مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ ھاجەتخانىلىرىنى ئالدى بىلەن ئۆزگەرتتى. سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانا پۈتكەندىن كېيىن، پاكىز ھاجەتخانىنىڭ مۇھىتى ناھايىتى تېزلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، كۆپچىلىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتتى.
«دۇڭ شۇجى، بۈگۈن چۈشتە كادىرلار بىلەن بىللە بىزنىڭ ئۆيگە تاماققا كېلىڭلار، سىلەرگە جۇۋۋا تۈگۈپ بېرەي!»- كەنت ئاھالىسى خېلىل تۇرسۇننىياز كەنت ئاھالىلار كومىتېتىغا كېلىپ، ئانچە راۋان بولمىغان دۆلەت ئورتاق تىلىدا خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يېيىشكە تەكلىپ قىلدى.
خىزمەت ئەترىتى ھەر يىلى چاغان، دۇۋەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، چۇڭياڭ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملاردا خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» ئاكتىپلىق بىلەن  قوشماقلاشلاشقان ئۇرۇق- تۇغقان، دوست - بۇرادەرلەرنى يوقلاش، چاغانلىق مەسنەۋى چاپلاش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، بىرلىكتە جەم بولۇش تامىقى يىيىش، مەشرەپ ئويناش قاتارلىق بىر قاتار مول دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى پائال تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، بارلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى بىلەن، كەنتنىڭ ھەممە يېرى قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېسسىياتىغا تولدى، ھەر مىللەت كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يېقىنلاشتى، ھېسسىياتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش داۋامىدا ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.
كەنت ئاھالىسى مەمەتتۇرسۇن سادىرنىڭ نەۋرىسى تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، يۇقىرى سوممىلىق ئوپېراتسىيە ھەققى ئەسلىدىلا قىيىنچىلىقى بار بۇ ئائىلىنى ئامالسىز قالدۇرغان ئىدى. خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى» بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، «شېنخۇا فوندىنىڭ يۈرەك كېسىلىنى داۋالاش تۈرى» نى قولغا كەلتۈردى، بۇ يىل 6- ئايدا مەمەتتۇرسۇن سادىرنىڭ نەۋرىسى شىنجاڭ يۈرەك، مېڭە - قان تومۇر كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى. دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، خىزمەتچى خادىملار دوختۇرخانا بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلىشىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئەۋەتكۈچى ئورۇندىكى خىزمەتداشلىرىغا ھاۋالە قىلىپ ئۇلارنى ھال سوراشقا ئەۋەتتى. بالىنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالىنىپ سالامەتلىكىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
مەمەتتۇرسۇن نەۋرىسىنىڭ ھازىرقى سالامەتلىكىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، روھى كۆتۈرۈلگەن ھالدا: «پارتىيەگە رەھمەت، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ غەمخورلۇقى ۋە ياردىمىگە رەھمەت، مەن چوقۇم نەۋرەمنى ياخشى تەربىيەلەپ، كەلگۈسىدە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم  قىلىپ يېتىشتۈرىمەن». بۈگۈنكى كۈندە، دۆڭ كەنتى يېپ - يېڭى قىياپەت ۋە روھى- ھالەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ  غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى نامايان قىلماقتا، كەنت قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلام، مەدەنىي يېڭى تۇرمۇشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى