قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تىرىشچانلىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى

2018-12-19 16:02:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۈگۈنكى كۈندە پەيزاۋات ناھىيە قوشئاۋات بازىرىنىڭ يۈگۈمەچىلىك كەنتىدە كۆرۈنەرلىك ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلمەكتە. يېقىندا بىر يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى داغدۇغۇلۇق تىجارەت باشلىدى، يەنە بىر «بەيشىليەن» ئاممىغا قولايلىق زەنجىرسىمان توك سېتىش تاللا بازىرىمۇ تىجارەت باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى باشتىن- ئاخىر ئاممىنى قەلبىگە پۈكۈپ، ئۇلارغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ بېرىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.
كەنت ئاھالىسى رابىيە غۇپۇرنىڭ يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتىغا  كىرسىڭىز ئۇنىڭ زاۋۇتىنىڭ دەسلەپكى كۆلەمنى شەكىللەندۈرگەنلىكى كۆرىسىز، يىراقتىنلا پېچىنە- پىرەنىكلەرنىڭ مىززىلىك پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلىدۇ. رابىيە تۆت ئايال شاگىرتنى باشلاپ، ئىش كىيىمى كىيىپ، يېمەكلىك پىششىقلاش سېخىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتقانىدى.
 21 ياشلىق رابىيە ناھايىتى ئۇچۇق- يۇرۇق قىز بولۇپ، ئىشسىزلىقتىن كىچىك زاۋۇتنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىش جەريانى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇنىڭ چېھرىدە كۈلكە تەبەسسۇمى جىلۋىلىنەتتى. يۇرتىدا يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ئېچىش رابىيە غۇپۇر ئىلگىرى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش ئىدى، دەسلىۋىدە ئۇ شۇ جايدىكى تورت دۇكىنىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن، رابىيە يۈگۈمەچلىك كەنتىگە قايتىپ كەلدى. ئۇ ئۆيىدە بىكار يۈرگەن ۋاقتىدا، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1- شۇجىسى لى جيەنفېينىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن ئۆگەنگەن ھۈنىرىنى قايتا قولىغا ئېلىشنى قارار قىلدى، بۇنداق بولغاندا ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى، يەنە كەنت ئاھالىلىرى ۋە بالىلارنى بىخەتەر، تەملىك يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگىلى بولاتتى. رابىيە خۇشال ھالدا: «خىزمەت ئەترىتى 100 نەچچە كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ تۆت رايون لايىھىلەپ بەردى، ئۇلار يەنە ماڭا پېچىنە- پىرەنىك سېتىش يولى تېپىپ بەردى، مەن ئۇلارغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن». 
ھازىر رابىيەنىڭ تورت دۇكىنىدىكى پىچىنە- پىرەنىكلەر قوشئاۋات بازىرىدىكى 44 بالىلار باغچىسىغا تارقىتىلماقتا، تارقىتىلىدىغان مەھسۇلاتلار پېچىنە- پىرەنىك  ۋە بولكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، بۇ پىشۇرۇقلار دۇكاننىڭ ئۆزىدىمۇ سېتىلىدىغان بولغاچقا، زاۋۇتنىڭ پايدىسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شاگىرت ئامانگۈل مۆمىن مۇنداق دېدى: «ئۆيدە ئولتۇرۇپ بەك زېرىككەن ئىدىم، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ھەر كۈنى خۇشال يۈرىدىغان بولدۇم، مەن بۇ خىزمەتنى ياخشى كۆرىمەن، ھازىر ھەر ئايدا مائاش ئالالايمەن، تىجارىتىمىزنىڭ  بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، مەن تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايمەن».
ھازىر رابىيەنىڭ قىياپىتى تۈپتىن ئۆزگىرىپ، مول تەسەۋۋۇرغا ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن زاپاس ساقلايدىغان ۋە ئوراپ-  قاچىلايدىغان يېمەكلىك سېخى قۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئايرىم بىر ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئاشخانىسى ۋە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇش كېرەككەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ يېمەكلىك ھۈنەر - سەنئىتىگە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەنئەنىۋى مىللىي ئېلېمېنتلار بىلەن زامانىۋى ئېلېمېنتلارنى بىرلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ماركىنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇ پىشۇرغان پشۇرۇقلارنى  تېتىپ بېقىشىنى قارار قىلدى.
 يۈگۈمەچلىك كەنتىدىكى بەيشىلىيەن بىرلەشمە خەلققە قولايلىق زەنجىرسىمان توك سېتىش تاللا بازىرى تىجارەت باشلىغاندىن كېيىن، 20 ياشلىق رىزۋانگۈل سېلىم ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
 بۇلتۇر 9- ئايدا، رىزۋانگۈل ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدى، ئۇ بىكارچىلىقتا تازا پەرىشان بولۇپ يۈرگەن چاغدا، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدىغان باشقا بىر قانچە ياشلارنى تەشكىللەپ، 200 كۋادرات مېتىرغا يېقىن ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا، بەش قىز ـ ئوغۇل  مۇلازىمدىن تەركىب تاپقان «ئەيلېيى» دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى خەلققە قولايلىق تاللا بازىرى تىجارەت باشلىدى.
خىزمەت ئەترىتى بۇ ياشلارنىڭ مەبلىغىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، مال بىلەن تەمىنلىگۈچى شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىپ مال كىرگۈزۈپ بەردى، كىرگۈزگەن ماللارنىڭ باھاسى ئەرزان بولۇپلا قالماي، يەنە ھەقسىز مال كىرگۈزۈپ ساتقاندىن كېيىن  شىركەت بىلەن ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ھازىر تاللا بازىرىنىڭ سودىسى تەدرىجى مۇقىملاشتى، خىزمەت ئەترىتى يەنە «بەيشىلىيەن» زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يان تېلېفونغا پۇل قاچىلاش، توك ھەققى يىغىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە قولايلىق يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
كەنت ئاھالىسى ئەلى ھەسەن يان تېلېفونغا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بازارغا بېرىپ تېلېفۇن ھەققى تاپشۇرسام، بېرىپ- كېلىشكە 10 يۈەن كېتەتتى، ھازىر ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىلا سۆزلىشىش ھەققى تاپشۇرالايدىغان بولدۇم، ھەقىقەتەن قولايلىق بولدى». رىزۋانگۈلنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرىمۇ مۇشۇ يەرگە كېلىپ ھەق تاپشۇرىدىكەن، بۇ تاللا بازىرىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىگە زور قولايلىق يارىتىپ، ئۆزىدىمۇ بىر خىل مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى پەيدا بوپتۇ.لى جيەنفېي مۇنداق دېدى: «ھەممىدە ئاممنى كۆزلەپ، ئامما ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بېغشىلاپ، ئاممىنى باشتىن - ئاخىر قەلبىمىزدىكى 1- ئورۇنغا قويساق، كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىمىز ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى