قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چوڭ گۇيشەن تېغىدا

2018-12-19 16:18:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ جيەنبىڭ

بىر دوستۇم ماڭا: «قاچان خېجۇغا كېلىپ تۇياۋلارنى كۆرۈسىز؟ بۇ ياۋزۇ مىللىتىنىڭ قەدىمىي ئەۋلاتلىرى بولۇپ، نۆۋەتتە ئاران 6 ، 7 مىڭ كىشىگە يىتىدۇ، ئاساسلىقى گۇاڭشىدىكى داگۈي تاغلىرىدا ياشايدۇ» دېدى. پىڭگۈي رايونىدىكى جۇڭ مىڭ ۋە ۋېي شيەن مېنى ئېلىپ يولغا چىقتى. جۇڭ مىڭنىڭ دىيىشىچە، تۇياۋلار مۇشۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئىكەن. تاغ باغرىدىن بىر دەريا ئېقىپ ئۆتىدىكەن، دەريا ناھايىتى قەدىمىي بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىن تاش قوراللار دەۋرىدىن قېپقالغان بويۇملار قېزىۋېلىنغان ئىكەن. تاغقا ئىچكىرىلەپ كىرگەنسېرى، يولمۇ تارىيىپ كېتىۋاتاتتى. يولدا پات- پاتلا تۆكۇلۇپ قالغان ئوت ـ چۆپ، توپا تاشلارنى يەنە بەزىلەرنىڭ تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئاپتوموبىل شۇنچە ماڭسىمۇ، خۇددى تاغدىن مەڭگۈ چىقىپ كېتەلمەيدىغاندەك كۆرۈنەتتى. ئالدى تەرەپتىن ماشىنا كېلىپ قالسا، ئىككى ماشىنا دوستانە ھالدا بىر- بىرىگە يول بېرەتتى. جۇڭ مىڭ: «بۇ سىمونت يوللار ئالدىنقى يىللاردا ياسالغان بولۇپ، ئىلگىرىكى يوللار تېخىمۇ ناچار ئىدى» دېدى.
نەچچە تاغ تىزمىلىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەندىن كېيىن، كەنتنى ئاستا- ئاستا كۆردۇق، ۋېي شيەن: «بۇلار تاغدىن كۆچۈپ چۈشكەنلەر، بىز بارماقچى بولغان يەر يەنىلا تاغنىڭ ئىچكىرىسىدە» دېدى. يەر گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەچكە، يولنى توسۇۋالغان ئىكەن. ماشىنا- ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ، يولنى راۋان قىلىشقا خېلى ۋاقىت كېتىدىغاندەك قىلاتتى. ئالدىمىزغا چىققانلار، ۋېي شيەن بىلەن بىللە ئىككى موتوسىكىلىتنى ئارىيەتكە ئېلىپ كەلدى، مىڭ تەسلىكتە گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن جايدىن ئۆتۈپ، موتوسىكىلىت بىلەن يۈرۈپ كەتتۇق. مەن ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ، چىڭ تۇتىۋالدىم، كىيىملىرىم بىلەن چاچلىرىم بىللە يەلپۈنۈپ، يول بويىدىكى سۇس كۆك رەڭلىك ئوت- چۆپ گۈلىگە ئوخشاپ قالدى. ئالدىمىزدا بىر بۇلاق ئۇچرىۋىدى، بىرنەچچەيلەن توختاپ ئوچۇملاپ ئىچىپ كەتتى. بۇ ھەقىقى تاغ بۇلىقى ئىدى.
ئاستا- ئاستا تۇياۋ كەنتى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. جۇڭ مىڭنىڭ دىيىشىچە، بۇ تاغ قەلئەسى «داچۇڭ» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 30 نەچچە ئائىلىلىك بار ئىكەن. «داچۇڭ» دېگەن نام، ئېقىننى كۆرسىتەمدۇ؟ ياكى جىلغىنىمۇ؟ بۇنى بىلمىدۇق.
تاغ بوغۇزى بەك تار، لېكىن كىشىگە ئەسىرنىڭ كەڭلىكىنى ھېس قىلدۇراتتى. ئۇ يەر- بۇ يەرگە يىللارنىڭ بوران- چاپقۇنلىرى ئويۇلغان ئىدى. قۇياش نۇرى تاغ قاپتىلىغا تۇتىشىپ، بىر قىسىم دەرەخلەرنى يورۇتۇپ تۇراتتى، ئۇ دەرەخلەر تۇياۋلىقلار ياخشى كۆرىدىغان شەمشاد ۋە چاي دەرىخى ئىدى. يىراقتىن شارقىراتمىنى كۆرگىلى بولاتتى، ئۇ خۇددى كۆمۈش شوتا بىلەن يۇقىرىغا يامىشىپ چىققاندەك كۆرۈنەتتى. ھەممىلا يەر يېشىللىق، جىمجىتلىق بىلەن تولغان ئىدى.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەڭ بۇرۇن چوڭ گۇيشەن تېغىغا يېتىپ بارغان ئەجداتلار بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، تۇرۇپ قالغان ئىكەن. بۇ يەردە تاغنىڭ توسۇقى، سۇنىڭ نەملىكى، ئورماننىڭ بېغىشلىشى، زىمىننىڭ نىممىتى بار. ئۇ چاغدا ھەممە ئادەملەرنىڭ قەلبى ئارزۇ- ئارمانلارغا تولغان، كۆز يېشى ۋە قايغۇ- ھەسرەت ئاز ئىدى، قەيسەر كىشىلەر ھەمىشە ناھايىتى كىچىك يەرلەرنى ئېچىپ، يەر تېرىيتتى، بۇ يىل بۇ يەرنى تېرىسا، كېيىنكى يىلى ئۇ يەرگە بېرىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كىمنىڭ قىزى تاغ سىرتىغا ياتلىق بولۇپ چىقسا، پۈتۈن كەنتتىكىلەر شۇ كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۈچ كۈن مېھمان بولىدىكەن. ئاددىي تۇرمۇش شارائىتىدا، شۇنچە كۆپ كىشىلەرنى مېھمان قىلىش تەس بولغاچقا، كېيىنچە بۇ ئادەت تەدرىجى قېپ قالغان ئىكەن. نېمىشقا بۇنداق قائىدە پەيدا بولۇپ قالغان؟ ئاقساقالنىڭ دىيىشىچە، سىرتتىكى قىزلار بۇ يەرگە يادلىق بولۇشنى خالىمايدىكەن، كەنتتىكى قىزلار ياتلىق بولۇپ كەتسە، تۇياۋلىقلار بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىدىكەن. بىراق، ھازىر بۇ قائىدە ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قاپتۇ. مەن يەنە بىر جايدا توي بولۇۋاتقان قىز- يىگىتلەرنىڭ بىر- بىرىگە دۇمبىسىنى قىلغان ھالدا، قىزىل لېنتا بىلەن باغلاپ قويۇلغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم. كىيىم ـ كېچەكلىرى شۇنچىلىك نەپىس ۋە كۆركەم بولۇپ، بىر ئادەمنى تاڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ چاغدا، ھەممە ئائىلىنىڭ ئۈستەللىرى رەتلىك تىزىلىپ، ئۇزۇن زىياپەت ئۈستىلى تەييارلانغان بولۇپ، گۈرۈچ ھارىقى توختىماي قۇيۇلۇپ، ناخشا- ئۇسسۇل ھەمىشە ئوتقا ئەگىشىپ ئەتىگەندىن- كەچكىچە داۋاملىشاتتى.
توينىڭ قائىدىلىرى بۇرۇنلا بۇزۇپ تاشلانغان بىلەن، ئۇنىڭدىن باشقا قائىدىلەر ئۇزاققىچە ساقلانغان ئىدى، ئەگەر بىرەر ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئوغرىلىق قىلغانلىقى بايقالسا، بۇ ئائىلىدىكىلەر ھەر بىر كىشىگە يېرىم جىڭ گۆش ۋە گۈرۈچ بېرىپ گۇناھىنى بوينىغا ئېلىشى كېرەك. بۇنداق قائىدە كەنتنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ- ئامانلىقىنى ساقلىغان، ئەمما كىشىلەرمۇ سەمىمىي، راستچىل ئىدى. تۇياۋلىقلار، كېيىنچە سىرتقى دۇنيانى چۈشۈنۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتكەن.
تەخمىنەن 20 يىل بۇرۇن، ھەر قايسى كەنتلەرگە تۇتىشىدىغان يول يەنىلا قول تراكتورى قاتنايدىغان تار توپىلىق يول ئىدى. تۇياۋلىقلار بازارغا بارماقچى بولسا، تاڭ ئاتماستىنلا يولغا چىقىپ، قاراڭغۇ چۈشسىمۇ قايتىپ كېلەلمەيتتى. ھەر يىلى دېھقانلار كالىندارى بويىچە ئاق شەبنەم كۈنىدە كەنتتىكى بارلىق تۇياۋلىقلار ئوزۇق تۈلۈكلىرىنى تەييارلىۋىلىپ ئۆيىگە قايتماي، يول ياسايتتى.
چىڭقى چۈشتىكى قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىلىق بىلەن چىچىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئادەملەر كەلگەن كىشىگە قاراپ كۈلۈپلا قويۇپ، ئورنىدىن تۇرمايتتى. تاماكا چېكىۋاتقانلارمۇ، سىۋەت سوتۇۋاتقانلارمۇ ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل ئىدى. بۇمۇ ئادەمنى ئەركىن ھېس قىلدۇراتتى. مەن چاي سېۋىتى توقۇۋاتقان بىر ئايالدىن ئىسمىنى سورىغان ئىدىم، خېلىدىن كېيىن ئاندىن ئاران تەستە ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ جاۋ ليۇلەن ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىم. ئۇنىڭ قولى ئىزچىل ئىنچىكە، ئۇزۇن بامبۇك نوتىلىرىنى توقۇۋاتاتتى. ئۇنىڭدىن ياتلىق بولغان- بولمىغىنىنى سورىسام، ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ، تاغلىق قىزلارغا خاس تارچىنچاقلىقىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىل تارچىنچاقلىق بىلەن توقۇپ چىقىرىلغان چاي سىۋەتلىرىگە سېلىنغان چايلارنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولسا كېرەك. ئۇ باشقا بىر كەنتتىن ياتلىق بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئەزەلدىن تاغدىن چىقىپ باقمىغان، خېجۇ ۋە پىڭگۈي دېگەن يەرگە بېرىپ باقمىغان، پەقەت ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى بازارغا بېرىپ باققان ئىكەن. ئۆزى مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولغاچقا، بالىلىرىنى ئوقۇتىۋېتىپتۇ. كەنتتە ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار ئىكەن، لېكىن پەقەت، 1-، 2- يىللىققىچە ئوقۇتقىلى بولىدىكەن، 3- يىللىققا چىققاندا كەنت كومېىتېتى تۇرۇشلۇق جايغا بېرىپ، بەيخۇچۇڭدا ئوقۇيدىكەن.
فەن يۆ ئائىلىسىگە كىردۇق، ئوچاقتا ئوتۇن كۆيىۋاتقان، ئېسىقلىق قاسقاننىڭ  ئەتراپىدىن ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ئەسلىدە ئۆي ئىگىسى ھاراق ياساۋاتقان ئىكەن. ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە لاپاس ياسالغان بولۇپ، ئۆي ئىگىسى لاپاس ئۈستىدە چاي بارلىقىنى ئېيتتى. يىل بويى تاغدا ياشايدىغان تۇياۋلىقلاردا چاينى دورا ئورنىدا ئىشلىتىدىغان ئادەت بار ئىكەن. چاي سېۋىتىنى ئاشخانىنىڭ بالىخانسىغا قويۇپ قويىدىكەن، بۇنداق بولغاندا ھەم ھاشارەتلەردىن ساقلانغىلى ھەم كۆكىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن. ئۇلاردا چاي بېقىش دەيدىغان سۆزى بار ئىكەن. كېيىن شىنەن كەنتىدە قارا چاي زاۋۇتىنىڭ ئىگىسى لاۋ خېينى كۆرۈپ قالدىم، لاۋ خېي چايزارلىقنى ئەھۋالى ياخشى ئائىلىلەرگە تاپشۇرۇپ، تەخمىنەن بىر يىل باققۇزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. لاپاسنىڭ ئاستىدا، بايىلا ئوت قالىغان ئوتدان تۇراتتى.
مەن ئوقۇتۇش ئورنىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. تاغ يولى بەك تار، تىك بولۇپ، سان- ساناقسىز قىيالارنى ۋە ئاز ساندىكى كونا ئۆيلەرنى كېسىپ ئۆتتۇق. يولدا بىر نەرسە تېگىپ كېتىپ، سول مۈرەم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى، ئارقىدىنلا بۇ يولنىڭ مېۋە بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. يىڭ پېڭ ئۇنى نەشپۈت دېدى. يىڭ پېڭ بۇ يەردە تۇرغىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئۇ داچۇڭغا ناھايىتى تونۇش ئىدى.
دۆڭدىن ئايلىنىپ ئۆتتۇق. بالىلار ھەر كۈنى مۇشۇنداق يامىشىپ چىقامدۇ؟ يىڭ پېڭ مېنى ھەيران قالدۇردى، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى كۆنۈپ كېتىپتۇ، جاپا ھېس قىلمايدىكەن. ئارقىدىنلا مەن بالىلارنى كۆردۈم، ئۇلار سىنىپنىڭ ئالدى- كەينىدە ئويناۋاتاتتى. ئوقۇتۇش ئورنى تار بولۇپ، بىرلا سىنىپ بار ئىدى، 1-،2- يىللىقتىكىلەر مۇشۇ سىنىپتا ئوقۇيدىكەن. بىردىن- بىر ئوقۇتقۇچى مۇشۇ كەنتتىن بولۇپ، ئۇ 20 يىللىق ئوقۇتۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەن. مەن: «1-، 2-يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر سىنىپتا قانداق دەرس ئۆتكىلى بولىدۇ» دەپ سورىدىم. ئۇ بىرىنچى يىللىقتىكىلەرنىڭ سول تەرەپتە، ئىككىنچى يىللىقتىكىلەرنىڭ ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرىدىغانلىقى، سول تەرەپتە دەرس سۆزلىگەندە، ئوڭ تەرەپتىكى ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغانلىقى، ئوڭ تەرەپتە دەرس ئۆتسە، سول تەرەپتىكىلەر تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە بىر يىللىقنىڭ دەرسىنى ئاڭلايدىغان بالىلارمۇ بولامدۇ؟ دەپ سورىدىم. بار ئىكەن. بۇ چاغدا بالىلار كىردى، ھەممىسى ئالتە ياشتىن، سەككىز ياشقىچە بالىلار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى مۇنداقلا سوراپ قويدۇم، ئۇلارنىڭ دەرسلىك كىتابىنى ۋاراقلاپ باقتىم. ئۇلارنىڭ چىرايىدىن خىجىللىق چىقىپ تۇراتتى. بىز كېتىدىغان چاغدا، گۆدەك ئاۋازنىڭ تاغ ئارىسىدا ياڭرىغانلىقىنى ئاڭلىدۇق: ئەگىم ئاي ئاسماندا، ئەگىم ئېقىم، ئاقار تاغلاردا.
بەيخۇغا كەلگەندە رەڭلىك كىيىم كىيگەن بىر توپ بالا بامبۇك خادىسىدىن سەكرىدى، بامبۇك خادىسىدىن جاراڭلىق ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۈچىنچى، تۆتىنچى يىللىقتىكى بالىلار ھەر قايسى تاغدىكى ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدىن يىغىلىپ كەلدى. مەن بىلىمەن، بۇ بالىلار بىر ـ بىرلەپ تاغدىن چىقىپ كېتىدۇ. كەنت ئاھالىسى خۇڭ فاڭنىڭ قىزى پىڭگۇيدىكى سىفەن مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەتتى. ئۇ، قىزى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تاغقا قايتىپ مۇئەللىم بولىدىغانلىقىنى، قىزىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بەزى بالىلار كەلگۈسىدە تاغنىڭ سىرتىدا كېلىن ياكى كۈيوغۇل بولۇپ كېتىدۇ. كېيىن «بۇ مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان جاي» دەپ قايتىپ كېلىپ تۇغقان يوقلايدۇ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىدا ئىپتىخارلىق تۇيغۇلىرى بار. ئۇلارنىڭ يۇرتىنىڭ زېمىنى كەڭ، بىر كەنت سانسىزلىغان تاغ ـ دەريالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
تاغدىن يېنىپ چىققاندا، گۇگۇم چۈشكەن ئىدى، يەنىلا قاتمۇ- قات تاغلاردىن ھالقىپ، سىرتقا قاراپ ماڭدۇق. تاغنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە، قىپقىزىل كەچكى شەپەق تاغنىڭ چوققىسىدا كۆرۈنۈپ، دەريا خۇددى پەستىن يامىشىپ چىققاندەك، ئېغىر تاغ بىلەن كەچكى شەپەقنى سۈزۈپ، دەرەخلەرنى يىراققا ئېلىپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. يەنە بىر تاغنى ئايلىنىپ ئۆتكەندە، كەچكى شەپەقمۇ كۆرۈنمىدى، نەگە يوشۇرۇنىۋالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى.
 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى